2022 . يىلى 21-ئىيۇن كۇنى ئامېرىكا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان نۇرى تۇركەل ئەفەندىم كومىتېتنىڭ 2022—2023 يىللىق رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

نۇرى تۇركەلگە، ئۇيغۇرلارغا مۇبارەك بولسۇن.

20-فېۋرال (يەكشەنبە) مەكتىپىمىز ئۈچۈن جۇشقۇنلىققا تولغان ئىنتايىن مەنىلىك يەنە بىر تەبرىكلەش كۈنى بولدى. شۇ كۈنى، مەكتىپىمىزنىڭ ۋىرجىنيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەكتىپىمىزنىڭ تەرەققىياتى، ئانا تىلىمىزنى قوغداش، ئىشلىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى نامايەن قىلىندى.

ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى باشلىغان «ئۇيغۇر ساغلاملىق ھەرىكىتى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا،«ئۆز ھسياتېڭىزنى كونتىرۇل قىلىش ھەققىدە »ساۋات ۋە مەسلىھەت ئىلىپ بىرىلىدۇ.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى جوش روگىنJosh Rogin بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى كەينىگە سۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ئامېرىكىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ لوبىچىلىرى، شۇنداقلا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇقى، ۋە بايدىن ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئاستىرتىن پارلامېنت ئەزالىرىدىن قانۇن لايىھە قەدەم باسقۇچلىرىنى ئاستىلىتىشىنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبلىك بۇ قانۇن لايىھە تا بۈگۈنگىچە ئەمەلىيلەشمىگەن ئىكەن.