يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كىلىشنى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل تۈردىكى پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا، بۈگۈن يەنى 12_ئاينىڭ 27_كۈنى ھىندونوزىيە پايتەختى جاكارتادا خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا يۈزمىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا بىۋاسىتە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى سىيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە بۈگۈن جۈمە نامىزىدا ھىندىنوزىيە دىكى جامىلەردە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خۇتبە ئۇقۇلغان ۋە دۇئالار قىلىنغان.

26- دىكابىر ئەرەبچە «ئاخىرقى خەۋەر » ئاگىنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەلەستىن غەززە رايونىدىكى دىنىي ئىشلار ۋازارىتى ۋە پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا شەرقىي تۈركىستاندا چەكتىن ئاشقان زۇلۇم تارتىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھىمايە قىلىش، خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

20 -دېكابىر جۈمە كۈنى تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ جەمئىيەت < IHH ، ئى خا خا> (ئىنسان ھەقلىرى ۋە ھۆرىيەتلىرى ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى) نىڭ تەشكىللىشىدە تۈركىيەنىڭ 66 شەھەر، ناھىيەسىدە، كۆپىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن، بەزىسىدە شام، بەزىسىدە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىنلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن «ئۈنسىز چۇقان» ناملىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

2019- يىلى 4- دىكابىر، ئامرىكا شەرقىي ۋاقتى 3-دىكابىردا، ئامرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسىنى ، دىموكراتچىلار پارتىيەسى 221 بىلەت، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى 185 بىلەت ۋە باشقىلار 1 بىلەن بىلەن قوللاپ ، جەمئىي 407 بىلەتكە ئىرىشىپ، زور غەلبە قازاندى! بۇ تارىخ بىتىگە يىزىلغۇدەك ئالتۇن مىنۇتلار بولۇپ قالغۇسى!

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىسرائىلىيە باش منستىرى بىنجامىن نتانىياخۇ پارىخورلۇق، ئالدامچلىق بىلەن ئەيىپلەندى.ئۇ 1948-يىلى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن بىرى، بۇنداق جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنگەن تۇنجى باش منستىر بولۇپ ھسابلىنىدۇ.
نىتانىياخۇنىڭ پارىخورلۇق جىنايتى ھەققدىكى تەكشۇرۇش ئىككى يىل بۇرۇن باشلانغان بولۇپ، پاكىت ۋە ئىسپاتلار ئاساسدا تۇرغۇزۇلغان.
ئىسرائىلىيە قانۇنى بويىچە ،بۇ خىل جىنايەتكە كۆپ بولغاندا ،10 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىدىكەن.

چېخ بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بۇلتۇردىن باشلاپ ناچارلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ھالەت تېخىمۇ ناچارلاشتى. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت چېخ سىياسەت ساھەسىدە ئۆزلۈكسىز مۇنازىرە قىلىنىدىغان مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولۇپ كەلدى. بۇ تالاش تارتىشنىڭ ئەڭ يېڭى باش پېرسوناژى بولسا ئوتتورا ياۋروپادىكى ئەڭ قەدىمىي ئۇنۋېرسىتېت- چېخ چارلېس ئۇنىۋېرسىتى (Charles University).

12-نويابىر، مالايسىيادىكى بىر قانچە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتتىن تەركىب تاپقان «مالايسىيا ئىسلامى تەشكىلاتلار مەجلىسى» (Majlis Perundingan Pertubuhan Islam Malaysia) بايانات ئېلان قىلىپ، شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي سودا مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گاۋ فېڭ ئىككى دۆلەت سۆھبەت ھەيئىتى قەدەممۇ قەدەم كېيىن قېتىلغان تاماژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا ئىتىپاققا كەلدى دىگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە بىر كۈن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى تىرامپتىن مەن تېخى ھېچقانداق نەرسىگە ماقۇللۇق بىلدۈرمىدىم دەپ خىتاينىڭ يۈزگە ئۇرۇلغان مۇشىت كەبى بىر جاۋاپ كەلدى.

مالايسىيانىڭ ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى سەييىد سادىق سەييىد ئابدۇراخمان (Syed Saddiq Syed Abdul Rahman) مالايسىيالىق خىتاي يازغۇچى چيۇ گۇاڭياۋ نىڭ (丘光耀) ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ئەھۋالىغا ھېسداشلىق قىلغان مالايلارنى «رادىكاللار» دەپ سۈپەتلىشىدىن غەزەپلەندى.

سالام كۆپچىلىك، بۈگۈن سۆزلەيدىغىنىمىز تېمىدا ئېيتىلغاندەك مەزمۇندا بولۇپ، بىز تېخى يېڭى ئېرىشكەن مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ئامېرىكىدا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىشىگە قارىتا باشقىچە بىر ئۆزگىرىش بولغاندەك تۇرىدۇ.

2019-10-11
شۇ يەر ۋاقتى 11-ئۆكتەبىر جۈمە چۈشتىن بۇرۇن نورۋېگىيە نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتى بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېفىئوپىيە باش مىنىستىرى ئابى ئەھمەدكە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. مۇكاپاتلاش سەۋەبىدە: ئابى ئەھمەد دۆلىتىنى يېتەكلەپ، قوشنا ئېرىترىيە بىلەن بولغان توقۇنۇش ۋە چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈملۈك تىرىشچانلىق كۆرسەتتى دېيىلگەن.

2019-10-09
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو سەيشەنبە كۈنى (10-ئاينىڭ 8-كۈنى) شىنجاڭدىكى (ش ت) ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان تۈرۈك دۇنياسى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى بۇ يىل 10_3_كۈندىن 6_كۈنگىچە ئىستانبول ئاتا تۈرك ئايدورۇمدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ 28 ج خ ئورگىنى ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىنى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. بۇ ئورگان ۋە شىركەتلەر شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىلىپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

تۈركىيىدە ئىقامەتسىز ياشاۋاتقان مىڭلىغان ئادەمنىڭ بارلىقىنى، ياۋرۇپادىكىلەرنىڭ ياكى ئامېرىكىدىكىلەرنىڭ تۈركىيىگە قارشى تەبقىدىي پىكىردە بولۇشىنىڭ ئۇلارغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلار دەۋا قىلغىلى خېلى بولۇپ قالدى. بۇ يەردىكى لوگىكىنى تازا چۈشىنەلمىدىم. ئەجىبا تۈركىيىدە مىڭلىغان قېرىندىشىمىز شۇنداق ئېغىر كۈندە ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيىنى ياخشى تونۇشىمىزكىرەك. ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىشىمىز، قورقماي تەنقىد قىلىشىمىز لازىم. يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ بىر ئىش قىلغىلى بولغان بولسا، يۈزلىگەن ئۇيغۇرغا قايتۇرۇلۇش خېتى بېرىلگەندە بىر ئۇيغۇرنىڭ ياۋرۇپادىن بېرىپ، ئۇيەردە مۇخبىر

تۈركىيەدىكى مېترو، تىرەمۋاي قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش بىكەتلىرگە يېزىلغان خىتايچە بىكەت ئىسمى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر دەۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كىلۋاتقان ھەرقايسى تۈرك جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلار، بىرقىسىم پارتىيە، مىللەت ۋەكىللىرى

2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 5 دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىنغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغۇچىلار ئىشلىگەن دەپ قارىغان مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە شەرقى تۈركىستانغا جايلاشقان خىتاي شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ بار.

مالايسىيا باش مىنىستىرى ماھادىر 28- سىنتەبىردىكى بىر زىيارەتتە، جەنۇبىي دىڭىز ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن قارشىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.