دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي شۇراسى ئەنقەرە ئېچىلدى

12- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى بۈگۈن (26- سىنتەبىر) تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە، مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىكىدە غەلىبىلىك ئېچىلدى.

ئامىنە ۋايىت (سەدەف)
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 26- سىنتەبىر

 

12- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق  ئۇچرىشىشى ۋە 3- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى بۈگۈن (26- سىنتەبىر) تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە، مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە  تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىكىدە غەلىبىلىك ئېچىلدى.

 

 ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان يىغىنغا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى تەشكىلات، جەمئىيەتلەر مەسئۇللىرى، دوكتۇر، ئاسپىرانت، زىيالىيلار ۋە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى  ۋەكىللىرى، شۇنداقلا  مۇھاجىرلار ئىدارىسى  مۇدىر ياردەمچىسى دوكتور گۆكچە ئوكې ئەپەندى قاتارلىقلار  قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى  تەشكىلاتىدىن روشەن ئابباس خانىم  ۋە بىرقىسىم ياۋرۇپا، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئىكران ئارقىلىق بۇ نۆۋەتلىك يىغىن قاتناشقۇچىلىلىرىغا سالام يوللىدى ۋە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

 

ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىندا دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، دوكتۇر ئەركىن ئەمەت، دوكتۇر شەۋكەت ناسىر، دوكتۇر نۇرىددىن ئىزباسار ۋە نىجات تۇرغۇنلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا «خىتاي-تۈركىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان»، «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان»، «خىتاينىڭ ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان»، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۆرىشىدىكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرنىڭ رولى» دېگەن تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى.

 

يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى قىسمىدا دوتسېنت، دوكتۇر بورھان ئۇلۇغ يول، دوكتۇر قۇتلۇق قادىر ۋە ئابدۇراخمان جامال قاتارلىقلار «مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار نىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى»، «ئەدەبىياتنىڭ شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسىدىكى رولى» دېگەن تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى.

 

يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىۋاتقان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي شۇرانىڭ مەقستى  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە شەرقىي تۈركىستان  داۋاسىدىكى مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ، داۋا سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئىستانبۇلدىكى ئەركىن پائالىيەتچى ياشلارنىڭ بۇ ھەپتىلىك پائالىيىتى

شە سېنتەبىر 26 , 2020
ئىستانبۇلدا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئائىلىسى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ياشلار بۈگۈن يەنە يېڭىچە بىر پائالىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى.

You May Like