ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 11-نويابىر ختاي دائىرلىرىنىڭ تەشۋىقات ۋاستىسى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 10-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ختاي ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتىدە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تۇنجى تولۇق كۇرس مەكتىپى −« شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى»نى  ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرغان. مەزكۇر خەۋەردە دىيلىشچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى »2024 – يىلى 5 – ئايدا ختاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى […]

ختاي ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەشۋىقات ۋە دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق كۈچلۈك ئىجرا قىلماقتا. ئۇيغۇرستاننىڭ شەھەرلىرىدە خەلقئارالىق يېغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ختاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلىرىدىن بىرى. ختاينىڭ ئاۋازى تەڭرىتاغ ختايچە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ختاي ئۈرۈمچىدە 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار مۇنبىرى ئۆتكۈزگەن. خەۋەردە مۇنداق دىيلگەن: «10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەنلىكى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاممىۋى […]

ئىزاھات: 2019-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇقى سياسى ھەرىكىتى»قانۇن لايىھىسنى ماقۇللىغاندىن كىيىن،ختاي ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرلىرىنى ئامېرىكىغا قارشى كۈچلۈك ھەرىكەت قوزغاشقا سەپەرۋەر قىلدى ۋە بايانات بىرىش ھەرىكىتى ئىلىپ باردى. تۆۋەندىكىسى شۇلاردىن بىرى: شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى: ختاي قەشقەرنى ختتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن تىزلەتمەكتە. ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ختاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئاتالمىش « شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سىرتىدىن ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بىۋاسىتە بارىدىغان تۇنجى پوچتا يولى-شىئەن-قەشقەر ئاپتوموبىل پوچتا يولىنى رەسمىي باشلىغان، ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى تېز يوللانمىلارنى يەتكۈزۈش ۋاقىتى 53 سائەتكە قىسقاردى،  ئىلگىرىكىدىن […]

ختاي دۆلەت تەشۋىقاتى بولغان جۇڭگو ئۇيغۇر رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاتالمىش شنجاڭدىن ئۈچ نەپەر يازغۇچى ياكى تەرجىمان ختاينىڭ داڭلىق «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. ختاينىڭ مەزكۇر مۇكاپاتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات ساھەسدىكى ئاساسلىق مۇكاپاتلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئىجادى جەھەتتە ئ‍ىلھام بىرىشنى ئەمەس، ختاينىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىشقا ئىلھام بىرىش مەقسدىدە، تەرجىمان يۈسۈپ ئەيساغا […]

ئامېرىكىدا خاتىرلەنگەن ئەڭ يۇقىرى تېىمپىراتۇرا 1913-يىلىدىكى 134 فاھرەنخاىيت بولۇپ، بۇ 56 گىرادۇسقا تەڭ (134°F (56.7°C)). تۇرپاندىكى يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا، بۇ ئىككى كۈندە ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتتى. مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ھازىر تېمپېراتۇرا 50 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققان. چوڭ ئالتۇن كالتەك شەكلىدىكى تېرمومېتىردىن يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىنىڭ 75 سېلسىيە گىرادۇسقا چىققانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. […]

ختاينىڭ خەلق تورى خەۋەر قىلىشچە، ئاتالمىش شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى مۇنداق دىگەن: 2024-يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، شىنجاڭ جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 120 مىليون 179 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.28 ئاشقان؛ 131 مىليارد 657 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.39 ئاشقان. ساياھەتنى […]

ئۇيغۇر تايمىز خەلقئارا قانىلى خەۋىرى: ئۇيغۇر تايمىز خەۋىرى، ختاي ھۆكۈمىتى تەشۋىقاتى شنخۇا ئاگېنىتلىقى ئىلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەۋەردە، ختاي دائىرلىرى مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرستاننىڭ كۇچا شەھىرىدە، ئاتالمىش تۇنجى شنجاڭ قەبرە مۇزىيى قۇرۇپ، ختاينىڭ ئۇزاق تارىخىتىن بىرى بۇ يۇرتلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ كەلگەنلىك ساختا تارىخنى ئ‍سپاتلىماقچى بولغان. ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىنگىلىزچە خەۋىرىدە، مەزكۇر مۇزىينىڭ […]

ختاي پارتىيە تەشۋىقات تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 8 – نۆۋەتلىك ختاي − ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، 3 – نۆۋەتلىك ختاي − قازاقىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاتالمىش «شىنجاڭ» خەلقئارا يىغىن – كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ختاي، قازاقىستان ئىككى دۆلەت ئەزىز مېھمانلىرى بىر يەرگە جەم […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خەۋىرى، 3-ئ‍يۇن www.uyghurtimes.com 27-ئىيۇن ئاتالمىش شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئۇقتۇرۇش ئىلان قىلىپ، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنىڭ نامى «ئىلى غۇلجا خەلقئارا ئايرودۇرۇمى»غا ئۆزگەرتكەن.بۇ ختاي تىلىدا ( 伊犁伊宁国际机场) بولىدۇ. ختاي بۇنىڭ ئايرۇدۇرۇمىنىڭ تېخىمۇ زورايغانلىقى، خەلقئاراغا يۈزلەنگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن. غۇلجا ئايرۇدۇرۇمى تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 1936-يىلى قۇرۇلغان. ھازىر مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئۇيغۇرىستاندا ئىككىنچى تارماق […]

ختاي پىروپاگانداسى بولغان شنجاڭ تېلىۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسيا يەرمەنكىسگە قاتنىشش ئۈچۈن ئ‍ۈرۈمچىگە كەلگەن ئىران باش ئەلچىسى ھاشىمى ۋە پاكستان باش ئەلچىسى بەختىيار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاتالمىش «ختاي-شنجاڭ» بىلەن پاكستان ، ئاتالمىش «ختاي-شنجاڭ» بىلەن ئىران ئوتتۇرسىدىكى سودا، تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. باش ئەلچىلەر ئاتالمىش شنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ماختىغان ۋە ئاتالمىش […]

ختاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن پاراخورلۇق سەۋەبىدىن قوغلانغان. ختاي خەلق تورى مۇنداق خەۋەر قىلغان: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىننىڭ […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 13-ئ‍يۇن  «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» تېمىلىق خەلقئارالىق مۇنبەر 12-ئىيۇن قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن. ختاي دۆلەت تەشۋىقاتى خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر مۇنبەردە «ئارخېئولوگىيە، تارىخ ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تارىخ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ختاي بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆرنەك ئېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-ئاپرىل ختاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ختاي دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئاتالمىش «شىنجاڭ »ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2- ئايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ» سىرتىغا 2 مىليون 850 مىڭ توننا كۆمۈر سېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 210 مىڭ توننا ئاشۇرۇپ سېتىپ، ئېشىش نىسبىتى %73.8 كە يېتىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى […]

ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىنگىلىزچە ئىلان قىلغان تەپسلى خەۋىرىدە، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئىلان قىلغان بىر دوكلاتى ھەققىدە توختالغان. ختاينىڭ شنجاڭ خەۋەرلىرىدە دىيشچە، ختاي ئاتالمىش شنجاڭدا 2 مىلىيون 476 مىڭ شركەتنى قانۇنلۇق ئەنگە ئالغان.دوكلاتتا مەزكۇر تېجارەت ئىگىلىرىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى تىلغا ئىلىنمىغان. ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىلان قىلغان 2021-يىلى ئىلان قىلىنغان دوكلاتتا، ختاينىڭ ئۇيغۇر […]

ئۇيغۇر تايمىزنىڭ ئىنگىلىزچە ئىلان قىلغان تەپسلى خەۋىرىدە، ختاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئىلان قىلغان بىر دوكلاتى ھەققىدە توختالغان. ختاينىڭ شنجاڭ خەۋەرلىرىدە دىيشچە، ختاي ئاتالمىش شنجاڭدا 2 مىلىيون 476 مىڭ شركەتنى قانۇنلۇق ئەنگە ئالغان.دوكلاتتا مەزكۇر تېجارەت ئىگىلىرىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى تىلغا ئىلىنمىغان. ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىلان قىلغان 2021-يىلى ئىلان قىلىنغان دوكلاتتا، ختاينىڭ ئۇيغۇر […]

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 17-فېۋرال ختاي خەلق تورى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتىدىن نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشچە، ختاي ھۆكۈمىتى بۇ يېڭى يىلدا ئۇيغۇرلار بىلەن ختايلارنىڭ كوللېكتىپ ۋە ئارىلاش ھالدا، شۇنداقلا ختايچە ئۇسۇلدا توي قىلىش مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن توي قىلىدىغان يېڭى چىرايلىق سورۇنلارنى ياراتماقچى ئىكەن. ختاي خەلق تورى مۇنداق […]

2-فېۋرال، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق 14 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، يىغىن مۇددىتى تۆت كۈن؛ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنى 1 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان بولۇپ، ختاينىڭ بىلدۈرىشچە، […]

ئەركىنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 2-فېۋرال نۆۋەتتە مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركىزى ئۈرۈمچىدە، ختاينىڭ ئاتالمىش مەشھۇر ئىككى ئومۇمى يېغىنى -خەلق قۇرۇلتىي ۋە سياسى كېڭەش يېغىنى ئىچىلىۋاتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ختاي ھۆكۈمىتى غايەت زور تەشۋىقات كۈچىنى ئ‍شقا سىلىپ، ختاي ئىچى ۋە سرتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر بىرىش، سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. […]