خىتاي سىقىپ چىقىرىلغان دۇنيا دېموكراتىيە يىغىنىغا تەيۋەن تەكلىپ قىلىنغان

خىتاي سىقىپ چىقىرىلغان دۇنيا دېموكراتىيە يىغىنىغا تەيۋەن تەكلىپ قىلىنغان

سۈرەت مەنبەسى: پرىزېدېنت سەي يىڭۋېننىڭ فەيسبۇك بېتى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 24-نويابىر

11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «دۇنيا دېموكراتىيە رەھبەرلىرى» يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان 110 دۆلەتنىڭ تىزىملىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن، ئەمما تەيۋەننىڭ بۇ تىزىملىككە كىرىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بۇ يىل فېۋرالدا قىلغان ئۆزىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك تاشقى سىياسەت نۇتقىدا «دۇنيا دېموكراتىيە رەھبەرلىرى» يىغىلىشى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى رەھبەرلىك ئورنىغا قايتىپ كېلىپ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بۇ قېتىمقى يىغىن بايدىننىڭ مەزكۇر پىلانى بويىچە 12- ئاينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەر ئۈچۈن يېڭى بولغان بىر مۇنازىرە سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىشنى مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ سەھنە ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، دۇنيانىڭ دېموكراتلىشىش يولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ھەرخىل ئەھدىنامە، ئىسلاھاتلار مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىشى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن تۈزىگەن ئەھدىنامىلەرگە ئاساسەن بىر خىتاي سىياسىتىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى دۇنيانىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ جار سالغان.

ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىگە جاۋابەن تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق « ئىقتىساد- مەدەنىيەت باشقارمىسى» بايانات بېرىپ تەيۋەننىڭ مەزكۇر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا تەيۋەن ئىجرائىيە مەھكىمىسى مەمۇرىي ئىشلار ۋەكىلى تاڭ فېڭ ۋە تەيۋەننىڭ ئامېرىكىدىكى ئىش بېجىرىش ۋەكىلى شىياۋ مېيچىن قاتارلىقلارنىڭ تەيۋەنگە ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

24- نويابىر تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئۆزىنىڭ فەيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا بايانات بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان: « تەيۋەن دۇنياغا ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە ھەققىدىكى ھېكايىلىرىنى ھەمبەھىرلىمەكچى! يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدا تۇنجى نۆۋەتلىك « دۇنيا دېموكراتىيە رەھبەرلىرى» (Summit for Democracy) يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى، دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن سىياسىي كومىسسار تاڭ فېڭ ۋە ئامېرىكىدىكى ۋەكىلىمىز شىياۋ مېيچىن بۇ يىغىنغا قاتنىشىدۇ. 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىن رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى 100دىن ئارتۇق دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. 

بۇ يىغىندا تۆۋەندىكى ئۈچ تېما ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقچى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش؛ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تەيۋەن دۇنيادىكى دېموكراتىيە مۇداپىئە سېپىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرخىل تەھدىت ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلسەكمۇ ئىزچىل ھالدا دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىمىزگە ئەمەل قىلىپ بۇلارغا تاقابىل تۇرۇپ كەلدۇق، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە دېموكراتىيە بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش تەجرىبىمىزنى نامايان قىلدۇق. 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان تەيۋەن بىلەن بولغان «ھەقىقىي دوستلۇق، ھەقىقىي ئىلگىرىلەش» پرىنسىپىدىكى مۇستەھكەم ھەمكارلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغانلىقىغا شۇنداقلا بىزنى بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلغانلىقىغا كۆپ رەھمەت، مەن ۋەكىللىرىمىزدىن باش ئەلچى مېيچىن ۋە سىياسىي كومىسسار تاڭ فېڭلارنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تەيۋەننىڭ ئىلىم-پەن ۋە رەقەملىك تېخنىكىلار ئارقىلىق دۆلەت باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇتۇق قازانغان تەجرىبىلىرىنى شۇنداقلا تەيۋەننىڭ دېموكراتلىشىش يولىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ھېكايىلىرىنى ھەمبەھىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز داۋاملىق تۈردە ئورتاق قىممەت قاراشقا ئىگە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر  ھەمكارلىشىپ دۇنيا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كۈچ قوشۇشقا تىرىشىمىز.» 

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شى جىنپىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ؟

چا نويابىر 24 , 2021
شى جىنپىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ؟