دەۋر بۆلگۈچ ئاستىرونومىيە ئالىمى سېتىۋىن خاۋكىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىردىن ئۈزۈندە رەتلەپ تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان سېتىۋىن خاۋكىڭ بۇگۇن 1942-يىلى -2018-يىلى ،76 يېشدا ۋاپات بولدى. بۇگۇنكى دۇنيادىكى تەسرى ئەڭ چوڭ تەبئى پەن ئالىمى ھاياتىنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئۆتكۇزدى،سۆزلىيەلمىگەچكە ئاۋازىنى ماشنا ئارقىلىق ئاڭلاتتى،ئنسانىيەتكە ئالەمنى ،ۋاقىتنى چۇشەندۇردى. ئۇ ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنۋېرستىتى نەزەرىيەۋى كوسمولوگىيە(كائىنات ئىلمى) مەركىزىنىڭ تەتقىقات يىتەكچىسى.ئۇنىڭ ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئىلمى بايقاش دەپ قارىلىدىغان <<قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيسى>>دە نەزەرىيەۋى پەرەز بولغان رادىئاتسيە چىقىرىدىغان قارا ئۆڭكۈر ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇ تۇنجى بولۇپ <<نسبىيلىك نەزەرىيسى >ۋە <كۇۋانىت مىخانىكىسى>>نى بىرلەشتۇرۇپ كائىنات نەزەرىيەسنى ئوتتۇرىغا قويغان ئالىمدۇر.ئۇ خاۋكىڭ رادىئاتسيەسى ،خاۋكىڭ فورمۇلاسى،خاۋكىڭ ئىنىرگىيەسى،خاۋكىڭ ئىففىكتى،خاۋكىڭ بوشلۇقى،خاۋكىڭ بەلبىغى دىگەن نەزەرىيەۋى بايقاشلىرى بىلەن تونۇلغان. 1985-يىلىدىن باشلاپ ،نەپەس ئىلىشى قىينلىشپ،پىروبىركىغا تايانغان بولۇپ،ئاۋازىنى ئۇققىلى بولمىغاچقا تاۋۇش پەرقلەندۇرۇش ماشنىسى ئارقىلىق سۆزىنى بىلدۇرۇشكە مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ «ۋاقىتنىڭ قسقىچە تارىخى »ناملىق كىتاۋى ئىلىم-پەن ساھەسدىكى ئەڭ كۆپ ستىلغان ئوقۇشلۇق بولۇپ قالغان. ھاياتى ھەققىدە: تولۇق،ئىزچىل بولغان،پەنلەرنى بىرلەشتۇرەلىگەن نەزەرىيە پەقەت بىرىنچى قەدەمدىن ئىبارەتتۇر،بىزنىڭ غايىمىز ئەتراپىمىزدىكى ئشلار ۋە ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنشتىن ئىبارەتتۇر،<<شۇنداق قىلغاندىلا بىز ياراتقۇچىنىڭ مەقسدىنى چۇشىنەلەيمىز>>،<<ئەمما ھەممىنى بىرلەشتۇرىدىغان نەزەرىيە مەۋجۇت ئەمەس>>. مەن 1942-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلدۇم،بۇ دەل دۇنياغا داڭلىق ئالىم گالىلىينىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 300 يىللىق خاتىرە كۈنى ،مىنىڭ پەرىزىمچە ،شۇ چاغدا تەخمىنەن 200 مىڭ بالا ئوخشاش كۇندە تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن،مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغاندىن كىين ئاستىرونومىيەگە قىزىزىدىغان بىرەرسنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلمەيمەن. كېسەلنىڭ تەسرى : كىشلەر دائىم مەندىن:ھەرىكەتچان نىرۋا ھۈجەيرە كېسلىنىڭ سزگە قانچىلىك تەسرى بولدى ؟-دەپ سورايدۇ.مىنىڭ جاۋابىم:چوڭ ئەمەس،مەن ئىمكانقەدەر نورمال كىشلەردەك ھايات كەچۇرۇشكە تىرىشمەن،ھەرگىزمۇ بۇ ئىغىر كېسلى ياكى ئۇنىڭ مەن قىلماقچى بولغان ئشلىرىمغا ئىلىپ كەلگەن تەسرى ئۇچۇن قايغۇرمايمەن. ھاياتنىڭ قىممىتى: مەن دوختۇرخانىدىن چېقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي،مەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر چۈش كۆردۇم،ئويغىنىپ ئويلنىپ قالدىم ،ئەگەر مەن ئۆلۈمدىن كەچۇرۇم قىلىنغان بولسام،ئۇنداقتا مەن يەنە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئشلارنى قىلالايدىكەنمەن،مەن دائىم كۆرىدىغان يەنە بىر چۈش،مەن ئۆزۇمنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىپ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش بولۇپ كەلدى،مەيلى نىمىلا بولمىسۇن،مەن ھامان ئۆلۇمگە يۇزلىنەتتىم،شۇڭا قىممىتى بار ئشلارنى قىلىش ئەرزىيدۇ. سز دۇنيادىن ئايرىلىش ئىھتماللىقىنى ھس قىلغىنىڭىزدا، ھاياتنىڭ ناھايتى قسقىلىقىنى ،قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئشڭىزنىڭ بارلىقىنى ھس قىلىسز. بىز كۆرىۋاتقان كائىنات: بىز ھازىر كۆرىۋاتقىنىمىز نەچچە مىلىيون يىللار ئىلگىرى ناھايتى يىراق يۇلتۇزلار سستىمىسدىن تارقالغان نۇر بولۇپ،بىز كۆرەلەيدىغان ئەڭ يىراق ماددىنىڭ نۇرىمۇ 8 مىلىيارد يىل ئىلگىرى تارقالغان.بۇنداق بولغاندا،بىز كۆرىۋاتقان كائىنات-كائىنانىڭ ئۆتمۈشىدىن ئىبارەتتۇر. تەقدىرگە مۇئامىلە قىلىش: مەن دىققەت قىلدىم،دائىم ھەممە ئشلارنى تەقدىر ئالدىن پۈتۈۋەتكەن دەپ توۋلايدىغان كىشلەرمۇ يولدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن،ماشنا سوقامدۇ-يوق دەپ ئىككى ياقىغا قاراپ ئاندىن ماڭىدىكەن. ۋاقىت توغىرسدا : مەڭگۇلۈك-ناھايتى ئۇزۇن بىر ۋاقىتتۇر،بولۇپمۇ ۋاقىتنىڭ باشلىنىشغا نسبەتەن شۇنداق. كائىنات پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۆزى تولۇقلايدۇ،ھەر قانداق تاشقى كۈچ تەرىپىدىن تەسرگە ئۇچرىمايدۇ،ئۇ بىرسى تەرىپىدىن باشلاپ بىرىلمىگەن ياكى يوقتىلمايدۇ،ئۇ شۇنداق بىر مەۋجۇدىيەتتۇر. ئىزدىنىش : بىز بۈگۈنمۇ بۇلارنى بىلىشكە مۇھتاج:بىز نىمىشقا بۇ يەرگىچە كەلدۇق؟بىز نەدىن كەلدۇق؟ئنسانيەتنىڭ بىلىم ئىلشقا بولغان ئەڭ چوڭقۇر ئىرادىسى -بىزنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان توختىماي ئىزلىنىشمىز ئۈچۈن يىتەرلىك سەۋەب كۆرستىپ بىرىدۇ. تىرىشچانلىق : مەن ھەرىكەتچان نىرۋا ھۈجەيرە كېسلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ئىلگىرى ھاياتتىن جاق تويغانىدىم،بىراق ئۆلۇمگە يۈزلىنىش ماڭا ھاياتنىڭ قىممتىنى تونۇتتى،بىر ئادەمنىڭ قىلىدىغان نۇرغۇن ئشلىرى بولىدۇ،ھەر بىرىمىزنىڭ قىلىشقا تىگشلىك نۇرغۇن ئشلىرىمىز بار،ئەلۋەتتە،مەن تەلەيلىك،بىراق ھەر بىر ئادەم پەقەت يىتەرلىك تىرىشپلا بەرسە ،نەتىجە يارىتالايدۇ. ئنسانىيەت ئۈچۈن ئىزدىنىش : ئنسانىيەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىز زىرىكمەستىن،ۋاز كەچمەستىن كائىناتنىڭ جاۋابىنى تېپىشىمىز كىرەك. ماشنا ئارقىلىق سۆزلەش: مەن سزنىڭ مىنىڭ بۇ ئاۋازىمنى تارقېتىشڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن،مىنىڭ تىل ئىقتىدارىمنى بىرىكتۈرگۈچى ئۈسكۇنە ئامېرىكا ئىنگىلىزچىسدە ،فىرانسۇزچىدە مۇمكىن بولمىدى،بۇ دەل ئىدىس پىئوف ئىيتقان :<<مەن ھەرقانداق ئش ئۈچۈن پۇشايمان قىلمايمەن>>نىڭ ئۆزى شۇ.بۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ھاياتىمنى خۇلاسلىگىلى بولىدۇ. مىنىڭ ئارزۇيۇم: مىنىڭ ئارزۇيۇم ناھايتى ئاددى،پۇتۇن كائىناتنى چۈشىنىش ،ئۇ نىمە ئۇچۇن مۇشۇنداق ؟ نىمە ئۇچۇن مەۋجۇت ؟ بىلىمنىڭ دۇشمىنى: بىلىمنىڭ دۈشمىنى نادانلىق ئەمەس،بەلكى بۇرۇن ئىگەللىگەن بىلىملەردىن كەلگەن خام -خيال ۋە ئۇنىڭغا مەس بولۇش . ۋاقىت ۋە كائىنات ھەققىدىكى قالدۇرغان سۇئاللار : ۋاقىتنىڭ زادى چىكى بارمۇ -يوق ؟ كائىنات زادى نەدىن كىلىپ قاياققا بارىدۇ ؟ ئۇمىدكە تولغان سەپەر -يىتىپ بارغان مەنزىلدىن ئەۋزەل. قارا ئۆڭكۈر ھەققىدە: ئىينىشتىن خاتالاشتى،ئۇ :تەڭرى ششخال ئوينىمايدۇ دەيدۇ،قارا ئۆڭكۈر تەتقىقاتى كۆرسەتتىكى،تەڭرى ششخال ئويناپلا قالماي،ئۇ ھەتتا بەزىدە بىزنى مۇجىمەل قىلىپ قويىدۇ،چۈنكى ئۇ ششخالنى بىز كۆرمەيدىغان يەرگە تاشلاپ قويىدۇ. ئالەمنىڭ مەۋجۇتلۇق سەۋەبى ھەققىدە : ئەگەر بىز بۇنىڭ جاۋابىنى تاپساق،ئۇ ئنسانىيەت ئەقىل-پاراستىنىڭ يۈكسەك غەلبىسى بولۇپ قالىدۇكى،بىز ئۇ چاغدا ياراتقۇچىنىڭ ئىرادسنى بىلگەن بولاتتۇق.ۋاقىتنىڭ قسقىچە تارىخى،1986-يىلى ھايات ھەققىدە : بىرىنچى،ئاسماندىكى يۇلتۇزغا قاراڭ ئەمما پۇتىڭىزغا دەسسۋالماڭ،ئىككىنچى خىزمىتىڭىزدىن ئەسلا ۋاز كەچمەڭ،خىزمەت ھاياتىڭىزغا مەنە ۋە مەقسەت ئاتا قىلىدۇ،خىزمەت بولمىغان ھايات ئەھمىيەتسز قۇرۇقتۇر.ئۇچىنچى،ئەگەر مۇھەببەتنى ھس قىلغان بولسڭىز،ئۇنى چىڭ تۇتۇڭ ،ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭ؛ شۆھرەت ھەققىدە: مەشھۇرلۇقۇمنىڭ بىر يامان تەرىپى شۇكى،دۇنيانىڭ نەرىگىلا بارسام كىشلەر تونۇۋالىدۇ،قارا ئەينەك ۋە يالغان چاچ كىيۋالساممۇ يتەرلىك ئەمەس.چاقلىق ئورۇندۇقلا مىنى قۇتۇلدۇرىدۇ. مىيپلار ھەققىدە: مىنىڭ ميىپلارغا بىرىدىغان تەۋسيەم شۇكى،زىھنىڭىزنى ميىپلىقىڭىز بىلەن قىلالايدىغان ئشلارغا قارىتىڭ،قىلالمايدىغان ئشلىرىڭىزغا ئۆكۈنمەڭ،مۇھىمى قەلبىڭىز مىيىپ بولمسۇن،ھەم جسمىڭىزمۇ شۇ. مۇكەممەل بولمىغان دۇنيا ھەققىدە: سز ۋە مەن مۇكەممەل بولماي تۇرۇپ مەۋجۇت بولالمايمىز. غەيرەتلىك بولۇش ھەققىدە : ئەگەر ھايات قىززىقارلىق بولمىغان بولسا،تىراگىدىيەلىك بولغان بولاتتى، خاتىرجەم ئۆلۇش ئۇسۇلى توغىرسدا؛ زىيانلانغۇچى خالىسا ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھوقۇقى بولۇشى كىرەك،بىراق مىنىڭچە بۇ بىر چوڭ خاتالىق بولىدۇ،بەلكىم ھاياتىمىز شۇ قەدەر ئازاپلىق بولۇشى مۇمكىن،لىكىن ھامان قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئش بولىدۇ ھەم ئۇنىڭدا ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ.ھايات بولساقلا ،ئۇمىد بار ؛ 2006. سۇنئى ئىدراك توغىرسدا، سۈنئى ئىدراكنىڭ تولۇق تەرەققىياتى ئنسانىىيەتنىڭ تامامەن يوقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ،ئۇ ئۆزلۇكىدىن قوزغىلىدۇ،ئۆزىنى قايتا لايىھىلەلەيدۇ،بىئولوگىيەلىك تەرەققىياتى ئاستىلىقىنىڭ چەكلىمىسگە ئۇچرايدىغان ئنسانىيەت رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ ۋە مەغلۇپ بولىدۇ. ئنسانىيەت بىلەن تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ئارسدىكى ئالاقە : مىنىڭچە ئۇ بىر ئاپەت، بىزدىن تاشقىرى پىلانىتتىكى ئادەملەر چوقۇمكى بىزدىن كۆپ ئىلگىرلەپ كەتكەن بولۇشى ئىھتىمالغا ناھايتى يېقىن ،بۇ پىلانىتتا ئىلگىرىلەپ كەتكەن كشلەرنىڭ ئىپتىدايى تەرەققىياتىتىكى كىشلەرگە يولۇقۇش تارىخى ئانچە خۇشاللىنارلىق ئەمەس،ئۇلار بىز بىلەن ئوخشاش تۈردىكى جانلىقلاردۇر،مىنىڭچە بىز بېشمىزدىكى تۆۋەن تۇتۇپ داۋاملىق ئىلگىرلىشمىز كىرەك. بوشلۇق مۇستەملىكىسى: مەن ئنسانىيەتنى ئەگەر باشقا بوشلۇققا يۆتكەلمىسەك يەنە 1000 يىل مەۋجۇت بولىدۇ دەپ ئويلىمايمەن،بىر پىلانىت بولسا، ھاياتلىق دۇچ كىلىدىغان ناھايتى نۇرغۇن ئاپەتلەر ۋە تاساددىپى ھادسىلەر ناھايتى كۆپ بولىدۇ،بىراق مەن ناھايتى ئۈمىدۋار،بىز ئنسانىىيەت يۇلتۇزلارغىچە كۆچىمىز. ئالەمنىڭ ئاخىرلىششى توغىرسدا: يەر شارىنىڭ قۇياشقا سوقۇلۇشىغا مىلىيون،مىلىيون،مىلىيون،مىلىيون يىللار كېتىدۇ.شۇڭا ھازىرچە جىددى ئەنسرگۇدەك ئش يوق. ھەرىكەتلىك بىرۋا ھۈجەيرە كېسلى بىلەن دىئاگنوز قويۇلغانلىقى توغىرسدا: 21 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا،ھاياتتىن كۈتىدىغانلىرىم ھەممىسى نۆلگە ئايلاندى،ئەمما شۇنىڭدىن كىينكىلەر ھەممىسى مەن ئۇچۇن بىر مۇكاپات بولۇپ قالدى. ئۆلۇم ھەققىدە: مەن كىينكى 49 يىلدا ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ئۆلۇم سائىتىمنى ساقلاپ ئۆتكۇزدۇم،مەن ئۆلۇمدىن قورقمايمەن ئەمما ئۆلۇمگە ئالدىرمايمەن،مىنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان نۇرغۇن ئشلىرىم بار؛ ئىرىشكەنلىرىنى قەدىرلەش توغىرسدا مىنىڭ بارماقلىرىم يەنىلا مىدىرلىيالايدۇ،چوڭ مىڭەم تەپەككۇر قىلالايدۇ،مىنىڭ ھاياتىمدا يەتمەكچى بولغان غايەم بار،مەن ياخشى كۆرىدىغان ،مىنى ياخشى كۆرىدىغان كىشلىرىم بار،ھە راست،مىنىڭ يەنە رەھمەت ئىيتىشنى بىلىدىغان قەلبىم بار.
دەۋر بۆلگۈچ ئاستىرونومىيە ئالىمى سېتىۋىن خاۋكىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىردىن ئۈزۈندە
دەۋر بۆلگۈچ ئاستىرونومىيە ئالىمى سېتىۋىن خاۋكىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىردىن ئۈزۈندە