بىرلەشمە ئاگېنىتلىقى:خىتاي چوڭ يۇقۇمدىن ئاممىنى ئاگاھلاندۇرمىدى

خىتاي چوڭ يۇقۇم بولۇش ئېھتىماللىقى بايقالغان ھالقىلىق 6 كۈندە ئاممىنى ئاگاھلاندۇرمىغان .

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020.يىلى 15.ئاپرىل

 

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020-04-16

 

خىتاي چوڭ يۇقۇم بولۇش ئېھتىماللىقى بايقالغان ھالقىلىق 6 كۈندە ئاممىنى ئاگاھلاندۇرمىغان .

 

خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى مەخپىي ھالدا تاجىسىمان ۋىرۇس چوڭ يۇقۇمىغا دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقىنى بېكىتكەندىن كېيىنكى 6 كۈن ئىچىدە ۋىرۇسنىڭ مەركىزى ۋۇخەن شەھرىدە نەچچە ئون مىڭ كىشىلىك كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈلگەن. مىليونلىغان ئامما دېھقانلار كالىندارى يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن. 

 

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر  قايتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئېرىشكەن مۆلچەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، رەئىس شى جىنپىڭ 7. كۈنى يەنى  20. يانۋار خەلققە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئەمما ئۇ چاغقىچە  بىر ھەپتىلىك ئاممىۋىي سۈكۈت داۋامىدا ئاللىبۇرۇن 3000 دىن ئارتۇق ئادەم ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان. 

 

 

 

ئالتە كۈن . 

 

14.يانۋاردىن 20.يانۋارغىچە كېچىكتۈرۈش خىتاينىڭ ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ھەم تۇنجى خاتالىقى ئەمەس ، ھەم ئەڭ ئۇزۇن  كېچىكتۈرۈشى ئەمەس ، چۈنكى خىتاي دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى نەچچە ھەپتە ھەتتا نەچچە ئاي كەينىگە سۆرىدى. 

 

بىراق، تۇنجى دۆلەتنىڭ ۋىرۇسقا يۈزلىنىشنى كېچىكتۈرۈشى – ھالقىلىق پەيتكە توغرا كەلدى- يۇقۇمنىڭ باشلىنىشىغا . خىتاينىڭ ئاممىنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ساراسىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارىسىدا بىر سىزىقتا مېڭىشقا ئۇرۇنۇشى- يۇقۇمدارلار سانى 2 مىليوندىن ھالقىغان ۋە شۇنداقلا 128 مىڭدىن ئارتۇق جانغا زامىن بولغان  چوڭ يۇقۇمغا مەيدان ھازىرلىدى.

 

ئەسلى مەنبە : ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى تورى

 

https://apnews.com/68a9e1b91de4ffc166acd6012d82c2f9

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

ۋول سىچرىت: خىتاي لوپنۇردا يوشۇرۇن ھالدا يادرو سىنىقى قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن

پە ئاپرېل 16 , 2020
ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى ئىلان قىلغان بىر ھەربىي ھازىرلىق دوكلاتىدا، خىتاي تەرەپ گەرچە 1996- يىلى ئىمزالانغان يادرو سىناقلىرىنى توختىتىش كىلىشىمىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا مەخپى ھالدا ئىنتايىن تۆۋەن پارتلاش كۈچىگە ئىگە يادرو سىناقلىرىنى مەخپى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مۇمكىن ئىكەن.

You May Like