دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ميۇنخېندا ئىشخانا ئۆيى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك باشلاتتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ميۇنخېندا ئىشخانا ئۆيى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك باشلاتتى

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ميۇنخېندا ئىشخانا ئۆيى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك باشلاتتى

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» ئىجتىمائىي تور تاراتقۇسىدىن ئېلىندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 12-مارت كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئەتىگەنلىك ناشتا سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزىي ئورگىنى ئۈچۈن ميۇنخېن شەھىرىدە مەخسۇس ئىشخانا ئۆيى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىئانە توپلاش سەپەرۋەرلىكى باشلاتتى.
ناشتىلىق سۆھبەتتە سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم، قۇرۇلتاينىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە ۋە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغان 2004-يىلىدىن بۇيان قۇرۇلتاينىڭ مەركەزدىكى رەھبەر ۋە خادىملىرىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئىجارىگە ئېلىنغان ئىشخانىدا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا 200 مىڭ ياۋرۇدىن ئارتۇق كىرا تۆلىگەنلىكىنى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى ئەڭ يۈكسەك ۋەكىللىك ئورگىنى ھېسابلانغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرغىچە ئۆزىگە ئائىت بىر شەخسىي ئىشخانىسىنىڭمۇ بولماسلىقىنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىش بىلەن بىرگە، 2024-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زور كۆلەملىك خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا سوۋغا سۈپىتىدە قۇرۇلتاي مەركىزىي ئورگىنىنىڭ ئىشخانا ئۆيى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان گېرمانىيەدىكى، بولۇپمۇ ميۇنخېن شەھىرىدىكى پىداكار قېرىنداشلىرىمىزنى قۇرۇلتاي ئۈچۈن ئىشخانا ئۆيى سېتىۋېلىش ھەرىكىتىگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
ئەتىگەنلىك ناشتا سۆھبىتىگە قاتناشقان 100 گە يېقىن قېرىندىشىمىز قۇرۇلتاينىڭ بۇ چاقىرىقىغا قىزغىنلىق بىلەن ئاۋاز قوشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
تۇنجى بولۇپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم ئۆزىنىڭ بىرقانچە تىلدا نەشر قىلىنغان «خىتاينىڭ ئەركىنلىك تۇزىقى» ناملىق كىتابىدىن كېلىدىغان 50 مىڭ ياۋرۇلۇق قەلەم ھەققىنى قۇرۇلتاينىڭ ئىشخانا ئۆيى سېتىۋېلىشىغا تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن قېرىنداشلىرىمىز بەس-بەستە پۇل ئىئانە قىلىشقا باشلىدى ۋە شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا جەمئىي 150 مىڭ ياۋرۇدىن ئارتۇق ياردەم توپلاندى، ئەتىگەنلىك ناشتا سۆھبىتىگە قاتناشقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر بىرىنىڭ قىلغان ياردىمى 500 ياۋرۇدىن تۆۋەن بولمىدى.
ئۇندىن باشقا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىمۇ مەزكۇر كامپانىيەگە ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىشقا باشلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە چەت ئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلماي تۇرۇپلا ئىككى كۈن ئىچىدە ئىشخانا ئۆيى سېتىۋېلىشقا كېرەكلىك بولغان ئىقتىسادنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ميۇنخېندىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن ۋە قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىدىن توپلاپ بولدى.
ئەگەر بۇنىڭ ئۈچۈن ياردەم بېرىشنى ئارزۇ قىلغان تەشكىلاتلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز بولسا، قۇرۇلتاي مەركىزىي ئىشخانىسى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلەشسە بولىدۇ.
ئالاقىلەشكۈچىلەر: تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم، ئابدۇجېلىل ئەمەت قارىھاجىم
ئالاقىلىشىش نومۇرى :
+49 176 10382764
+49 176 28580160
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: خىتاينىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى

سە مارت 14 , 2023
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: خىتاينىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى

You May Like