بىرتانىيەلىك ئۇيغۇر بۈيۈك بىرتانىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندا غايىپ بولغان ئائىلىسىنى ئىزدەشكە ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن تەييارلىدى

بۈگۈن، يەنى مىلادى 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ دۆلەت گېزىتى دەپ ئاتىلىدىغان “Daily Telegraph” (تېلېگراف كۈندىلىك گېزىتى) نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سوفئا يەن بېيجىڭدىن مەزكۇر گېزىتنىڭ يەكشەنبە كۈنلۇك سانى “The Sunday Telegraph” گېزىتىنىڭ 13-بەت “دۇنيا خەۋەرلىرى سەھىپىسى” گە تۆۋەندىكىدەك تېمىدا مەزكۇر گېزىتتا كەم ئۇچىرايدىغان بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىدۇ – “بېيجىڭ ئىككى يىل بۇرۇن مېنىڭ ئانامغا تېلېفون قىلىشىمنى چەكلىدى”.

گەرچە بۇ گېزىتنىڭ ئالدىنقى بەتلىرى بىرتانىيە شاھزادىسى ھارري بىلەن مەلىكە مەغاننىڭ بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغانلىقىغا بېغىشلانغا ئالاھىدە خەۋەر ۋە رەسىملەر بىلەن تولغان بولسىمۇ، 30 بەتلىك بۇ گېزىتنىڭ 13 بەتىگە مۇخبىرنىڭ ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى بېسىلغان بۇلۇپ، بىرتانىيە پۇقراسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيە قىلىش ئۈچۈن مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولغانلىقىنى، جۇملىدىن 2 يىلدىن بۇيان يالغۇز ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشالمىغانلىقى، 2017-يىلى ئاتىسى ئۆلۇپ كەتكەندە بارالمىغانلىق ئەھۋاللىرى، ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۇرگۇزۇۋاتقان ئىرقىي، دىنىي ۋە مەدەنىي قىرغىنچىلىقلىرى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بىرتانىيە ھوكۇمىتىدىن ئانىسىنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىشقا ياردەم قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۇرگۇزۇۋاتقان ئىرقىي جىنايەتلىرىگە سۈكۇتتە تۇرماسلىققا، ئەقەللىسى بىرتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە -تاۋابەتلىرى ھوقوقىنى قوغداشتا قىلىشقا تېگىشلىك مەسۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان. مۇخبىر يەنە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە فاكىس ئارقىلىق يازما شەكىلدە ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئانىسى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يوللىغان.

يەنە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مەزكۇر تېلېگراف خەۋەر ئاگېنتلىغىنىڭ رەسمىي تور سەھىپىسىدە “بىرتانىيەلىك ئۇيغۇر بۈيۈك بىرتانىيە ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندا غايىپ بولغان ئائىلىسىنى ئىزدەشكە ياردەم قىلىشقا چاقىردى” سەرۋەلىك تەپسىلى خەۋەر بېرىلگەن.

بۇ بىر شەخىس تەرپىدىن بۈيۈك بىرتانىيە دولەتلىك مەتبۇئاتتىدا بېرىلگەن ئۇيغۇر كىرزىسىگە ئائىت تۇنجى خەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«تېلېگراف كۈندىلىك گېزىتى» – بۈيۈك بىرتانىيەنىڭ (ئەنگلىيە) ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپالار پارتىيىسىگە مائىل ئاقسوڭەكلەر گېزىتى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، مەزكۇر گېزىت 1866- يىلىدىن باشلاپ نەشىر قىلىنىغان، بىرتانىيە ۋە دۇنياغا مەشھۇر گېزىتلارنىڭ بىرىدۇر.


خەۋەرنىڭ توردىكى مەنبەسى:
https://www.telegraph.co.uk/news/2019/05/12/british-uighur-calls-uk-government-help-search-missing-family

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئەردوغان پۈتۈن دۇنيانى ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

شە ماي 15 , 2021
تۈركىيە پرېزدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان پۈتۈن دۇنيانى ئىسىرائىلىيەگە قارشى ھەرىكەت قوللىنشىقا چاقىردى. ئەردوغان تۋىتتېر ۋە باشقا تاراتقۇلارغا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق جاكارلىغان: «ئىسلام دۆلەتلىرى باشتا بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن دۇنيانى ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا، قۇددۇسقا ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارشى تەسرى بار شەكىلدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىگە چاقىرىق قىلىمەن.»

You May Like