مەكتەپلەر مەيلى ۋەتەندىكى ۋەزىيەت قانچىلىك ئېغىر بولسۇن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز يەنىلا پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرچە تەربىيەلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ توغرا قىممەت قاراشلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا زور كۈچ كۆرسەتمەكتە. مائارىپ ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر خىزمەت بولۇپ كەلمەكتە. تۆۋەندە بىز مەكتەپلەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمىز ،

مەكتەپلەر قىتئەلەر بويىچە تىزىلدى، تەرتىپ بەلگىلەشكە قابىل ئەمەسمىز. مەكتەپلەرگە ئالاقىدار ئۇچۇرلار ئاساسلىقى توربەتلەردىن ئېلىندى، كەمچىل بولسا ئۆزۈر سورايمىز.

تۈركىيە-ئىستانبول ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇرۇنلاشتۇرشىدا « سۇلتان ئابدۇلھەمىد زاماندىكى ئىسلامىي ئىلىملەر ۋە ئىلمىي تەرەققىياتلار » نامىدا خەلىقئارالىق دوكتۇر ئاسپىرانتلار ئىلمىي تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەتقىقاتچىلار قاتناشقان ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئىستانبول ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى ۋە تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد ئىمىن ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئۈزىنىڭ «بېيجىڭ ھەمىيدىيە ئالىي بىلىم يۇرتى، ئۇنىڭ سىياسىي رۇلى ۋە كۈنىمىزگە قەدەر بېسىپ ئۆتكەن باسقۇچى» ناملىق تەتقىقاتى بىلەن قاتنىشىپ لىكسىيە سۆزلىدى .

ئەستە قالدۇرۇش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۇسلىشىدۇ. بۇ نۇقتىنى ھەرقانداق ئادەم ئۆز تەجرىبىسىدىن بىلەلەيدۇ. ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى ئېسىمىزدە پۇختا ساقلاش ئۈچۈن، دەل ۋاقتىدا تەكرار قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، ئۆگىنىشنىڭ بىرقانچە ھالقىلىرى ئىچىدە «تەكرار قىلىش» ئىنتايىن مۇھىم. تەكرار قىلىش ئارقىلىق چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، خاتىرىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.