ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى: كوۋىد ۋىرۇسى خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن ئېقىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن
ئارمان
2023-يىلى 27-فېۋرال
26-فېۋرال خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەجرىبىخانىدىن ئېقىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن دەپ جاكارلىغان.
ئەڭ دەسلەپتە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرگەن ئامېرىكا «ۋولت كوچىسى» گېزىتىنىڭ بايانىدا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئاق ساراي ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئاساسلىق ئەزالارغا بىر پارچە مەخپىي ھۆججەت يوللىغان بولۇپ، ھۆججەتتە بىر قانچە يىلدىن بۇيان تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان «ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس» دېگەن يەكۈن ئۆزگەرتىلىپ، «ۋىرۇس تەجرىبىخانىدىن ئېقىپ چىققان بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى » دەپ يېزىلغان. ئاق ساراي بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسىنىڭ دېيىشىچە نۆۋەتتە بايدىن ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى ئوخشىمىغان ئورگانلار ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارغا ئىگە بولۇپ، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى(FBI) نىڭ قارىشىچە ۋىرۇسنىڭ خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن ئېقىپ چىققانلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. ئەمما ئامېرىكىدىكى بىر قانچە تەتقىقات، ئىستىخپارات ئورگانلىرىنىڭ قارىشىچە ۋىرۇسنى تەبىئىي پەيدا بولغان ئىكەن.
ئاق ساراي بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇلىۋان بۇ ھەقتە 26-فېۋرال CNN نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ئاخبارات ئورۇنلىرى ئىچىدە ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار بار، بەزى ئورگانلار بەزى يەكۈنلەرگە ئىگە بولدى، يەنە بەزى ئورگانلار تېخىچە بىر يەكۈنگە كەلمىدى. نۆۋەتتە ئاخىرقى يەكۈننى چىقىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىسپاتلار تولۇق ئەمەس. »
سۇلىۋان تەكىتلەپ نۆۋەتتە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ زور مىقداردا ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىساد ئاجرىتىپ ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەمما ئىستىخپارات دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ھازىرچە ئېنىق جاۋاب قىلمىغانلىقىنى بايان قىلغان.