فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى جوش روگىنJosh Rogin بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى كەينىگە سۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە ئامېرىكىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ لوبىچىلىرى، شۇنداقلا دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىق كۈچلەرنىڭ توسقۇنلۇقى، ۋە بايدىن ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئاستىرتىن پارلامېنت ئەزالىرىدىن قانۇن لايىھە قەدەم باسقۇچلىرىنى ئاستىلىتىشىنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبلىك بۇ قانۇن لايىھە تا بۈگۈنگىچە ئەمەلىيلەشمىگەن ئىكەن.

ئامېرىكا پىرەزدىنتى جوۋ بايدىن 28-ئىيۇل ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش مەخسۇس يېغىنى چاقىرىپ، سودا-سانائەت ساھەسدىكىلەرگە ئامېرىكىنىڭ ئ‍ئىشلەپچىقىرىش ۋە سانائەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى،ئۇ يەنە سانائەتكە 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۇ يەنە تەيۋەن كارخانىلىرىنى ئامېرىكىغا باشلاپ كىرىپ،ختتاي كارخانىلىرىنى ئورنىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامرېكا سودا مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇل بايانات بېرىپ خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىكىچىلىكىگە تۆھپە قوشقان، ئامرېكا ھەربىي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان شۇنداقلا ئامرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قارالغان 34 شېركەتكە ئىمبارگۇ يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان.

«فرانسىيە خەلقئارا رادىئوسى» خەۋىرى: خوڭكوڭ «ئىقتىساد گېزىتى» نىڭ دوكلات قىلىشىچە، بايدىن 6- ماي لۇئىسىئانا شىتاتىغا «ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش لايىھىسى» نى ئومۇملاشتۇرغىلى بارغان. ئۇ چارلىز كۆلىدىكى كالكاسىي دەرياسى كۆۋرۈكى (Calcasieu River Bridge) نىڭ ئالدىدىكى لېكسىيەسىدە، ئامېرىكىدا بۇنداق جىددىي رېمۇنت قىلىشقا تېگىشلىك كۆۋرۈكتىن نەچچە مىڭىنىڭ بارلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى مەبلەغ سېلىشقا سەل قاراپ، ئۇل ئەسلىھە سەۋىيىسىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى، خىتاينىڭ بولسا تېز يېتىشىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى باياناتچىسى ۋۇشىيەندا 29- ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بېرى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ خىتاي دېڭىزى ئەتراپىدىكى ھەرىكەتلىرى ئوخشاش يىلدىكىدىن %20، جاسوسلۇق ئايروپىلانلىرىنىڭ ھەرىكىتى%40 ئاشقان. ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ،ختتاي تەرەپ بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرىدۇ.»

بايدىن ھۆكۈمىتى يۇمشاق گەپ بىلەن قاتتىق ھەرىكەتكە ئۆتتى. 8- ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاينىڭ كۈچلۈك يەتتە كومپىيۇتىر شىركىتىنى خىتاينىڭ ئارمىيە تەرەپ ئۈچۈن ئىشلەيدىغان تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىقنى توختىتىش ۋە ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى توڭلىتىش مەزمۇن قىلىنغان مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈردى.

ئامېرىكا – خىتاي تاشقى ئ‍شلار مىنىستىرلىرى كۆرۈشۈشكە بىر نەچچە كۈن قالغاندا، ئامېرىكا 24 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلدى.