چىركاۋدا ھەم ئۇيغۇر ساداسى

ۆتكەن يىل 9-ئاينىڭ 29-كۈنى لوس ئانجېلىس رايونىدىكى پاسادەنا شەھىرىگە جايلاشقان «پاسادېنا چاسا چېركاۋسى» (Pasadena Foursqaure Church) لوس ئانجېلىس رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى پاجىئەسى ھەققىدە بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

ئەركىن سىدىق 

2019-5-18

   

ۆتكەن يىل 9-ئاينىڭ 29-كۈنى لوس ئانجېلىس رايونىدىكى پاسادەنا شەھىرىگە جايلاشقان «پاسادېنا چاسا چېركاۋسى» (Pasadena Foursqaure Church) لوس ئانجېلىس رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى پاجىئەسى ھەققىدە بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇ قېتىم بىر سائەتتىن ئۇزۇنراق لېكسىيە سۆزلەپ، پائالىيەتكە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئازراقتىن يىغلاتتىم. ئۇ پائالىيەتكە لوس ئانجېلىستىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تاماق تەييارلاپ ئاپىرىپ، پائالىيەتكە كەلگەن خرىستىئانلار بىلەن ناھايىتى ياخشى تونۇشۇپ چىقتى. ئۇ قېتىملىق پائالىيەتكە كەلگەن بىر قىسىم خرىستىئانلار شۇنىڭدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئەتراپى ۋە ئۆز تەشكىلاتىدىكىلەرگە ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

 

ئاشۇ چېركاۋنىڭ پوپى ۋە بىر قىسىم ئەزالىرى تۈنۈگۈن، يەنى 2019-يىلى 17-ماي (جۈمە) كۈنى ئۆز چھېركاۋىدا پاسادېنا رايونىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئىپتار بەردى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق قىسمى تۈركلەر بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىنمۇ 4 ئائىلىلىك كىشى 100 كىلومېتىرگە يېقىن ماشىنا ھەيدەپ كېلىپ قاتناشتى. بۇ پائالىيەتنى پىلانلىغاندا ئۇلار مېنىڭ مەزكۇر سورۇندا بىر پەدە دۇتار چېلىپ بېرىشىمنى ئىلتىماس قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى بىرلىكتە تەشكىللىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان ئىدى. تۈنۈگۈنكى پائالىيەتتە تەشكىللىگۈچىلەر ماڭا ۋە باشقا ئۇيغۇرلارغا ئازراق سۆزلەش پۇرسىتى بەردى. پائالىيەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، نۆۋەتتە بۇ پائالىيەتكە كەلگەنلەرنىڭ بىزگە بېرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى ياردەم ئۆزلىرىنىڭ كوڭرېس ئەزالىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككى قانۇن لاھىيىسىگە ئىمزا قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۇق. شۇنداقلا مەن دۇتار ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەدىبىيات-سەنئەتلىرىنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلدىم. مۇشۇنداق مەدەنىيەتنىڭ مەقسەتلىك يوق قىلىنىشىغا دۇنيا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدىم. ھەمدە دۇتارنى بىر ناخشا پەدىسى ۋە بىر ئۇسۇل پەدىسىگە چېلىپ بەردىم. ئۇسۇل پەدىسىگە چېلىشنى باشلىغاندا سورۇندىكى بىر 10 ياش ئەترىپادىكى ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇرچە ئۇسۇل ئويناپ، سورۇندىكىلەرنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرۈۋەتتى. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىز سورۇندىكىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى ناھايىتى جانلىق چۈشەندۈرۈپ قويدۇق. ئاخىرىدا سورۇندىكى ھەممە ئادەملەرگە ئۆزىمىز ئالغاچ كەلگەن 4-بەتلىك تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىپتاردىن باشقا زور قىممەتكە ئىگە بىر پائالىيەت بولدى.

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

مەرھۇم يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرامغا مەرسىيە

شە ماي 18 , 2019
قوش جىنازا» (مەرسىيە) . ئاتاقلىق يازغۇچى، رەسسام جالالىدىن بەھرام ۋاپاتىغا . نىيازئەلى ئادىل . بىر خەۋەرلەر ئاڭلىدىم ئەلدىن، يـۈرىكىمنى كۆيدۈردى ئەلــەم. توختىغاندا ئوتلۇق بىر يـۈرەك، توختىدىمۇ بىـر نـادىر قەلــەم. . ھازىداردۇر «كۆمۈرچى بالا»، ھازىداردۇر «سەلىمە» قىزچاق. «قوش جىنازا» كۆتۈرگەندە ئەل،

You May Like