داڭلىق تاراتقۇلار تۈركىيەنىڭ ئ‍اياسوفىيەنى مەسجىدكە ئايلاندۇرۇشغا ئىنكاس بىلدۈردى

2020-يىلى 10-ئىيۇل تۈركىيە پارلامنىتى ئەردوغاننىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئاياسوفيەنى مەسجىدكە ئۆزگەرتىشنى تەستىقىلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا بۇ ھەقتە قىزغىن بەس- مۇنازىرە كۆپەيمەكتە. تۆۋەندە بىز شۇنىڭ بىر قسمىنى كۆپچىلىككە ئەينەن ھالدا سۇنىمىز

ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى،2020-يىلى 11-ئ‍ىيۇل

 

2020-يىلى 10-ئىيۇل تۈركىيە پارلامنىتى ئەردوغاننىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئاياسوفيەنى مەسجىدكە ئۆزگەرتىشنى تەستىقىلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا بۇ ھەقتە قىزغىن بەس- مۇنازىرە كۆپەيمەكتە. تۆۋەندە بىز شۇنىڭ بىر قسمىنى كۆپچىلىككە ئەينەن ھالدا سۇنىمىز. ياۋروپا تاراتقۇلىرىدا، تۈركىيە ۋە ئەردوغانغا بولغان ئۆچمەنلىك كۆپلەپ تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئ‍سلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار، تۈركلەرگە بولغان نارازىلىق كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. بۇ ھەقتە توختالماستىن، دۇنيانىڭ ئاساسى تاراتقۇلىرىدا بېرىلگەن مەدەنىي ۋە مۆتىدىل ماۋزۇلارنى بېرىمىز. 1-ئەلجەزىرە: ئەردوغاننىڭ ئاياسوفيەنى مەسجىدكە ئايلاندۇرۇشى خەلقئارالىق تەنقىدكە دۇچ كەلدى. ئەردوغان رەت قىلدى. 2-ئامېرىكا تاشقى ئ‍ىشلار مىنىسىتىرلىكى ئەردوغاننىڭ قارارىدىن قاتتىق ئۈمىدسزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. 3-ياۋروپا ئىتتىپاقى: تۈركىيەنىڭ ئايا سوفىيەنى مەسجىدكە ئايلاندۇرۇشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.4-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ تەشكىلاتى: ئاياسوفىيەنىڭ مەسجىدكە ئايلاندۇرۇلغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق.تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە ئوچۇق دىئالوگقا چاقىرىمىز.5-ئامېرىكا دىننىي ئەركىنلىك كومىتېتى :ئاياسوفىيەنىڭ ئورنىنى ئۆزگەرتىش قارارىنى تەنقىد قىلدى. 6-ۋال سچرىت: تۈركىيەنىڭ ئايا سوفىيە قارارى خىرستىئانلارنى، قوشنىلارنى ۋە تارىخچىلارنى دۈشمەن قىلىدۇ. 7- بىرلەشمە ئاگېىنتلىقى : «دۇنيا چىركاۋلار ئىتتىپاقى» تۈركىيەنىڭ ئاياسوفىيە قارارىدىن ئۈمىدسىزلەندى. 8-ئەلجەزىرە: تۈركىيەنىڭ ئايا سوفىيە قارارى كىشىلەرنى ئىككىگە بۆلمەكتە. 9-بىلومبىرگ : ئەردوغان ئايا سوفيە ئارقىلىق ئ‍ىسلاملاشقان تۈركىيەنىڭ قايتا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. 10-ئامېرىكا ئېپسكوپ چېركاۋى پوپى: تۈركىيەنىڭ ئاياسوفىيە قارارى دۇنياغا ئ‍ىشىكنى تاقايدۇ. 11-گىرىتسيە :تۈركىيەنىڭ ئايا سوفىيە قارارى خىرستىئان دۇنياسغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق. مەدەنىيەت منستىرى: ئەردوغان رادىكال ئ‍سلامچىلىق بىلەن تۈركىيەنى ئالتە يۈز يىل ئارقىغا چېكىندۈرىدۇ.12-ئامېرىكا پىرىزدېنت نامزاتى جوۋ بايدىن ئەردوغاننى ئاياسوفىيە قارارىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى. 13-ئېرۇسالىم پوچتىسى :ئەردوغان ئاياسوفىيەنى مەسجىدكە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، ئەقسا مەسجىدىنى ئازات قىلىشقا قەسەم قىلدى .14-نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى: ئەردوغان ئاياسوفىيەنى مەسجىد قىلدى، ئۆكتىچىلەر: ئۇ دىن ۋە مىللەتچىلىكتىن پايدىلىنىپ، ئاساسىنى چىڭىتماقچى. 15-بالقان خەۋەرلىرى: تۈركىيەنىڭ ئايا سوفىيەنى مەسجىدكە ئايلاندۇرۇشى-گىرىتسىيە دىنىي جەمىئىيىتىگە ھاقارەت قىلغانلىقتۇر. 16-ئىككى ھەپتە بۇرۇن: تېلېگراف: ئامېرىكا ۋە گىرىتسىيە تۈركىيەنىڭ ئايا سوفىيەنى مەسجىدكە ئايلاندۇرۇش قارارىنى قايتا ئويلىششقا چاقىردى. 17-ئوتتۇرا شەرق كۆزى ياۋروپانىڭ نارازىلىقى تۈركىيەنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ 18-چېركاۋ ئىتتىپاقى: خىرستىئانلار ئايا سوفىيەنى مەسجىدكە ئايلاندۇرۇش قارارىنى ئەيىپلەيدۇ. 19-مۇھاپىزەتچى : تۈركىيە ئىدىئولوگىيە كۆرىشدە دىندارلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى. 20-ۋاشنگىتون پوچتىسى: ئ‍ىستانبۇلنىڭ ئاياسوفىيەسى ماجراسى- دەۋرگە قارشى ھەرىكەتتۇر. 21-ب ب سى : ئەردوغان ئايا سوفىيەنى مەسجىدكە ئايلاندۇردى (ئەردوغان مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيە تارىخىدىكى ئورنىغا جەڭ ئېلان قىلدى ).

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

تۈركىيە دۆلەت مەجلىسدە ئۇيغۇر مۇنازىرىسى ئوت ئالدى

سە ئىيۇل 14 , 2020
تۈركىيە دۆلەت مەجلىسدە، كۇرتلارنىڭ خەلق دىموكراتلار پارتېيسى مىللەت ۋەكىلى ئۆمەر گەرگەرلى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 50 مىليارد ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ساتقانلىقىغا ئائىت پاكىت ۋە ئىسپات بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى!س

You May Like