دونالد ترامپ: «خىتاي ۋىروسى» دەپ ئاتاش ئىنتايىن توغرا !

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى (17-مارت) «خىتاي ۋىروسى» دېگەن سۆزنى قوللانغانلىقىنى ئاقلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىروسنى ئامېرىكا ئارمىيىسى خىتايغا ئېلىپ كەلگەن دەپ يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قوللانغان. ئۇ بۇ سۆزنى قوللىنىشتا ۋىروسنىڭ كىلىش مەنبەسىنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، بۇ «ئىنتايىن ئىنىق» ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 17-مارت

 

تەييارلىغۇچى: سەبرى

 

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى (17-مارت) «خىتاي ۋىروسى» دېگەن سۆزنى قوللانغانلىقىنى ئاقلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىروسنى ئامېرىكا ئارمىيىسى خىتايغا ئېلىپ كەلگەن دەپ يالغان ئۇچۇر تارقاتقانلىقى تۈپەيلىدىن قوللانغان. ئۇ بۇ سۆزنى قوللىنىشتا ۋىروسنىڭ كىلىش مەنبەسىنى كۆزدە تۇتقان بولۇپ، بۇ «ئىنتايىن ئىنىق» ئىكەن.

 

پرېزىدېنت ترامپتىن 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي ۋىروسى دېگەن سۆزنىڭ تالاش-تارتىش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ئۇنىڭ قانداق ئىنكاس بىلدۈرۈدىغانلىقى سورالدى. ترامپ مۇنداق دېدى :«خىتاي يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، بىزنىڭ ئارمىيىمىزنىڭ ۋىروسنى ئۇلارغا تارقاتقانلىقىنى ئ‍ېيتتى، بۇ يالغان. تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، مەن پەقەت ئۇنىڭ (ۋىروس) كىلىپ چىققان مەنبەسى بىلەن ئاتاشنى قارار قىلدىم، ئۇ خىتايدىن كەلدى. شۇڭلاشقا مىنىڭچە بۇ ئىنتايىن توغرا بولغان ئاتالغۇ. لېكىن مەن بۇنداق بىر ئەھۋالنى ياقتۇرمىدىم، ئۇ بولسىمۇ، خىتاينىڭ ۋىروسنى بىزنىڭ ئارمىيىمىز ئۇلارغا تارقاتتى دېيىشى. بىزنىڭ ئارمىيىمىز ھېچكىمگە ۋىروس تارقاتقىنى يوق.»

 

https://twitter.com/VOAChinese/status/1239983224379637760?s=20

 

ترامپ بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشىنى دۈشمەنلىك پەيدا قىلىدۇ دېگەن تەنقىدلەرنى رەت قىلدى. ئ‍ۇ مۇنداق دېدى:« ياق، مەن بۇنداق قارىمايمەن. مەن بىزنىڭ ئارمىيىمىزنى ۋىروس تارقاتتى دېيىشىنى دۈشمەنلىك پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايمەن.»

 

مەنبە: ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

مۇڭغۇلىيە 2025-يىلىدىن باشلاپ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى كونا مۇڭغۇل يېزىقىنى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى

شە مارت 21 , 2020
3-ئاينىڭ 18-كۈنى، موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى «مۇڭغۇل يېزىقى دۆلەت پىلانى» (3) نى رەسمىي ماقۇللاپ، 2025-يىلىدىن باشلاپ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى مۇڭغۇل يېزىقىنى (يەنى كونا مۇڭغۇل يېزىقى) تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇ پىلانغا ئاساسەن، موڭغۇلىيە 2025-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئىشلىرىدا كىرىل مۇڭغۇل يېزىقى ۋە كونا مۇڭغۇل يېزىقىنى بىرگە قوللىنىپ، بۇندىن كىيىن پۈتۈنلەي كونا مۇڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىكەن.

You May Like