ختاي پىروپاگانداسى بولغان شنجاڭ تېلىۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسيا يەرمەنكىسگە قاتنىشش ئۈچۈن ئ‍ۈرۈمچىگە كەلگەن ئىران باش ئەلچىسى ھاشىمى ۋە پاكستان باش ئەلچىسى بەختىيار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاتالمىش «ختاي-شنجاڭ» بىلەن پاكستان ، ئاتالمىش «ختاي-شنجاڭ» بىلەن ئىران ئوتتۇرسىدىكى سودا، تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. باش ئەلچىلەر ئاتالمىش شنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ماختىغان ۋە ئاتالمىش […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 26-ئ‍يۇن 6-ئاينىڭ 17-كۈنى رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە پىرەزدىنتى پۇتىن ئوتتۇرىغا قويغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار لايىھەنىڭ باشقا مۇۋاپىق سەپلىمە لايىھەسى يوق. 6-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە تەرەپ ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا ھەر ۋاقىت سۆھبەتلىشىشنى خالايدۇ، لېكىن سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇكرائىنا […]

قسقا: ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 2024-يىللىق 16 كۈچلۈككە كىرگەن دۆلەت كوماندىلىرى تۈركىيە 26-ئ‍يۇن كۈنى چېخىيە كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ، ف گۇرۇپپىسدا ئىككىنچى بولۇپ، 16 كۈچلۈك ئىچىگە كىردى.2-ئ‍يۇل كۈنى ئاۋستىرىيە كوماندىسى بىلەن 8 كۈچلۈكنى تالىشش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.

شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2023-يىل 10-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك؛ بۇنىڭدىن باشقا، پەلەستىن قارشىلىق […]

تاجىكستان-ئاياللارنىڭ ھېجاپلىنىشنى، ھىيتنى كوچىلاردا ئاشكارا تەبرىكلەشنى مەنئى قىلدى. كۆپ سانلىق ئاھالىسى مۇسۇلمان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تاجىكستاننىڭ ھىجابنى چەكلىگەنلىكى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىماقتا. مەنبەسى: يەرشارى كۆزى خەۋەرلىرى

6-ئاينىڭ 19-كۈنى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋەدە ختاينىڭ كىشلىك ھوقۇقى خاتىرسى مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيى ختاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ ختاينى تەنقىد قىلدى. ئۇنداقتا ختاي بۇ ھەقتە نىمە دىدى؟ ختاينىڭ خەلق تورى مۇنداق خەۋەر قىلدى: ختاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى، […]

ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ۋەھشىيلىكنىڭ ئىسپاتى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنكاسى يېتەرلىك ئەمەس. كۆپ يىللاردىن بۇيان ، ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى ب د ت نى ھەل قىلغۇچ تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. قانداقلا بولمىسۇن ، جۈمە كۈنى ، ب د ت ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 20-ئ‍ېيۇن روسيە پىرەزدىنتى ۋىلادىمىز پۇتىن شمالى كورىيەگە رەسمى دۆلەت ئ‍شلىرى زىيارىتى ئىلىپ بىرىپ، كىم جۇڭئۇن بىلەن ئۇنېۋرسال ستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق كىلىشمى ئ‍ىمزالىدى. بۇ كىلىشمدە، بۇ ئىككى دۆلەتتىن قايسسى غەرپنىڭ ھەربى تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىسا، يەنە بىر دۆلەت ھەربى جەھەتتە ياردەم بىرىدۇ.بۇ 25 يىلدىن بىرى روسيە پىرەزدىنتىنىڭ شمالى كورىيەگە قىلغان تۇنجى زىيارىتى. […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 18-ئ‍يۇن ختاي باش منستىرى لى چياڭ ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلدى، ئىككى تەرەپ سودا مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە بىر قاتار يېڭى سودا پىلانىنى ئىلان قىلدى ئاۋسترالىيە باش منستىرى ئانتونى ئالبانىس بۈگۈن ئەكس -تە مۇنداق دىدى: «ئاۋسترالىيە باش مىنستىرى: ئاۋسترالىيە 1 مىلىيون 400 مىڭ ختاي پۇقراسنىڭ ۋەتىنى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئۇلار-بىزنىڭ مىللى ھېكايىمىزنىڭ […]

«ختاي نىڭ رۇسىيەنى قوللىشى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى «قوزغىتىۋاتىدۇ» ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى جۈمە كۈنى بېيجىڭغا قارشى ئاگاھلاندۇردى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا موسكۋانىڭ ئۇرۇش ماشىنىسىنى ماددىي جەھەتتىن قوللايدىغان كۈچلەرگە قارشى جازا يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىد سالدى. يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان يەتتە گۇرۇپپا (G7) باشلىقلارنىڭ  بۇ يىل ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا […]

سوت، تەپتىش ۋە زاسداتىللارنىڭ مۇستەقىللىقى، بىتەرەپلىكى گۇمان قوزغىماقتا. دىموكراتچىلار «قانۇننى ئ‍ۆز سياسى رەقىبىگە قارشى قوللاندى »دەپ ئ‍ەيىپلەنمەكتە. ئۆتكەن ئايدا، نيۇيورك شەھىرىدە ئىچىلغان سوت مەھكىمىسى تىرامپنىڭ 2016-يىللىق سايلامدىن بۇرۇن، ستورمى دانيەل ئ‍سمىلىك بىر  پاھشە ئايالغا ئۆزى بىلەن بولغان جنسى مۇناسۋىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا 130 مىڭ دوللار ئاغزىنى تۇۋاقلاش پۇلى بەرگەنلىكى مۇناسۋەتلىك […]

تۈركىيە تاشقى ئ‍شلار مىنستىرى خاقان فىداننىڭ ئۇيغۇرستان زىيارىتى دۇنيادا ئوخشمىغان ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. گەرچە خاقان فىدان ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارىتىدە، ئۇيغۇرلار بىلەن يۈزەكى سالاملىشپ،پاراڭلاشقان بولسمۇ، ئەمما ختاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئەكسچە ختاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئۇيغۇن ھالدا، يېنىكلىك بىلەن ختاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، خىتاي بىلەن تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش مەسللىرىدە ختايغا […]

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى: 12-ئىيۇن مەنبەسى: ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ۋە نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى(Department of Homeland Security)-تۈنۈگۈن ختاينىڭ ئۈچ شىركىتىنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سالغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكىغا مەھسۇلات كىرگۈزۈشتىن چەكلەيدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.بۇ شىركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى، 2021-يىلى ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەكنى چەكلەش قانۇنى»دىكى، ختاي ۋە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى […]

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ختاي توكلۇق ماشىنىلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشنى چەكلەش ئۈچۈن ئالدىنقى ئايدا يېڭى سياسەت ئىلان قىلىپ، 100 % لىك ئەڭ يۇقىرى تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغانىدى. ختاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ ئامېرىكىنىڭ ختاينڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا جازالاش خاراكتېرلىك ئۇسۇل قوللانغانلىقى ھەققىدە 6-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇنداق دېدى: قورۇقچىلىق قالاقلىقنى قوغدايدۇ، كەلگۈسىنى يوقىتىدۇ. […]

يىللاردىن بىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر يىلى باھار پەسلىدە، ختاينىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى ھەقىقى پاكىتلار بىلەن تەنقىد قىلىپ ، كىشلىك ھوقۇق خاتىرسنى ئاساس قىلىپ ھەرىكەت قوللىنىپ كەلگەنىدى. يېقىندا ختاي ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئىزلەشكە باشلىدى. بارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ دۈشمىنى ھېسابلانغان ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا سىياسى، ئىجتىمائىي، ئىقتسادىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئ‍ۈچۈن تىرىشماقتا.ئامېرىكىدا […]

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى، جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى ماسلاشتۇرغۇچىسى مارتىن گىرىففىس 6-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن رايونلاردا توقۇنۇش پەسەيمىدى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەبلىغى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل. گىرىففىس مۇنداق دېدى: دۇنيادا نۆۋەتتە تەخمىنەن 300 مىليون كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ يىل […]

ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسى شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئاچارچىلىقتا قالغان قىزىق نۇقتا رايونلارنىڭ ئېغىر ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاگاھلاندۇرۇش دوكلاتى»غا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى ئالتە ئايدا سۇدان، مالى، غەززەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 دۆلەت ۋە رايوندىكى ئاچارچىلىقتا قالغان 18 «قىزىق نۇقتا» رايوننىڭ ئاشلىق […]

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 9-ئ‍يۇن تۈركىيە سودا منسترلىكى تۈركىيدە ئ‍شلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنى قوغداش ئۈچۈن ختايدىن كىلىدىغان ئاپتوموبىللاردىن 40% دىن ئارتۇق باج ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ختاي ئاپتوموبىللىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىغىر تاموژنا جازاسىغا ھەتتا چەكلەشكە دۇچ كەلمەكتە. ختاي ھۆكۈمىتى ختاي ئاپتوموبىللىرىنىڭ خەلقئارا بازارنى ئىگەللىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئېكسپورت تولۇقلىما بېجى بىرىدۇ، بۇ ختاي شركەتلىرىگە […]

خاقان فىداننىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارىتى-ئۇيغۇرلار، تۈركىيە ۋە ختاي ئۈچۈن نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ بۇ زىيارەتنىڭ پايدىسى كىملەرگە بولىدۇ ؟ كىملەر زىيان تارتىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجابى تەرەپلىرى: 1-بۇ زىيارەت ختايغا «تۈركىيە ھىلىھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.»دىگەن ئۇچۇرنى بىرىدۇ. بۇ 12 يىلدىن كىين ئىلىپ بىرىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت ھسابلىنىدۇ. 2-خاقان فىداننىڭ […]

تۈركىيە 24 خەۋىرى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئۈچۈن ئاينۇر تەرجىمىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان 3-ئىيۇندىن 5-ئىيۇنغىچە جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتىتىنىڭ سىياسى بيۇرو ئەزاسى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ دۆلەتنى زىيارەت قىلىدۇ. زىيارەت جەريانىدا پەلەستىن ، ئۇكرائىنا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى تەرەققىياتلار ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى […]