تۈركىيەنىڭ كېلەچەك پارتىيەسى (گەلەجەك پارتىيەسى)2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى جوش روگىنJosh Rogin بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى كەينىگە سۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ئامېرىكىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ لوبىچىلىرى، شۇنداقلا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇقى، ۋە بايدىن ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئاستىرتىن پارلامېنت ئەزالىرىدىن قانۇن لايىھە قەدەم باسقۇچلىرىنى ئاستىلىتىشىنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبلىك بۇ قانۇن لايىھە تا بۈگۈنگىچە ئەمەلىيلەشمىگەن ئىكەن.

تۈركىيە، ئازاربەيجان، قازاقستان، قىرغىزستان، ئۆزبەكستان، ھونگىرىيە، تۈركمەنستان قاتارلىق تۈركى تىللىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 8-نۆۋەتلىك تۈركى تىلدا سۆزلىشدىغان دۆلەتلەر ئۇچرىششغا قاتناشتى.مەزكۇر يېغىن قارار ماقۇللاپ، ئورگان نامىنى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئۆزگەرتتى. يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.