ئەگەر دائىم ئاچچىقلانغاندا، ئاسانلا جىگەر، بۆرەكنى زەخملەندۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىچكى ئاجراتمىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە كېسىلىنى پەيدا قىلىش مۇمكىن. ئاچچىقلىنىشنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان زىيىنىنى چۈشىنىشىمىز، كەيپىياتىمىزنى ياخشى تەڭشەپ، ئۈمىدۋار، ئوچۇق-يورۇق تۇرمۇش پوزىتسىيىسىنى ھازىرلىغاندىلا، ئىچكى ئاجراتمىنىڭ تەڭشىكىگە پايدىلىق بولۇپ، خاپا بولۇشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ. 1. داغ-سەپكۈن پەيدا قىلىدۇ. خاپا بولغاندا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىپ، مېتابولىزم ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، توكسىن بەدەن سىرتىغا چىقالماي، تېرىدە چۆكمىلىنىپ داغ پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ مىقداردىكى قان باشقا يىغىلىۋېلىپ، قاندىكى ئوكسىگېن ئازلاپ، توكسىن جۇغلانمىسى كۆپىيىدۇ-دە، تۈك خالتىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە داغ-سەپكۈننى پەيدا قىلىدۇ. 2. خولېستېرىننىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ. بەدەندىكى كورتىزول ئاسانلا تاشقى دۇنيانىڭ بېسىمى بىلەن غىدىقلىنىدۇ ياكى خاپا بولغاندا ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىپ، خولېستېرىننىڭ تەڭپۇڭسىزلىق ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپچىلىك ئادەتتە ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھالىتىنى ياخشى تەڭشىشى كېرەك، ھەددىدىن زىيادە ئاچچىقلانماسلىق، ئادەم بەدىنىدىكى خولېستېرىننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. 3. جىگەرنى زەخملەندۈرىدۇ. خاپا بولغاندا، ئادەم بەدىنى كاتېخولامىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ماددا مەركىزىي نېرۋىنى غىدىقلاپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان قەنتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان ۋە جىگەر ھۈجەيرىسىدىكى توكسىن بارغانسېرى كۆپىيىپ، بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاسانلا قاننىڭ راۋان بولماسلىقى، سەپرا بۇزۇلۇش، جىگەر ئاغرىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ زەھەرنى ھەيدەش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى جىگەرنى قوغداش ئۈچۈن، زىيادە ئاچچىقلىنىش ياكى نورمالسىز كەيپىياتتىن ساقلىنىش كېرەك. 4. بۆرەك ئىقتىدارىدا كەمتۈكلۈك كۆرۈلىدۇ. ئەگەر دائىم تەشۋىشلىنىپ، جىددىيلىشىپ، ئاچچىقلانغاندا، سىمپاتىك نېرۋىنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زور مىقداردا ئادرېنالىن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ ۋە يۈرەكنىڭ زىيادە تېز سوقۇشى، قان قەنتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. 5. ئىچكى ئاجراتمىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر غەزەپلىنىپ، ئاچچىقلىنىدىغان ئەھۋال پەيدا بولسا، ئىچكى ئاجراتمىنىڭ ئاسانلا قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىشنىڭ نورمالسىزلىقىنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ئىچكى مۇھىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، قالقانسىمان بەزنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قالقانسىمان بەز كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئاياللار ئەگەر دائىم ئاچچىقلانسا، ھەيز دەۋرىيلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچكى ئاجرالمىنىڭ قالايمىقان بولۇشى، ھەيز بالدۇر كېلىش ياكى كېچىكىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. 6. ئۆپكىنى زەخملەيدۇ. دائىم ئاچچىقلانغاندا، نەپەس ئېلىش سۈرئىتى تېزلەپ، ئۆپكە زىيادە كېڭىيىپ، بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز. ئۆپكىنىڭ زەخملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كەيپىياتنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنى ئارام ئالدۇرۇش لازىم. 7. ئاشقازان يارىسى. ئاچچىقلانغاندا سىمپاتىك نېرۋىلار ئاسانلا غىدىقلىنىپ، بەدەندىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر غىدىقلىنىش يۈرەك ۋە قان تومۇرلار ئۈستىدە بولسا، ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىشتىھانىڭ تۆۋەنلىشى، ئاشقازان يارىسى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. 8. يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەيدۇ. ئاچچىقلىنىش ئاسانلا قان ئايلىنىشنىڭ تەڭشىكىنى بۇزۇۋېتىدۇ، زور مىقداردىكى قان چوڭ مېڭىگە يىغىلىۋېلىپ، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك ۋە يۈرەك مۇسكۇلىغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ. يۇقىرىدىكىلەر ئاچچىقلىنىشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىدۇر، ئادەتتە كەيپىياتنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئىلاجنىڭ بېرىچە چېچىلماسلىق ياكى ئاچچىقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردىن يىراق تۇرۇش لازىم.
بۇنى كۆرۈپ يەنە غەزەپلىنىشكە پېتىنلامسىز؟
ئەگەر دائىم ئاچچىقلانغاندا، ئاسانلا جىگەر، بۆرەكنى زەخملەندۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىچكى ئاجراتمىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە كېسىلىنى پەيدا قىلىش مۇمكىن. ئاچچىقلىنىشنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان زىيىنىنى چۈشىنىشىمىز، كەيپىياتىمىزنى ياخشى تەڭشەپ، ئۈمىدۋار، ئوچۇق-يورۇق تۇرمۇش پوزىتسىيىسىنى ھازىرلىغاندىلا، ئىچكى ئاجراتمىنىڭ تەڭشىكىگە پايدىلىق بولۇپ، خاپا بولۇشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ.