خىتاينىڭ دۇبەيدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى ئاشكارىلاندى

دۇبەيدىكى خىتاي تۈرمىسى ئاشكارلاندى

 ئارمان 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 16-ئاۋغۇست

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ(Associated Press) 16- ئاۋغۇست خەۋىرى: «بىر نەپەر خىتاي ئايالنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئايال بىلەن خىتاينىڭ دۇبەيدىكى بىر مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا 8 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغان، بۇ بەلكىم خىتاينىڭ چېگرا سىرتىدا خۇپىيانە قۇرغان تۈرمىسى توغرىسىدىكى تۇنجى ئىسپات بولۇشى مۇمكىن».

مەزكۇر خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە: بۇ ئايالنىڭ ئىسمى ۋۇ خۇۋەن بولۇپ، بۇ يىل 26 ياشتا ئىكەن. ئۇنىڭ مۇخبىرغا بايان قىلىشىچە ئۇ بولغۇسى يولدىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىردە بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن قېچىپ چىققان، ئەمما دۇبەيدىكى بىر مېھمانخانىدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن يوشۇرۇن ھالدا شۇ جايدىكى بىر داچىدىن ئۆزگەرتىلگەن تۈرمىگە ئوخشاش يەرگە ئېلىپ كېلىنىپ قاماپ قويۇلغان، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ يەردە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقا ئىككى نەپەر مەھبۇسنىمۇ كۆرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىكەن.

ۋۇ خۇەننىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇ شۇ جايدا خىتاي تىلىدا سوراققا دۇچ كەلگەن، ۋە تەھدىتلەرگە ئۇچرىغان بولۇپ، تۇتۇلۇپ 8 كۈندىن كېيىن قويۇلۇپ بېرىلگەن، ئۇ ھازىر گوللاندىيەدە پاناھلانماقتا ئىكەن. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ، ھازىرغىچە تېخى بۇ ئايالنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ياكى ئىنكار قىلىدىغان ئېنىق ئىسپاتلارنىڭ يوقلۇقىنى، ۋۇ خۇەننىڭمۇ دۇبەيدىكى تۈرمىنىڭ ئېنىق ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكىنى ئەمما ئۇنىڭ تېلېفونىدا ساقلىۋالغان بىر نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئۇنى سوراق قىلىش جەريانىدىكى ئاۋازلىق ئىسپاتىنىڭ بارلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ تۈرمە ئىچىدىن سىرتقا يوللىغان ئۇچۇرلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي بايانلار بېرىلگەن.

16-ئاۋغۇست خىتاي باياناتچىسى بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلىپ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى يالغانغا چىقارغان. خىتاينىڭ دۇبەيدە تۇرۇشلۇق كونسۇلىمۇ بۇ ھەقتە تا ھازىرغىچە ئىنكاس قايتۇرمىغان. دۇبەي ساقچى تەرەپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئوخشاشلا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا تېخىچە ئىنكاس قايتۇرمىغان.

دۇبەيدىكى خىتاي تۈرمىسى

ۋۇ خۇەن ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇش جەريانىدىكى سەزگۈرەشتىلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: » مەن تۇرغان مېھمانخانىدىن تۇتۇلۇپ دۇبەيدىكى مەلۇم بىر ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىندىم، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئادىمى دەپ تونۇشتۇرغان لى شۈ خاڭ ئىسىملىك بىر كىشى كەلدى، ۋە مېنى چەتئەلنىڭ پۇلىنى ئېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇردۇڭمۇ يوق دېگەندەك سوئاللار بىلەن سوراق قىلدى…ئاندىن ئۇ يەنە بىر خىتاي بىلەن مېنى ساقچىخانىدىن ئېلىپ چىقىپ قولۇمغا كويزا سېلىپ بىر قارا رەڭلىك » تويوتا» ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى. ماشىنىدا بىرقانچە خىتاي بار ئىكەن، شۇ چاغدا بەك قورقۇپ كەتكىنىمدىن ئۇلارنىڭ چىرايىغىمۇ قارىيالمىدىم. يېرىم سائەتلەردىن كېيىن بىر تاشلاندۇق كوچىغا كېلىپ توختىدۇق، ئۇ يەردە قاتارىغا بىر قانچە رەت ھويلىلىق ئۆيلەر بار ئىدى، بىز شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ قەۋەتلىك ئاق رەڭلىك بىر داچىغا كىردۇق. ئىچىدىكى ھەممە ھۇجرىلار تۈرمىنىڭ كامىرلىرىدەك ياساپ قويۇلغان ئىكەن. مېنى قامىغان كامېردا بىر تال كارىۋات بىر تال ئورۇندۇقتىن باشقا ھېچنېمە يوق بولۇپ، كۈچلۈك ئاق نۇرلۇق چىراغ كېچە كۈندۈز يورۇق تۇراتتى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا نە كېچە بىلەن كۈندۈزنى نە ۋاقىتنى بىلگىلى بولمايتتى…مېنى بىر قانچە قېتىم سوراققا ئېلىپ چىققان بولۇپ، سوراقچىلارنىڭ ھەممىسى نىقاب تاقىۋالغان، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. بىر قېتىم ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ماڭا تەھدىت سېلىپ «مەڭگۈ بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ چىقىشىڭ مۇمكىن ئەمەس » دەپ ۋارقىرىغان ئىدى». 

«دۇبەي تۈرمىسى» دىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار

ئۇ مەزكۇر تۈرمىدە ئۇيغۇرلارنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: » بىر قېتىم مەن تازىلىق ئۆيىگە كىرىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرغىنىمدا باشقا يەنە بىر مەھبۇسنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇ بىر ئۇيغۇر ئايال ئىدى. يەنە بىر قېتىم مەن بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ خىتاي تىلىدا » مېنىڭ خىتايغا قايتقۇم يوق، مېنىڭ تۈركىيەگە كەتكۈم بار» دېگىنىنى ئاڭلىدىم، ئۇلارنىڭ شىۋىسىدىن  ئۇيغۇرلۇقىنى جەزملەشتۈردۈم».  ۋۇ يەنە بۇ تۈرمىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ، كۈندە ئىككى ۋاق تاماق بېرىدىغانلىقىنى، تاماقلارنىڭ پەقەت ئادەتتىكى قاتلىما ئىكەنلىكىنى، تازىلىق ئۆيىگە چىقىش، سۇ ئىچىش قاتارلىق ئىشلاردا چوقۇم تۈرمە كۈزەتكۈچىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

دۇبەيدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2018- يىلىنىڭ باشلىرىغىچە ئاز دېگەندىمۇ 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ دۇبەيدىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا توختالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۇبەيدە ياشاپ كەلگەن ئەخمەت تالىپ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ قايتۇرۇلغانلىق توغرىسىدىكى ئۇچۇر بېرىلگەن.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر 17 ياشلىق ئۇيغۇر ياشنى مېھمانخانىدىن سەككىز كىشىنىڭ كىرىپ تۇتۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ بېرىلگەن. خىتايغا قايتۇرۇلغان ھۈسەيىن ئىمىنتوختى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئايالى نىگارە يۈسۈپنىڭ بايان قىلىشىچە ئەينى چاغدا يولدىشىنى خىتايغا قايتۇرۇشتىن بۇرۇن ئۈچ نەپەر خىتاي ئىشپىيونى ئۇلارنى دۇبەيدىكى ئۇيغۇر رېستورانىدا پايلاپ يۈرگەن ئىكەن. يەنە بىر نەپەر قايتۇرۇلغان كىشى ياسىنجان مەمتىمىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بايان قىلىشىچە ئەينى چاغدا خىتاي ساقچىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىككى كىشى يولدىشىنى ئىككى قېتىم سوراق قىلغان ئىكەن. بۇ ئايال ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بولۇپ، ئۇمۇ دۇبەيدە ئۇيغۇرلارنى سولايدىغان تۈرمىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ مۇخبىرلارغا بۇ ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆزلەپ، بۇرۇن خىتاي تەرىپىدىن ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە زورلانغان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيەدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ دۇبەيگە بېرىپ خىتاي ئىشپىيونلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ پۇل، تېلېفون كارتىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئۆزىگە سۆزلەپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى بەرگەن. 

فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، دۇبەيدە نۇرغۇنلىغان باشقا دۆلەتلەرگە چېتىشلىق بولغان مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى مەۋجۇت ئىكەن. مۇستەقىل قانۇن تەشەببۇسچىسى رادخا ستېرلىڭ (Radha Stirling) «دۇبەيدىكى تۇتقۇنلار» نامىدا تەشكىلات قۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ھازىرغا قەدەر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى نۇرغۇنلىغان داچىلاردىن كانادا، ھىندىستان، ئىيوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ قامالغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بار بولۇپ، ئەمما خىتاي پۇقرالىرى توغرىسىدا تېخى بۇنداق ئۇچۇرلار تېخى يوق ئىكەن. ئۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: » شۇ مەسىلە ئېنىقكى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۆزلىرى ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتقان باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇتۇپ بەرگەن، مەنچە بولغاندا ئۇلار ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ھەمكارلىقىدىكى خىتاينىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلمايدۇ ئەلۋەتتە.»

 

Uyghur Reporter

Next Post

شەرقى تۈركىستان- پانىي دۇنيادىكى دوزاخ

دۈ ئاۋغۇست 16 , 2021
شەرقى تۈركىستان- پانىي دۇنيادىكى دوزاخ

You May Like