ئەنگىلىيە رادىئو تورى(BBC) خەۋىرىگە قارىغاندا پاكىستاننىڭ بالۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق كۆيتا شەھىرىدىكى ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 4 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، خەۋەردە دېيىلىشچە بۇ پارتلاش خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قەستلەش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىمالىغا يېقىنكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندە خىتاي باش ئەلچىسى يىغىن سەۋەبلىك بۇ مېھمانخانىدىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارىيس پەين (Marise Payne) نىڭ بىلدۈرۈشىچە: ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىكتورىيە شتاتىنىڭ خىتاي بىلەن تۈزگەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» رامكىسى ئىچىدىكى ئىككى ھەمكارلىق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. يېڭىدىن تۈزۈلگەن قائىدە پرىنسىپلارغا ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى شتات ۋە ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ چەتئەل بىلەن تۈزگەن كېلىشىملىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن.

ئاپتورى: پېتېر خارچېر
سىدنىي سەھەر خەۋەرچىسى، 2021- يىلى 10- ئاپرېل
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 20- ئاپرېل

ياپونىيەنىڭ ئاساسلىق شوخلا قىيامى ۋە كۆكتات شەربىتى ئىشلەپچىقارغۇچى كاگومې 14- ئاپرېل چارشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىن شوخلا قىيامىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ خام ئەشياسى بولغان شوخلا ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بايدىن ھۆكۈمىتى يۇمشاق گەپ بىلەن قاتتىق ھەرىكەتكە ئۆتتى. 8- ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ كۈچلۈك يەتتە كومپىيۇتىر شىركىتىنى خىتاينىڭ ئارمىيە تەرەپ ئۈچۈن ئىشلەيدىغان تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىش ۋە ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى توڭلىتىش مەزمۇن قىلىنغان مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە يېغىۋىلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئىرقىي قىرىغىنچلىق يۈرگۈزىشى سەۋەبىدىن، خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشى ۋە تەنقىدىنىڭ كۈچىيىشىگە قارىماي، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىكى ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەگە قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش نىسبىتى تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا قوللىدى، «شەرقىي تۈركستان تېررورچىلىرىغا زەربە بىرشتە خىتايغا ياردەم بەردۇق.»

«بىرۇسسېل بىلەن بېيجىڭ توقۇنۇش مۇساپىسىدا، خىتاي دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلماقتا — بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

ئامېرىكا – خىتاي تاشقى ئ‍شلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشۈشكە بىر نەچچە كۈن قالغاندا، ئامېرىكا 24 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلدى.