ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 26-ماي
گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلىۋاتقان 3 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پشقەدەملەردىن بولغان، قۇرۇلتاي قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئەركىن ئالپتېكىن ۋە قازاقستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولغان قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىلەرگە شەرەپنامە تەقدىم قىلدى ۋە تون كەيدۈردى.