‹‹شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە›› سەپىرى كونيا بېكىتىدىكى پائالىيىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى
قەتلىئام
تۇتقۇندىكى ئىنىم: «تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن»
ئۇيغۇر قەتلىئامىنىڭ دەۋرى، خاراكتېرى، دەرىجىسى ھەققىدە
ئىزاھات:مەزكۇر قانۇن لايىھەسى يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللاندى.ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللۇنۇپ، پىرەزدىنت ئىمزا قويغاندىن كىين كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ جەنۇبىدا، ئۇيغۇرلارنى گۆر كولاشقا مەجبۇرلىغان .
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا، كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللىي ئەقىدىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان يېڭىچە قەبرە ۋە گۆر ياساشقا ئۇيۇشتۇرغان.
1996- يىلى 6- ئايدا ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان قارا سۇ جىلغىسىدا 3000 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۆيلىرى ھەربىيلەرنىڭ قوراللىق مۇھاسىرىسى ئاستىدا چېقىلىپ، بۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تۇنجى تۈركۈمدە ئۈرۈمچىدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار سۈپىتىدە يۇرتىغا قايتۇرۇلدى.
مەنبە: ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى دوكلاتى
ئەنگىلىيە شەففىېلد خاللام (Sheffield Hallam) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان، ئاساسلىق تەركىبى كۆپ كرىستاللىق كرېمىنىي بولغان مەھسۇلاتلار دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ %45 نى ئىگىلەيدۇ. خىتاي زور كۆلەمدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرنى ئىشلىتىپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
يېقىندا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ۋەتەندىن يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئېنىقلىشىمىزچە، داڭلىق ياش چاقچاقچى ھەمراھ قەييۇمغا 9 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ 2014- يىلى تىجارەت سەۋەبلىك تۈركىيەگە زىيارەتكە بارغانلىقىنى باھانە قىلىپ، «ۋەتەننى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك قىلىش» جىنايىتىنى ئارتقانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى. مەزكۇر خەۋەرنى ھەمراھنىڭ ئامېرىكىدىكى دوستلىرىدىن ئالىمجانمۇ جەزىملەشتۈردى.
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەييارلىدى بۈگۈن، يەنى مىلادى 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ دۆلەت گېزىتى دەپ ئاتىلىدىغان “Daily Telegraph” (تېلېگراف كۈندىلىك گېزىتى) نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سوفئا يەن بېيجىڭدىن مەزكۇر گېزىتنىڭ يەكشەنبە كۈنلۇك سانى “The Sunday Telegraph” گېزىتىنىڭ 13-بەت “دۇنيا خەۋەرلىرى سەھىپىسى” گە تۆۋەندىكىدەك تېمىدا مەزكۇر گېزىتتا كەم ئۇچىرايدىغان بىر پارچە خەۋەر […]
ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئاخبارات ۋاستىسى ب ب س 2- فېۋرال دۇنيانى زىلزىلگە سالغان قورقۇنچلۇق خەۋەر ۋە ۋىدېئو تارقاتتى. مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
ئافراسياپ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 19- يانۋار چاقماق خەۋەر: ئامېرىكا دۆلىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى ئامېرىكىغا تىكىلىپ تۇرىۋاتقان تارىخىي پەيتلەردە، ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرىدىغان خەۋەردىن بىرسى كەلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى مايىك پومپيۇ ئۆزىنىڭ رەسمىي تۋىتتېر ھېسابىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنى […]
ئون نەچچە يىلدىن بۇيان فرانسىيەدە ئائىلىسى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان گۈلباھار خانىم 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قارىمايدىكى بۇرۇنقى ئىدارىسىدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ئۇچۇردا گۈلباھار خانىمنىڭ چوقۇم قارىمايغا كېلىپ پېنسىيە رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىنى تەلەپ قىلغان. شۇ ۋەجىدىن ۋەتەنگە قايتقان گۈلباھار خانىم ئۆزىمۇ ئويلىمىغان ھالدا پۇت-قولىغا كىشەن سېلىنغان ھالدا ئۈچ يىللىق قاماق ھاياتىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرى بولىدۇ. فرانسىيەدىكى يولدىشى ۋە قىزلىرىنىڭ توختىماي بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى ئارقىسىدا، ئاخىرى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دېپلوماتىك بېسىملىرى بىلەن 3يىلدىن كېيىن قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن گۈلباھ
باغداش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ 2016- يىلدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەدىسى ئادۋۇكات رەيھان ئەسئەت ئۆتكەن بىر يىلدىن بېرى كەڭ تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي مېدىيالار ئارقىلىق ئىنىسىنى قۇتقۇزۇش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە خارۋات ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى، يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇن ۋە تەشكىلاتلار رەيھانغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەكبەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا. رەيھان ئەسئەتنىڭ ئنىسىنى ئىزدەش ھەرىكىتى تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنغاندىن باشقا، تۋىتتېردىمۇ زور تەسرلەرنى قوزغىماقتا.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بىن ساسى كوممۇنىزىمنىڭ زىينىغا ئۇچرىغانلار فوندى جەمئىيتى تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زىنزنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ
ئېگىز تام، قاراۋۇلخانا، تىكەنلىك سىم: خىتاي ئاخبارات مەنبەلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئۆلكىسىنىڭ داۋانچېڭدىكى بۇ ئەسلىھەنىڭ ئىچىدە كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى بار. ( توماس پېتېر / رېيتېر ئاگېنتلىقى) خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، دۆلەتنىڭ غەربىدىكى مىللەتلەرنى قايتا تەربىيىلەش نامىدا، ئۆچ ئېلىشقا ماسلاشماقچى بولۇۋاتىدۇ
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى مەمۇرىي كومىتېتى 30- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر زىيالىسى دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو (ئۇيغۇرچە ئىسمى مەمەت پولات) 23- دېكابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسترلىكى خەلقئارا ئادالەت بۆلۈمى، ئاسيا – خىتاي بۆلۈمى، ئىنسان ھەقلىرى بۆلۈمى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلىنگەن پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە قانۇنىي، ئىلمىي ئاساستا يەكۈن چىقىرىشقا بۇيرۇغان. بۇ دېلو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆكۈمەت نامىدىن بىجىرىدىغان ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش تەشكىلاتى (HRW) ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى ئىلغار تېخنىكا قوللىنىپ سىياسىي جەھەتتىن بېسىم ئىشلەتكەنلىكى ۋە بۈيۈك ئۇچۇر پىروگراممىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قولغا ئالغانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلدى.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قولغا ئېلىنغان 2000 دىن كۆپ كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى قولغا چۈشۈرگەن HRW ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، « بىرلەشمە ئورتاق مەشغۇلات پىروگراممىسى» ( IJOP ) ناملىق بۈيۈك ئۇچۇر پىروگراممىنىڭ، تىزىملىكتىكى كىشىلەرنى قولغا ئېلىش ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ۋە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ بۇ تىزىملىككە ئاساسەن كىشىلەرنى «سىياسىي ئۆگېنىش » لاگېرلا
خىتاينىڭ ئېلېكتىرونىك نازارەت ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان جېجياڭ داخۇا تېخنىكا شىركىتىنىڭ، چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى ئىجرا قىلىدىغان سۇنى ئەقىل يۇمتېلىدا ئۇيغۇرلار تونۇش ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەنگەن ئىرقىي تونۇغۇچى بىر كودنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.