ئەكرەم، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 5-دېكابىر
5-دېكابىر كۈنى پىيوڭياڭدا ئانىلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر پائالىيەتكە قاتناشقان كىم جۇڭئۇن سۆز قىلىپ، نوپۇسنىڭ ئازىيىپ كېتىشى دۆلىتىمىزنىڭ جىددى مەسلىسى، كۆپرەك بالىلىق بولۇش ھەر بىر ئۆينىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇشى كىرەك دىگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى شمالى كورىيە تۇغۇش نسبتى1.8 بولۇپ، بۇرۇنقىدىن تۆۋەنلەپ ماڭماقتا ئىكەن.
كىم جۇڭئۇن يەنە ئاياللارغا ھسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، دۆلەت ۋە پارتىيەنىڭ ئىشلىرىنى بىجىرىش بىلەن ئالدىراش بولسمۇ، ئانىلارنىڭ قىينچىلىقىنى ئويلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كۆز يېشى قىلغان ۋە يېشىنى سۈرتكەن