دېڭىزلىدا خىتاي ماللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

6_18_كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 11دە دېڭىزلى مۇخپىرلار جەمىيتىدە 50 كارخانىنىڭ خىتاي ماللىرىنى ئېمبارگو قىلغانلىقى ھەققىدىكى پائالىيەت ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى.

سەدەف

 

2020-6-20

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 


6_18_كۈنى تۈركىيە ۋاقتى سائەت 11دە دېڭىزلى مۇخپىرلار جەمىيتىدە 50 كارخانىنىڭ خىتاي ماللىرىنى ئېمبارگو قىلغانلىقى ھەققىدىكى پائالىيەت ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. يېغىنىغا دېڭىزلىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرى، مۇخپىرلار، گېزىتخانا مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم مۇھىم كارخانچىلار قاتناشتى.
خىتاي ماللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش پائالىيىتىگە ۋە بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم مۇھىم كارخانىلاردىن
1_GÜRLESİN تۇقۇمچىلىق سانائىتى.
2_A. AKGÜNئېلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى
3_ TURKUAZ ئاپتۇماتىك ئۈسكۈنىلەر .
4_ AKİ پولات ماتىرياللىرى. 5 ERSA تېلىفونچىلىقى.
6_SEÇKİN تۇقۇمچىلىق سانائىتى.
7_MAB ماشىنسازلىق

 

  1. URANÜS ماشىنسازلىق
    قاتارلىق كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
    بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا خىتاي ماللىرىنى ئېمبارگو قىلىش پائالىيتىنىڭ باشلىغۇچىسى، دېڭىزلى DENKROM ماشىنسازلىق شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى Kadır Akıncı سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى زۇلۇملىرنى ۋە ئۆزلىرنىڭ باشلاتقان خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش پائالىيتىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە كەلگۈسى پىلانلىردىن دوكلات بەردى.

  2. بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى دېڭىزلى Son Nokta گېزىتى ،دېڭىزلى ئاۋازى گېزىتى، Aksi خەۋەر Ayna خەۋەر، سىياسەت گېزىتى، دېڭىزلى 24 خەۋىرى قاتارلىق گىزىتلەردە ئېلان قىلىندى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار

سە ئىيۇن 23 , 2020
گوللاندىيە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، دۆلەت تىرىتورىيەسى تەخمىنەن 41 مىڭ 865 كىۋادىرات كىلومىتىر، نوپوسى 17 يىرىم مىلىيون ئەتراپىدا ھىسابلىنىدۇ. گوللاندىيەنىڭ كىلىماتى نەم، يىللىق يامغۇرلۇق كۈن 170 كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، سىم-سىم يامغۇر كۆپ، قار ئاز ياغىدۇ. يازدا كۈندۈز ۋاقتى 18 سائەتكە قەدەر، قىشتا 8 سائەتكە قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئەتىيازدا سالقىن، يازدا نەم ئېسسىق، قىشتا شىۋىرغانلىق سوغۇق بولىدۇ.

You May Like