دۇنيا بانكىسى تۈركىيەگە 1مىليارد 750 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئېھسان شۈكران
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 11-فېۋرال
دۇنيا بانكىسىنىڭ 10-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە قارىتا 1 مىليارد 780 مىليون دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا بانكىسى «ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر ئاپەت» دەپ تەسۋىرلەنگەن قەھرىمان ماراشتىكى 10 ۋىلايەتكە تەسىر قىلغان ئېغىر يەر تەۋرەشتىن كېيىن تۈركىيەنى 1 مىليارد 780 مىليون دوللار ياردەم بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن :«ئاپەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى مۆلچەرلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇشنى قوللايدىغان مۇھىم رايونلارنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە زىياننى مۆلچەرلەش خىزمەتلىرى باشلاندى. تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ئېغىر زىيان ، يارىلىنىش ۋە ئىنتايىن زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر يەر تەۋرەش ۋە يەر تەۋرەشتىن كېيىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە 1 مىليارد 780 مىليون دوللار ياردەم قىلىنىدۇ.»