ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۇيغۇرچە بۆلۈم مۇھەرىردىن سۆز: . ئامېرىكىدا تۇغۇلغاندىن بىرى دادىسنى كۆرۈپ باقمىغان بەش ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئەردەن ئائىلىسدىن مەجبۇرى ئايرىۋىتىلگەن يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ۋاكالىتەن ۋېرگىنيە خانقىز مۇسابىقىسگە قاتنىشپ، نەتىجە قازاندى.ئۇنىڭ كىينكى ئارزۇسى نىمە؟ ئۇ سزدىن نىمە كۈتىدۇ؟ ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىمزاسدا ئىنگىلىزچە يېزىلغان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە […]
ئىجابىي نەتىجىلەر
ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2023-يىللىق لىنگاپاكىس خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛27-سېنتەبىر، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26-سېنتەبر كۈنى دۇنيادىكى تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە تىل پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلات-لىنگاپاكس (Linguapax International) بايانات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى: بىز ياۋروپا ئانا تىل كۈنىنى بىر قالتىس خوش خەۋەر بىلەن تەبرىكلەيمىز،2023-يىللىق خەلقئارا لىنگاپاكس مۇكاپاتىنىڭ ئۇتقۇچىسى- ئۇيغۇر تىلشۇناس، پائالىيەتچى، يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇۋەلى […]
مەرغۇبە ،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 14-سىنتەبىر دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى بۈگۈن ئىلان قىلغان تېزىملىكتە، ياپونىيە پارلامنىتىنىڭ ئۇيغۇر ئايال ئەزاسى ئارفىيە ئەرىنى 2023-يىللىق كىينكى ئەۋلات 100 مەشھۇر (2023 TIME100 Next)مەشھۇر شەخس قاتارىغا تېزىلدى. ئارفىيەنى تونۇشتۇرۇپ يېزىلغان ماقالىدە ئۇنىڭ ياپونيەدەك،كۆپىنچە ئەرلەر تەرىپىدىن كونتىرۇل قىلىنىدىغان سياسى سەھنىدە بىر ئايال بولۇشى، ئۇيغۇر -ئۆزبەك پەرزەنتى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىنگىلىزچە، […]
ئەنگىلىيىدە ياشايدىغان شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىمنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە باش بولۇپ ئىشلىشى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى «ئۇيغۇر شېئىرلىرى» ئەنگلىيىدىكى داڭلىق نەشرىياتلاردىن بىرى بولغان پىنگۋىن نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر نەشرىيات بۇ كىتابنى 2023- يىلى 12- سىنتەبىر نەشىردىن چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق قانۇن مەكتەپلىرىدىن بېرى بولغان نوترى دام ئۇنېۋرسىتىتى قانۇن ئىنستىتۇتى -دۇنيادىكى دىنى ئەركىنلىكنى ھېمايە قىلىش ئۈچۈن تەسىس قىلغان «نوترى دام دىنى ئەركىنلىك مۇكاپاتى»-2021-يىلى 28-ئىيۇن كۈنى -ئۇيغۇر ئادۋوكات، ئۇيغۇر ئئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىگە بېرىلدى.
«ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ.» دېگەن ئەقىليە سۆزى بار. چۈنكى ئايال دېمەك — ئانا دېمەكتۇر، ئايال دېمەك — نەسىللەرنىڭ داۋام قىلىشى، مەۋجۇتلۇقنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى دېمەكتۇر .ئايال — تارىخ بىلەن بۈگۈننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك، ھاياتلىققا بېرىلگەن مەنا، ئىشەنچ ۋە سۆيگۈ بۇلىقىدۇر.
پايتەخت ۋاشىنگتونغا جايلاشقان دولان ئۇيغۇر رېستورانى دىرېكتورى خەمىت كەرىم ئەپەندى 18- يانۋار كەچتە دوستلىرىنىڭ مەسلىھەتى، دولان شىركىتىنىڭ قارارى، ئامېرىكا مۇھاپىزەتچى ئارمىيىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى قوغداۋاتقان دۆلەت مۇھاپىزەتچى قىسمىغا دولان رېستورانىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ئەللىك كىشىلىك قازان كاۋاپ، پولو ۋە سالات قاتارلىق تائاملارنى ئېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئامېرىكا دۆلىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
«ئايخان مائارىپى» قۇرغۇچىسى، «تۆتقۇلاق» ژورنىلى مەسئۇلى مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد(خەندان) ئەنگىلىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق تاراتقۇسى ب ب س باھالىغان «2020-يىللىق كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە 100 ئايال»نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئەسلى مەنبەدە يېزىشىچە، بۇ يىللىق باھالاش جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئاياللار باھالانغان.
مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ سائادەت پارتىيەسى مەركىزىي يېغىن زالىدا «ھاياتقا تۆھپە قوشقان ئاياللار» مۇكاپاتى تارقىتىلدى. بۇ يىلقى مۇكاپاتنى خىتاي لاگېرىدا يېتىپ چىققان ئۇيغۇر لاگېر شاھىدى گۈلباھار جېلىل ھەدىمىز ئالغان بولۇپ، گۈلباھار جېلىل ھەدىمىز تۈركىيەدە بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ئوغلى تاپشۇرۇپ ئالدى.
11- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئىستانبۇل سېلىم پاشادا ئۆتكۈزۈلگەن يۇرتلار بىرلىكىنىڭ يېغىندا، بىرلىك قارمىقىدىكى سودا گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئەزالارغا پايدا ئايرىش، كەلگۈسى سودا تىجارەت ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئالاقىدار مۇھاكىمە، مۇلاھىزە يىغىنى ئېچىلدى، شۇنداقلا سودا بىرلىكىدىكى ھەر قايسى ئەزالارغا تۇنجى قېتىملىق پايدا ئۈچۈن 50 مىڭ لىيرا، كىشى بېشىغا 900 لىيرا دىن پۇل تارقىتىپ بىرىلدى.
شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى تىجارەت گۇرۇپپىسىنىڭ قارمىقىدىكى
شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى ئۇستاز ھېبىبۇللا كۈسەننىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەرقايسى يۇرت ئاقساقاللارنىڭ بىر ئارىغا كىلىشى بىلەن قۇرۇلغان بىرلىك بۇلۇپ، بىرلىك قۇرۇلغاندىن بىرى پىدايى خەلق ھەرىكىتى نامىدا مىللىي كۈرىشىمىز سېپىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قىلىپ كىلۋاتقان جامائەت توپى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ
ئاتاقلىق ژورنالىسىت گۈلچىھرە خانىم شەرەپ بىلەن 2020- يىللىق IWMF خەلقئارا ئاياللار ئاخبارات فوندىنىڭ «ئاخباراتچىلىقتىكى جاسارەت » مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولۇپ تاللانغان .
5 – مارت تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى خەلىقئارالىق ئىلىم _ پەن بايرىمىى 7- مارت كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
بۇ بايرامغا 20نەچچە دۆلەتتىن، باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرنىڭ پەن-تېخنىكىغا ئائىت لاھىيەلىرى قاتناشتۇرۇلىدۇ ۋە دۆلەتتىن بىكىتىلگەن باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلىدۇ.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىدىن شائىرە مەدىنە باۋۇدۇن خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت ۋە سېغىنىش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «بار»ناملىق شېئىرى تۈركىيەنىڭ «گۈنجەل سەنەت» (ھازىرقى زامان سەنئىتى) ناملىق ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىندى. مەدىنە خانىم تۈركىيە مارمارا ئۇنېۋېرستىتىنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ماگسترلىقتا ئوقۇغان