بۈيۈك ھىمايە غەلىبىسى! ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسى قانۇن بولۇپ ئىمزالاندى

ئەن سچرىموۋ دۇربىن بىر ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتى ھەم يەھۇدى دۇنيا كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئادۋوكاتلىق ۋە ئىئانە باشقۇرغۇچىسى.

يەھۇدى دۇنيا كۆزىتىش تەشكىلاتى تورى

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020.يىلى 26.ئىيۇن

 

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020.يىلى 1.ئىيۇل

 

ئەن سچرىموۋ دۇربىن

 

ئەن سچرىموۋ دۇربىن بىر ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتى ھەم يەھۇدى دۇنيا كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئادۋوكاتلىق ۋە ئىئانە باشقۇرغۇچىسى.

 

ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى سىياسىتى قانۇن لايىھەسى ھازىر بىر رەسمىي قانۇندۇر! سىزدەك ھىمايىچىلەرنىڭ تۆھپىسىدە، 17. ئىيۇن پرېزىدېنت ترامپ بۇ قانۇن لاھىيەسىگە ئىمزا قويۇپ، بىزنى خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېتنىك ۋە دىنىي ئازسانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارغا ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇردى. بۇقانۇن تۇنجى قېتىم بىرھۆكۈمەتنىڭ خىتاينى ئۆزىنىڭ مىليونلىغان پۇقرالىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە چوڭ كۆلەملىك قامال قىلىشتەك قەبىھ قىلمىشلىرى ئۈستىدە جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ھەرىكەت قىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

يەھۇدى دۇنيا كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ زور ئۇتۇقنى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى، كۈلتۈرى، ۋە ۋەتىنىگە ۋاكالىتەن ئېلىپ بارغان جۇشقۇن پائالىيەتچىلىكى بىلەن بۇ مۇھىم ھىمايە غەلىبىسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا ياردەم قىلغان بارلىق ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى بىلەن بىرگە قۇتلايدۇ.  ئۇيغۇر ئادۋوكات ۋە دوستىمىز، ئۇيغۇر كرىزىسى ھەققىدە ھۇشيارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سايلانغان خادىملار بىلەن ئېچىلغان نۇرغۇن يىغىندا يەھۇدى دۇنيا كۆزىتىش تەشكىلاتىغا ئىشتىراك قىلغان گۈلباھار مامۇت، «بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسى بىزنى ھاياجانلاندۇرۇۋاتىدۇ… شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىمىزنىڭ قانچىلىك خوشال بولغانلىقىنى تەسۋىرلىيەلمەيمەن، گەرچە ئۇلارنىڭ بۇنى تەبرىكلەش ئەركىنلىكى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار مەڭگۈ چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولىدۇ. غەلىبە ھەممىمىزگە مەنسۇپ. يەھۇدى دۇنيا كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت» دېدى.

 

رەھىمسىزلىكلەر

 

نۆۋەتتە ئىككى مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلار، شىنجاڭ رايونىدىكى يىغىۋېلىش تىپىدىكى لاگېرلاردا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنماقتا ۋە 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ھەقلەر يوقسۇللۇقى، كۈلتۈر بېسىمى ۋە قورقۇنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئاشقۇن بىر نازارەت قىلىش دۆلىتىگە دۇچار بولماقتا. ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، مەھبۇسلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ، ھەرقانداق بىر بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ساقال قويۇش ۋە ياكى تاغلىق چىگىش قاتارلىق دىنىي ئادەتلەر ئۈچۈن نىشان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، تەخمىنەن يېرىم مىليون ئۇيغۇر بالىسى مەجبۇرىي ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلىپ، مەدەنىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان ياتاقلىق مۇئەسسەسەلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر قاتار خورلاشلار- ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رۇخسەت قىلىنغان چوڭ كۆلەملىك باسقۇنچىلىق ۋە ھۆكۈمسىز ئۆلتۈرۈشلەردىن يەھۇدى دۇنيا كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ داۋاملىق سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان ئوچۇق – ئاشكارە كۈلتۈر قىرغىنچىلىقىغا قەدەرئۇلىشىۋاتىدۇ. ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى چوڭ قىزغىنچىلىقى موزىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا تەشكىلاتلارمۇ بۇ باھالاشقا قاتناشتى. يەھۇدى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2019.يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنى قىزغىن تەشەببۇس قىلدى. بىز ئاساسلىقى كالىفورنىيەدىكى يەرلىك ئۇيغۇر مۇھاجىر جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش، شۇنداقلا سىزلەر(ساداقەتمەن قوللىغۇچىلىرىمىز) ئەۋەتكەن مىڭلىغان خەتلەر ئارقىلىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ۋە ۋەكىللەرنىڭ نۇرغۇن ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشتۇق. يەھۇدى دۇنيا كۆزىتىش تەشكىلاتى –  خىتاي بىر ئاز سانلىق مىللەتنى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ قەبىھ چوڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىۋاتقان پەيتتە، قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشنى رەت قىلىپ ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇر كرىزىسى ھەققىدە سۆز قىلغان يەھۇدى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

 

قانۇن

 

ئۇيغۇر قانۇنىغا ئاساسەن،  پرېزىدېنتنىڭ 180 كۈن ئىچىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ۋە خىتاي ئىچىدىكى باشقا ئېتنىك تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارشى ۋەھشىيلىكلەرنى پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىشقا ھەمكارلاشقان شېرىك جىنايەتچىلەرنى ئېنىقلاپ مەجلىسكە بىر دوكلات سۇنۇشى تەلەپ قىلىنغان. دوكلاتتا ئېنىقلانغان شەخىسلەر مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش، ۋىزا بىكار قىلىش ۋە رەت قىلىشنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋىي ماگنىتسكىي جازالىرى بويىچە جازالىنىدۇ. ئۈشبۇ قانۇن يەنە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا قانچە ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەقىلگە سىغمايدىغان شارائىتلار ھەققىدىكى مۆلچەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىرىگە ئالاقىدار بىر دوكلات تەييارلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يەنە خىتاينىڭ چوڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە نازارەت قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان تېخنولوگىيە ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈشى ۋە دوكلات قىلىشى ۋە شۇنداقلا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئامېرىكا ئىچىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا خىتاي مىللىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە قورقۇشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشى كېرەك. بۇ قانۇن كۆپ قېتىم تەكرارلىنىشلارنى باشتىن كەچۈردى ۋە ئۇدا نەچچە يىل قىزغىن ھىمايە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بۇ قانۇن قاتمال ھالەتكە كېلىپ قالغاندەك، ئادالەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تېخىمۇ كۆپ ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بۇ پۇرسەت قولدىن كەتكەندەك كۆرۈنگەنىدى. بەختكە يارىشا، كارىدورنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدىكى مەجلىس ئەزالىرى، ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن ۋەھشىيلىكلەرنىڭ تىزگىنلەنمىگەنلىكىنى بايقىدى. ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قانۇنى، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئىككى پارتىيەنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ھەر ئىككى پالاتادا رېكورد بۇزغان ۋاقىت ئىچىدە ماقۇللاندى. بىز پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مەمۇرىي ئورگانلارنى بۇئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ چەتتە قاراپ تۇرماي، ئۆتۈنۈشىمىزگە جاۋاپ قايتۇرغانلىقى ئۈچۈن چىن يۈرەكتىن ئالقىشلايمىز.

 

ئەسلى مەنبە:

 

https://www.jww.org/conflict-areas/china/major-advocacy-victory-uyghur-act-signed-into-law/

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

بىر ئۇيغۇرنىڭ كەچمىشىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياسىغا نەزەر

پە ئىيۇل 2 , 2020
بۇ شىۋىتسارىيەدە بىر ژۇرنالىست بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسى بولۇپ مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە سۇندۇم . ۋە بۇ سۆھبەتتە خىتاينىڭ دۆلەت تېرورلۇقى سىياسەتلىرىنى بېشىمدىن ئۆتكەن ۋەقەلىكلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈردۈم.

You May Like