دىسنىي شىركىتى پىچاندا فىلىم ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن بايقۇت قىلىنىشقا دۇچ كەلمەكتە

ئ‍ۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تارىم

2020-9-7

دىسنىي شىركىتى خىتاينىڭ تارىخى فىلىمى « خۇا مۇلەن» دىگەن فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا 20 نەچچە ئورۇندا فىلىمغا ئالغان بولۇپ، بۇلار قاتارىدا پىچانغا جايلاشقان تۇيۇق يىزىسىمۇ بار. بۇ فىلىم 2018- يىلى پىچاندا فىلىمگە ئىلىنىۋاتقاندا لاگىرلارغا ئادەم تۇتقۇن قىلىش تولىمۇ ئەۋج ئالغان مەزگىل بولۇپ، دىسنىي شىركىتىنىڭ كىنو ئىشلىشى ئۈچۈن يەرلىك ئامانلىق ئورگانلىرى ئالاھىدە ياردەملەشكەن. دىسنىي شىركىتىمۇ يەرلىك ئورۇنلاردىن سەككىزىگە ئالاھىدە رەھمەت ئىيىتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كىنو ئىشلىۋىلىشى ئۈچۈن قانچىلىغان ئۇيغۇرلار خىتانىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا يەنجىلگەنلىكى بىلەن ھىسابلاشمىغان.

ھىكايىدىكى باش پىرسۇناژ خۇا مۇلەن 5-ئەسىردە دادىسىغا ۋاكالەتەن ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ، شىمالدىن كىرگەن تاجاۋۇزچىلارغا قارشى جەڭ قىلغان ئايال قەھرىمان دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، دىسنىي شىركىتى 1998- يىلى ئۇ ھەقتە بىر كارتون فىلىم ئىشلىگەن.

بۇ قىتىم دىسنىي شىركىتى كىنو فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن خىتايدىكى داڭلىق ئايال چولپان لىيۇ يىفىينى باش رولچىلىققا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، لىيۇ يىفىي ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ خوڭكوڭ نامايىشىنى باستۇرۇشىنى قوللاپ ئىنكاس يازغانلىقى قارشىلىققا ئۇچرىغان ئىدى.

نۆۋەتتە، بۇ فىلىم ئۇيغۇرلارنى يىغىۋىلىش لاگىرلىرىغا سولىغان تۇرپان تۇرپان ساقچىلىرىغا رەھمەت ئىيىتقان دىسنىي ۋە خوڭكوڭ نامايىشىنى باستۇرۇشنى قوللىغان لىيۇ يىفىي سەۋەبلىك بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلىنماقتا.

ئەلۋەتتە، بۇ چاقىرىقنىڭ بىشىدا بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بولىشى لازىمدۇر!

https://www.theguardian.com/…/disney-remake-of-mulan-critic…Film credits offer thanks to eight government entities in region where rights abuses are alleged

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامېرىكا بېسۋىلىنغان ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنى سېتۋىلىشنى چەكلىمەكچى

سە سېنتەبىر 8 , 2020
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئافراسياپ، ۋاشنگىتون8-سىنتەبىر رويتىر ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاموژنا ۋە چىگرا قوغداش ئىدارسى بۈگۈن چۇشتىن كىين بۇيرۇق ئىلان قىلىپ، بېسۋىلىنغان ئۇيغۇر ۋەتىنى (شەرقي تۈركستان-ئۇيغۇرستان)دا ئىشلەنگەن ھەر قانداق مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزۈشنى چەكلىمەكچى ئىكەن. بۇ مەھسۇلاتلار ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلاردا كۇچلۇك تەسر قوزغىغاندىن كىين ئىلىپ بارغان يەنە […]

You May Like