ئامېرىكا بېلومبىرگ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ تېلفون ئ‍شلەپچىقارغۇچى شركىتى ئالما شركىتى بۇ يى ئ‍ۆكتەبىر ياكى نويابىردىن باشلاپ ھندىستاندا ئ‍شلەپچىقىرىلىدىكەن.

20-فېۋرال (يەكشەنبە) مەكتىپىمىز ئۈچۈن جۇشقۇنلىققا تولغان ئىنتايىن مەنىلىك يەنە بىر تەبرىكلەش كۈنى بولدى. شۇ كۈنى، مەكتىپىمىزنىڭ ۋىرجىنيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەكتىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى، ئانا تىلىمىزنى قوغداش، ئىشلىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى نامايەن قىلىندى.

دۇنيا ئۇيغۇر ھەمكارلىقىدا، 2022-يىلى قۇرۇلتىيى مائارىپ كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتىنىڭ 8- يانۋار شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ئىشخانىسىدا ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە دەرسلىك كىتاب ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوتسېنت دىلنۇر قاسىموۋا، دوتسېنت راھىلە قەشقىرى ۋە دوكتور مەغپىرەت كامال قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ياش زىيالىيلار بولۇپ 15 كىشى قاتناشتى.