ئۇيغۇر ئاگىتنلىقى
تەييارلىغۇچى: ئەردەم
2019-6-15
ئامرىكا- خىتاي سودا ئۇرۇشى كەسكىن داۋاملىشىۋاتقان، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈنسايىن يامانلىشىۋاتقان شارائىتتا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە جەم بولدى.
ھەرقايسى تەرەپلەر گەرچە ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت كونا مۇقامدا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، ھەربىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئۈچ خىل كۈچ ھەر خىل ئىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا خىتاي – ھىندىستان چىگرا توقۇنۇشى، ھىندىستان- پاكىستان چىگرا توقۇنۇشى، قىرغىزىستان- ئۆزبەكىستان چىگرا توقۇنۇشى، قىرغىزىستان- تاجىكىستان چىگرا توقۇنۇشى، ( كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان يۇقارقى دۆلەتلەر بىلەن چىگرا توقۇنۇشى ھاسىل بولىدىغان چىراي) شۇنداقلا يەنە خىتاي- روسىيە مەنپەئەئەت توقۇنۇشى قاتارلىقلار بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنىڭ شەكلەن ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىرەتتى.
خىتاي ئۆتكەن يىلى چىڭداۋغا بۇ يىغىنغا ساھىپخانلىق قىلغان ۋاقتىدا سودا ئۇرۇشى رەسمىي باشلانمىغان ئىدى، ھازىر بولسا ئېغىر زەربە دەستىدىن قىينالماقتا. ئۇ روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ياردەمدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق 2014- يىلى روسىيە قىرىمنى بىسىۋالغاندا، ياۋروپا ئىمبارگو يۈرگۈزگەن، ئۇ ۋاقىتتا خىتاي چېتىلىپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ، روسىيەگە ھەمدەم بولمىغان ئىدى. مانا ئەمدى خىتاينىڭ بىشىغا كۈن چۈشكەندە روسىيە مەنىلىك قىلىپ، ئىككى يولۋاس تالاشسا، ئېيىققا پايدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىغىندا خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ يول پىلانىمۇ ئانچە بەك ئالقىشقا ئىرىشەلمىدى. تەشكىلاتتىكى چوڭ دۆلەتلەردىن روسىيە تېخىچە رەسمىي ماقۇللىمىدى، ھىندىستان بولسا قوشنا كۈشەندىسىنىڭ بۇ پىلانىغا قارشى. قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبەكىستان بولسا خىتاينىڭ تىز پۇرسەتتە شەرقىي تۈركىستاندىن باشلىنىپ غەربكە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يولىنى تىزدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلدى. ئەپسۇس، تېخى يىقىندا خىتاي پۇل يىتىشمىدىمۇ ياكى قازاقىستان چىرىكلىك قىلىپ مەبلەغنى يۇتىۋالدىمۇ، ئەيتاۋۇر خىتاي قازاقىستانغا سالىدىغان تۆمۈر يول قەرىز مەبلىغىنى توختاتتى. قازاقىستاننىڭ يىڭى پىرىزدىنتى، سابىق سوۋىت دىپلوماتى، خىتايشۇناس توقايىۋ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىردى.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەككە كىلىشتىن ئاۋال، قىرغىزىستانغا 60 مىلىيون يۈەن ياردەم پۇلى، بىرونىۋىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم ساقچى ماشىنىلىرىنى سوۋغا قىلغان. قىرغىزىستاندا خىتاي كۈتۈپخانىسى ئىچىلغان. قىرغىزىستان خىتايدىن ئالغان قەرىز پۇلى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويۇش خەۋپىگە ئاپارغان. قىرغىزىستان يەنە يىقىندا ھىندىستاندىنمۇ زور مىقداردا قەرىز ئىلىپ، ئاساسلىقى ھەربىي قۇرال- ياراق سېتىۋىلىشقا ئىشلەتمەكچى بولغان. كۆزەتكۈچىلەر روسىيە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا بەك كۈچىيىپ كىتىشىنى خالىمىغاچ، قىرغىزىستاندا ھىندىستاننىڭ كۈچىنى زورايتىش ئارقىلىق، خىتاينى چەكلىمەكچى دەپ قارىماقتا.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارنى جازا لاگىرلىرىغا تۇتۇپ سولاش جىنايەتلىرىگە قارىتا قىرغىزىستان ئىزچىل پاسسىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ كەلگەن، يەرلىك خەلقلەر نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردە بولغاندا ساقچىلار مەجبۇرى تارقاقلاشتۇرغان ياكى تەشكىللىگۈچىلەرنى تۈرمىگە تۇتۇپ سولىغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق، باستۇرۇرۇشلارغا قارىتا، «خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا»ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىغىنغا كۆزەتچى ئەزا سۈپىتىدە قاتناشقان ئىران بولسا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇپ قوبۇل قىلىنىپ، ئامرىكىنىڭ ئىمبارگوسى ۋە ھەربىي تەھدىتىگە قارشى ئارقا تىرەككە ئىرىشمەكچى ئىدى، ئۇ ئامرىكىنى تىللاپ، كاندىدات دوستلىرىدىن ياردەم سوراشتىن باشقا سۆز قىلمىدى. بىراق ئۇنىڭ تەلىپى يەنىلا كىچىكتۈرۈلدى.
شۇنداق قىلىپ، نە ھەربىي، نە ئىقتىسادىي، نە قىممەت قارىشى بىر يەرگە كەلمەيدىغان بىر نەچچە دۆلەت يەنە بىر قىتىم چاي ئىچىشىپ كىتىپ قالدى.
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى ئايدىڭ. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىگە قىزىقسىڭىز، دىققىتىڭىز بىزدە بولغاي.