چېن چۇەنگو ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئورنىغا ما شىڭرۇي تەيىنلەنگەن

چېن چۇەنگو ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئورنىغا ما شىڭرۇي تەيىنلەنگەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 25-دېكابىر

خىتاي تاراتقۇسى «شىنخۇا» تورىنىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاتالمىش «شىنجاڭ»ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى، دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى چېن چۇەنگو ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئورنىغا ما شىڭرۇي تەيىنلەنگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 25- دېكابىر ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا خىتاي مەركىزى كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مۇئاۋىن مەسئۇلى جياڭ شىڭجى مەركەزگە ۋاكالىتەن بۇ قارارنى جاكارلىغان. خەۋەردە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بۇ قېتىملىق تەڭشەشنىڭ مەركەزنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ «شىنجاڭ»نىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمەلىي قۇرۇلۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا قايتا-قايتا تەتقىق قىلىشىنىڭ نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا چىققانلىقى قەيت قىلىنغان.  

 

يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ما شىڭرۇي 1959-يىلى 10-ئايدا شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يۈنچېڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى خىتاي دۆلەتلىك ئالەم قاتناش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى چېن چۇەنگونىڭ كېيىنكى ۋەزىپىسى توغرىسىدا ۋاقتىنچە ئۇچۇر بەرمىگەن.

يۈسۈپجان تەييارلىغان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

2022- يىللىق خىتاي ئىقتىسادىغا نەزەر: «5 لىك دەۋر» نىڭ تۇنجى يىلىدىكى پۇرسەت ۋە خەتەر

شە دېكابىر 25 , 2021
بىر مەيدان خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيانىڭ نىشانىنى قايتىدىن تۈزىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى — 2020- يىللى ئىقتىساد مۇسبەت ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسىلا «مۆجىزە»، چېكىنىشى ئانچە چوڭ بولمىسىلا غەلىبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ 2021- يىلى كۆپ خىل ئىقتىسادىي گەۋدىلەر قايتىدىن جانلىنىپ، ئېشىش نىسبىتى رېكورد ياراتتى؛ ھالبۇكى 2022- يىلى، يەنى خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىپ ئۈچىنچى يىلى بولغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاستا - ئاستا نورمال ھالەتكە قايتىپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋرنىڭ ئىقتىسادى زادى قانداق بولىدۇ؟

You May Like