بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانى (2)

مۇھىم ئەسكەرتىش : ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى سياسەت ئىلمى،خەلقئارا مۇناسۋەت كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە چەتئەل تىللىرىغا پششىق بولغان ياش زىيالىيلارنىڭ بىتەرەپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھۈججەتلەر،باياناتلار ۋە تاراتقۇ خەۋەرلىرىنى تىللار ئارا ئەينەن تەرجىمە قىلىپ سۇنىدىغان بىر سەھنىسى بولۇپ،ھىچقانداق گەۋدە ياكى شەخستىن ياردەم ۋە بۇيرۇق قوبۇل قىلمايدۇ

مۇھىم ئەسكەرتىش : ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى سياسەت ئىلمى،خەلقئارا مۇناسۋەت كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە چەتئەل تىللىرىغا پششىق بولغان ياش زىيالىيلارنىڭ بىتەرەپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھۈججەتلەر،باياناتلار ۋە تاراتقۇ خەۋەرلىرىنى تىللار ئارا ئەينەن تەرجىمە قىلىپ سۇنىدىغان بىر سەھنىسى بولۇپ،ھىچقانداق گەۋدە ياكى شەخستىن ياردەم ۋە بۇيرۇق قوبۇل قىلمايدۇ.پەقەت ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن سەمىمى خىزمەت قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەزكۇر يېغىنىدىكى مۇنازىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمى بىر سائەتلىك سۆھبەت بولۇپ ،بۇ ھۈججەتلەر نەق مەيدان فىلىمغا ئىلىنغان فىلىم ھۈججىتى بولۇپ،پەقەت يازما شەكلى يوق،شۇڭا فىلىمنى قايتا-قايتا قويۇپ ئاڭلاپ،تەرجىمە قىلىش ،يەنە قايتا -قايتا قويۇپ ئاڭلاپ تەھرىرلەشكە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلدۇق،مەقسەت پەقەت چەتئەلدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيەتنى بىۋاستە ئەينەن بىلىپ ،مەسللەرنى ئۆز ئەقلى-ھوشى بىلەن ئويلىنىىشغا تۈرتكە بولۇشتۇر.چۈنكى بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يورۇشۇن كۈچىنىڭ بىلىش ۋە چۈشىنىش بىلەن ئويغىنىدىغانلىقىغا ئىشنىمىز!ختتاينىڭ تور بېكىتىمىز ئىلان قىلىنغاندىن بىرى ئىلىپ بىرىۋاتقان خاككىرلىق ھۇجۇملىرى ۋە ئىقتىدارسز ھەسەتخورلارنىڭ غەيۋەتلىرى بىزنى بۇ ئىلمى ،جاپالىق ،ساۋاپلىق ئەمگىكىمىزدىن توختىتالمايدۇ. يېغىن ئارقا كۆرۈنۈش: 19ئەزا دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى كومېتىتى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى <<غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتىنى بېكىتىش يېغىنى>>دا ختتاي ۋەكىلى <<خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيتى >>دىگەن تەشكىلاتنىڭ <<ب د ت>> دىكى مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتىنى ئىلىپ تاشلاش تەكلىۋىنى سۇندى،سەۋەبى :بۇ تەشكىلات ئاتالمىش ئۇيغۇر پائالىيەتچى دولقۇن ئساغا مەزكۇر يېغىنغا قاتنىشش سالاھىيتى بەرگەن. بۇ تەكلىپ روسيە پاكستان ،ئىران، سۇدان ، تۈركىيە ، كۇبا قاتارلىق ختتاينىڭ ب د ت دىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېتتپاقداشلىرىنىڭ قوللاپ سۆز قىلىشى ياكى سۈكۈت قىلىش بىلەن قوللىشىغا ئىرىشتى.ئامېرىكا ،گىرمانىيە،ياۋروپا ئېتتپاقى ، ئسرائىلىيە ، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى . ئامېرىكا ئەلچىسى : رەھمەت رەئس،بۇ ئىنتايىن ئازاپلىق ۋە ئۇمۇتسزلەندۇرىدىغان بىر كۇن بولدى،چۇنكى بىز بۈگۈن بۇ يەردە بۇ كومېتىتىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە ئۆزىنى ئسلام دىنىنىڭ ھىمايىچىىسى ۋە ئەگەشكۈچىسى دەپ ئوتتۇرىغا چىققان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ <<ئسلامغا قارشى >>ھەرىكەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغانلىقىنى كۆردۇق.بۇ دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ دىنى ۋە ئنسانى ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان بىر شەخسنى ھىچقانداق ئسپاتلانغان پاكىتلارنى تەمىنلىمەستىن تىرورىزىم بىلەن ئەيىپلەش ئارزۇسى ئۇچۇن تىرىشچانلىق قىلىۋاتىدۇ….>>دىدى. يېغىندا جۇڭگو ۋە جۇڭگونىڭ ئېتتپاقداشلىرى ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇرلارنى ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغان دۈشمەن سۈپىتىدە يەكلەشكە ئۇرۇندى… تەرتىپ بويىچە،5-ئاينىڭ 25-كۈنى جۈمە چۈشتىن كىين مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغان بولدى. مۇھىم ئەسكەرتىش : ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى سياسەت ئىلمى،خەلقئارا مۇناسۋەت كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە چەتئەل تىللىرىغا پششىق بولغان ياش زىيالىيلارنىڭ بىتەرەپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھۈججەتلەر،باياناتلار ۋە تاراتقۇ خەۋەرلىرىنى تىللار ئارا ئەينەن تەرجىمە قىلىپ سۇنىدىغان بىر سەھنىسى بولۇپ،ھىچقانداق گەۋدە ياكى شەخستىن ياردەم ۋە بۇيرۇق قوبۇل قىلمايدۇ.پەقەت ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن سەمىمى خىزمەت قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ تەشكىلاتى مەزكۇر يېغىنىدىكى مۇنازىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمى بىر سائەتلىك سۆھبەت بولۇپ ،بۇ ھۈججەتلەر نەق مەيدان فىلىمغا ئىلىنغان فىلىم ھۈججىتى بولۇپ،پەقەت يازما شەكلى يوق،شۇڭا فىلىمنى قايتا-قايتا قويۇپ ئاڭلاپ،تەرجىمە قىلىش ،يەنە قايتا -قايتا قويۇپ ئاڭلاپ تەھرىرلەشكە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلدۇق،مەقسەت پەقەت چەتئەلدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيەتنى بىۋاستە ئەينەن بىلىپ ،مەسللەرنى ئۆز ئەقلى-ھوشى بىلەن ئويلىنىىشغا تۈرتكە بولۇشتۇر.چۈنكى بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يورۇشۇن كۈچىنىڭ بىلىش ۋە چۈشىنىش بىلەن ئويغىنىدىغانلىقىغا ئىشنىمىز!ختتاينىڭ تور بېكىتىمىز ئىلان قىلىنغاندىن بىرى ئىلىپ بىرىۋاتقان خاككىرلىق ھۇجۇملىرى ۋە ئىقتىدارسز ھەسەتخورلارنىڭ غەيۋەتلىرى بىزنى بۇ ئىلمى ،جاپالىق ،ساۋاپلىق ئەمگىكىمىزدىن توختىتالمايدۇ. يېغىن ئارقا كۆرۈنۈش: 19ئەزا دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى كومېتىتى 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى <<غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتىنى بېكىتىش يېغىنى>>دا ختتاي ۋەكىلى <<خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيتى >>دىگەن تەشكىلاتنىڭ <<ب د ت>> دىكى مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتىنى ئىلىپ تاشلاش تەكلىۋىنى سۇندى،سەۋەبى :بۇ تەشكىلات ئاتالمىش ئۇيغۇر پائالىيەتچى دولقۇن ئساغا مەزكۇر يېغىنغا قاتنىشش سالاھىيتى بەرگەن. بۇ تەكلىپ روسيە پاكستان ،ئىران، سۇدان ، تۈركىيە ، كۇبا قاتارلىق ختتاينىڭ ب د ت دىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېتتپاقداشلىرىنىڭ قوللاپ سۆز قىلىشى ياكى سۈكۈت قىلىش بىلەن قوللىشىغا ئىرىشتى.ئامېرىكا ،گىرمانىيە،ياۋروپا ئېتتپاقى ، ئسرائىلىيە ، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى . ئامېرىكا ئەلچىسى : رەھمەت رەئس،بۇ ئىنتايىن ئازاپلىق ۋە ئۇمۇتسزلەندۇرىدىغان بىر كۇن بولدى،چۇنكى بىز بۈگۈن بۇ يەردە بۇ كومېتىتىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە ئۆزىنى ئسلام دىنىنىڭ ھىمايىچىىسى ۋە ئەگەشكۈچىسى دەپ ئوتتۇرىغا چىققان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ <<ئسلامغا قارشى >>ھەرىكەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغانلىقىنى كۆردۇق.بۇ دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ دىنى ۋە ئنسانى ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان بىر شەخسنى ھىچقانداق ئسپاتلانغان پاكىتلارنى تەمىنلىمەستىن تىرورىزىم بىلەن ئەيىپلەش ئارزۇسى ئۇچۇن تىرىشچانلىق قىلىۋاتىدۇ….>>دىدى. يېغىندا جۇڭگو ۋە جۇڭگونىڭ ئېتتپاقداشلىرى ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇرلارنى ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغان دۈشمەن سۈپىتىدە يەكلەشكە ئۇرۇندى… تەرتىپ بويىچە،5-ئاينىڭ 25-كۈنى جۈمە چۈشتىن كىين مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغان بولدى. رەئىس:مەن ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ سۆزلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىمەن،تەلەپ بويىچە،كاتىبات باشقارمىسى بىخەتەرلىك كومېتىتى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ،بۇ تېما ھەققىدە جۇمە كۇنى بىز يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشىمىز.يەنە كىملەر سۆز قىلىش تەلىبى قىلدى،بىر نەچچەيلەن باركەن،جۇڭگو تەلەپ قىلدىمۇ ؟قىنى سۆزلەڭ ! جۇڭگو ۋەكىلى:مېنىڭچە باشقىلار ئاۋۋال سۆزلىۋالسۇن ! رەئىس:گىرمانيە ۋەكىلى بىلەن ياۋروپا ئىتتپاقى ۋەكىلىنىڭ تەلىۋىنى كۆردۇم. گېرمانىيە ،قىنى سۆزگە چېقىڭ ! گېرمانىيە ۋەكىلى:رەئس ئەپەندىگە رەھمەت !رەئىس ئەپەندىم،بىز بۈگۈن باشلىنىدىغان مۇزاكىرىمىزگە <<خەتەرگە دۇچ كەلگەن خەلقلەر جەمئىيتى>>نىڭ مەسلىھەتچىلىك ئورنىنى بىكار قىلىش ئىلتىماسنى كۆرۈپ ھەيران قالدۇق،مەن بۇ بىكار قىلىش لايىھىسى ھەققىدە بىر نەچچە ئىغىز سۆز قىلاي !ئالدى بىلەن <<خەتەرگە دۇچ كەلگەن خەلقلەر جەمئىيتى>>بىر مۇستەقىل ئىنسانى ھوقۇق تەشكىلاتى ،ئۇلار خەتەرگە دۇچ كەلگەن ئېتنىك مىللەتلەر،دىنلار ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى ئۇچۈن خىزمەت قىلىدۇ،ئۇلارنىڭ ئورنى گېرمانىيىدە بولۇپ،1993-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتىگە ئېرىشكەن،شۇنىڭدىن باشلاپ،نۇرغۇن خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشقان ،بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىك خەلقلەر مەڭگۈلۈك مۇنبىرى يېغىنلىرىمۇ بار .دولقۇن ئسا ئەپەندىم <<يەرلىك خەلقلەر مۇنبىرى >>يېغىنى ئۈچۈن <<خەتەرگە دۇچ كەلگەن خەلقلەر جەمئىيتى>>گە تېزىمغا ئالدۇرغان .ئۇ بىر قانچە يىلدىن بىرى مەزكۇر جەمىيەتنىڭ ئەزاسى بولۇپ كەلمەكتە.مەزكۇر جەمىيەتنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى بولۇپ،ئۇلار ئوخشىمىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا تەۋە ،بىر ئادەمنىڭ بىر نەچچە جەمىيەتكە ئەزا بولۇشى نورمال ئىش.ئىككىنچى:دولقۇن ئسا ئەپەندىنى تېرورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن ئەيىبلەش،تېرورلۇق تەشكىلاتىغا باغلاش -بىزنىڭ قارىشىمىزدا- ئاساسى يوق.بۇ ئەيىبلەش ھازىرغىچە بىر نەچچە قېتىم ئىلان قىلىندى.بىراق بىرەر قېتىممۇ ئىسپاتلانمىدى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك تارمىقى دولقۇن ئسادا ئەگەر بىخەتەرلىك مەسلىسى كۆرۈلگەن بولسا،ئۇنىڭغا يېغىنغا قاتىنىشىش سالاھىيىتى بىجىرىپ بەرمەيتتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كومېتىتى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ئۆتكەن يىلى مەزكۇر مەسلىگە قاراپ چىقتى ۋە دولقۇن ئسانىڭ يېغىنغا قاتناشماسلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت كۆرمىدى،كومتىتنىڭ بىر ئەزاسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسپاتلارنىڭ مۇناسىۋەتسز ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.دولقۇن ئسا ھەققىدىكى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى مۇشۇ يىل ئىككىنچى ئايدا ناھايتتى كەسكىن تالاش-تارتىشتىن كىين بىكار قىلىۋېتىلدى.دولقۇن ئىسا يەنە گېرمانىيە پۇقراسى ،گېرمانىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئۇنىڭ تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ،يەنى ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقىنى بىلدۇردى.بۇلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتىنى ئىلىپ تاشلاش ئىلتىماسنى ئاساس بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.<<خەتەرگە دۇچ كەلگەن خەلقلەر جەمئىيتى>>نىڭ <<مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتى>>دىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش-غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى ۋە دولقۇن ئىسانىڭ <<ئىنسانى ھوقۇق >>ھەققىدىكى ئەندىشلەرنى سۆزلىشىگە بولغان پايدىسز ئۆچ ئىلىش ھەرىكىتىدۇر.دولقۇن ئسانىڭ بۇرۇنقى يىغىنلارغا بىخەتەرلىكنى سەۋەب قىلىپ قاتنىشىشتىن توسۇشقا ئۇرۇنۇش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئۆتكەن يىللىق بىخەتەرلىك دوكلاتىدا <<ئۆچ ئىلىش ھەرىكىتى>>دەپ تىلغا ئىلىنغان.بىز بۇ كومېتىتىنىڭ ئەزالىرىنى مەزكۇر جەمىيەتنىڭ مەسلىھەتچىلىك ئورنىنى بىكار قىلىدىغان لايىھىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمىز .بۇ كومېتىتىت غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنسانى ھوقۇق ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئاشكارا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلاردىن قىساس ئالماسلىقى كىرەك.مۇناسۋەتلىك قائىدە-تەرتىپلەرگە ئاساسەن ،غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بايانلىرىنىمۇ ئاڭلاپ بېقىش كىرەك.بىز بۇ يىل خەلقئارا ئىنسانى ھوقۇق خىتاپنامىسى ئىلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز.مەن بۇ كومىتېتىنى بۇ خىتابنامىنىڭ روھى ۋە پىرىنسپلىردا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى سورايمەن،ھۆرمەت رەئس ئەپەندى ! رەئىس:گېرمانىيە ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە كۆپ رەھمەت .مەن ئەمدى سۆزنى ياۋروپا ئىتتپاقى ۋەكىلىگە بىرىمەن،مىكرافون سىزدە ئەپەندىم ؛ ياۋروپا ئىتتپاقى ۋەكىلى:رەھمەت رەئىس ئەپەندىم،ياۋروپا ئىتتپاقى <<خەتەرگە دۇچ كەلگەن خەلقلەر جەمئىيتى>>نىڭ سالاھىيىتى ئىلىپ تاشلىنىش ھەققىدىكى لايىھەدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.بۇ ئەندىشە مەزكۇر لايىھەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقت مەسلىسى ۋە ئۇ تەمىنلىگەن ئىسپاتنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن كىلىپ چىققان. ھازىر غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلار كومېتىتى -ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا،يېغىن باشلىنىشقا بىر نەچچە سائەت قالغاندا مەزكۇر لايىھەنى تاپشۇرۇپ ئالدى ۋە قارار چىقىرىش تەلەپ قىلىنىدى.قولىڭىزدا يېتەرلىك پاكىت بولماي تۇرۇپ،بۇنداق جىددى مەسلىنى ئالدىراپ مۇزاكىرە قىلىشقا تاشلاش بىر قايىل قىلارلىق ئۇسۇل ئەمەس. 1993-يىلدىن باشلاپ مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتىگە ئېرىشىپ كەلگەن،ئىنسانى ھوقۇق خىزمەتلىرى سەۋەبلىك بەزى دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلىدىغان غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتنى تېرورلۇق پائالىيەتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىدار دەپ ئەيىپلەپ،سالاھىيتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىش-كىشگە گۇمان تۇغدۇرىدۇ. ھۆكۈمەت ۋە دائىرىلەر بىخەتەرلىككە ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرنى قوللىمىغان ئەھۋالدا،مەسىلەن بۇ قېتىم گېرمانىيە بۇ ئەيىبلەشلەرنى قوللىمىدى-سىزنىڭ ئەيىبلەشنىڭ ئاساسى بىز يەنە شۇنى ئەسلىتىمىز،دولقۇن ئسا مەسلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىۋىنىڭ 2017-يىللىق دوكلاتىدا <<قساس ئىلىش >>دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە ،بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانى ھوقۇق تارماقلىرى ۋە باشقا ئاپپاراتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىمۇ تىلغا ئىلىنغان.ياۋروپا ئىتتپاقى بۇ مەسلىدە غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى كومىتىتى مەزكۇر جەمىيەتنىڭ سالاھىيتىنى بىكار قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىدۇ.رەھمەت رەئىس ئەپەندىم. رەئس: ياۋروپا ئىتتپاقى ۋەكىلىنىڭ سۆزلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىمەن،روسىيە فىدراتسيەسى ۋەكىلى سۆز تەلەپ قىپتۇ،مىكرافون سزدە ؛ روسىيە ۋەكىلى:رەئىس ۋە خىزمەتداشلىرىڭىزگە رەھمەت .بۇ مەسلىگە قارىتا،بىز ناھايتتى ئەستايىدىل ئاڭلىدۇق،جۇڭگو ۋەكىلى تەمىنلىگەن ماتېرياللارنى ئەستايىدىل كۆردۇق،بىز دېمەكچى بولغىنىمىز،جۇڭگو ۋەكىلىنىڭ <<خەتەرگە دۇچ كەلگەن خەلقلەر>>جەمئىيتى ھەققىدىكى قاراشلىرى ناھايتتى جىددى ئىكەن،ئۇنىڭدا يەنە بەزى تارىخى ئامىللار بار ئىكەن،بىز يەنە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتپاقى ۋەكىللىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنىمۇ ئاڭلىدۇق،بىز بۇ جەمىيەتنىڭ <<مەسلىھەتچىلىك >>سالاھىيىتى بارلىقىغا ھۆرمەت قىلىمىز،ھازىر بۇ مۇنازىرىلەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئارقا كۆرۈنۇشى بىلەن ئالاقىدار بولۇۋاتىدۇ،بۇ سالاھىيەت بۇ جەمئىيەتلەرگە تارماق يىغىنلارغا قاتىنىشىش سالاھىيىتى بېرىپلا قالماي،يەنە ئۇنىڭدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتيسگە رىئايە قىلىشنى ،بىخەتەرلىك تەلەپلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ،ھەر قانداق ئەھۋالدا تېرورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن ئالاقىدار بولغان شەخسلەرگە ھەرگىز قالقان بولۇشىغا ھەر گىز يول قويمايدۇ،بىز بۇ مەسىلىدە ئىنتايىن جىددى قارايمىز،ئاخىرىدا بىز جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ جۈمە كۈنىگىچە پۇرسەت بىرىپ،ۋاقىتنى تەڭشىگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز،بۇنداق بولغاندا بىز جەمىيئەت ھەققىدە يېتەرلىك پاكىت ۋە ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ سالاھيىتىنى بېكىتەلەيمىز. رەئىس:روسىيە فىدراتسيە ۋەكىلىنىڭ سۆزلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىمەن. تىزىملىكىدە پاكستان ،كۇبا ۋە ئىسرائىلىيىنى كۆردۇم،پاكستان ۋەكىلى مىكرافون سىزدە پاكستان ۋەكىلى :رەئىس ئەپەندىگە رەھمەت ؛بىزنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىمىز مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى مۇنازىرىلەرنى ئاڭلىدۇق،بىز بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتى بار بىر تەشكىلات ھەققىدىكى ناھايتتى مۇھىم بىر ئەيىبلەشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق،بىز <<تېرورىزىم>>بىلەن ئالاقىدار ئەيىپلەشكە يېنىكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىنماسلىقى كىرەك دەپ قارايمىز،گەرچە بىر غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ ئورنى بولغان تەقدىردىمۇ ،جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەزكۇر جەمىيەتنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا ۋاقىت بىرىشى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي،قانۇن تەرتىپلىرىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ،ئەگەر تېرورىزىم بىلەن ئالاقىدار ئەيىبلەشلەر بولىدىكەن،چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنىش كىرەك،شۇنداقلا بىز مەزكۇر كومىتېتىنى بۇ مۇنازىرىنى سياسىيلاشتۇرماسلىققا چاقىرىمىز،بىز ئىنسانى ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىڭ مۇھىملىقىغا ئېشىنىمىز،بىزنىڭ جۇمە كۈنىگىچە ۋاقتىمىز بار،بىز بۇ تەشكىلاتقا ۋاقىت بەردۇق،داۋاملىق مۇنازىرە قىلساق بولىدۇ،ھازىر سياسى مۇنازىرە قىلىش-مەزكۇر كومتىت ئۇچۈن پايدىلىق ئەمەس،مىنىڭ ھازىر ئويلىغانلىرىم مۇشۇ.رەھمەت رەئىس:پاكستان ۋەكىلىنىڭ سۆزى ئۈچۈن كۆپ رەھمەت !كۇبا ۋەكىلىگە مىكرافون بىرىمەن. كۇبا ۋەكىلى:كۆپ رەھمەت ئەپەندىم،مىنىڭ ئۆمىكىمىز جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى كوممىتېت ئەزالىرىغا تەمىنلىگەن ماتېرياللارنى ئوقۇپ چىقتۇق،ئۇ بىزگە جۇمە كۈنى كەچتە يەتكۈزۈلدى،بىز ناھايىتى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتۇق،ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:بىز بۇ كومتىتىنىڭ مەسئۇلىيتىگە ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك،بىز بەزى ۋەكىللەرنىڭ جەريان مەسلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلىدۇق،يەنى مەسلىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كىرەكلىكى ھەققىدە،جۇڭگو ۋەكىلى تەلەپ قىلغان ئىلتىماس ۋە ئۇنىڭ يەتكۇزۇش جەريانى مەزكۇر كومتىتىنىڭ كەسكىن تۈزۈملىرىگە تولۇق ئۇيغۇن،ئىلگىرىكى ئەھۋاللارمۇ ئشلار مۇشۇنداق بېجىرىلەتتى،ۋەكىللەر قارار چىقىرىلىشتىن بۇرۇن مۇزاكىرىگە ئالاقىدار ماتىرياللار بېرىلەتتى،مەن بەزى ۋەكىللەرنىڭ نېمە ئۇچۈن بۇنى تەرتىپكە ئۇيغۇن ئەمەس دىگەنلىكىنى چۈشەنمەيمەن،مەن يەنە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىگە رەھمەت ئىيتىمەن،ئۇلار مەزكۇر كومتىتىنىڭ قائىدىسى بويىچە ھەرىكەت قىلدى،ئەزالارنى بۈگۇنلا دەرھال قارار چىقىرىشقا بېسم ئىشلەتمىدى،مەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ب د ت يېغىن تەرتىۋىگە ئۇيغۇن ھالدا ھەممە ۋەكىللەرنىڭ ئۇچۇرغا ئىرىشىش ئۇچۈن ۋاقىت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئىيتىمەن،شۇنداق بولغاندا بىز نىمىنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلەلەيمىز،بۇ كومتېتىتنىىڭ تۈزۈمىگە ئۇيغۇن.يەنە بىر قېتىم مەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئىيتىمەن،بىز ئۇلار تەمىنلىگەن ئۇچۇلارغا ناھايتتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز،جۇمە كۇنى بىز قارار چىقىرىشقا تەييار بولىمىز،رەھمەت. رەئىس :كۇبا ۋەكىلىنىڭ سۆزلىرى ئۈچۈن كۆپ رەھمەت،ئەمدى ئىسرائىلىيە ۋەكىلىگە سۆز قىلىش پۇرسىتى . ئىسرائىلىيە ۋەكىلى:رەھمەت رەئس ئەپەندىم،مەن سۆزۈمنى قىسقىلا قىلىمەن،مەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە گېرمانىيە ۋەكىلىنىڭ مەزكۇر غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ۋە كۆز-قاراشلىرىنى بىزگە چۈشەندۈرگەنلىكى ۋە ئورتاقلاشقانلىقىغا رەھمەت ئىيتىمەن،مەن ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ جۇڭگو ۋەكىلى ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر جەمىيئەت ھەققىدىكى ئەيىبلەشنى مۇھاكىمە قىلىش ئۇچۈن مۇزاكىرىنى جۇمە كۈنىگە كېچىكتۇرۇش پىلاننى قوللايمەن،رەھمەت. رەئىس:ئىسرائىلىيە ۋەكىلىنىڭ سۆزلىرى ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.تىزىملىكتە باشقىلارمۇ باركەن،قىنى ئىران ئسلام جۇمھۇرىيتى ۋەكىلى .. ئىران ۋەكىلى:رەھمەت رەئس ئەپەندى،مەنمۇ ناھايىتى قىسقىلا سۆزلەيمەن،بەزى ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تېرورلۇققا ئالاقىدار جەمىيئەت ۋە شەخسلەر ھەققىدىكى مەسللەر ناھايىتى كەسكىن مۇھاكىمە قىلىشى كىرەك دەپ قارايمەن.9961-نۇمۇرلۇق قارارنامىگە ئاساسەن،مەلۇم غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتىنىڭ سالاھىيىتى بولغانلىقى ئۇنىڭ مەزكۇر كومېتىتىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە تەكشۇرۇش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى بىلدۈرمەيدۇ.مەن جۇڭگو ۋەكىلىنىڭ مەزكۇر غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتنىڭ ئىنكاسنى ئاڭلاش ئۈچۈن پۇرسەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىمەن،شۇنداق بولغاندا كوممىتېت ھەرىكەت قوللىنالايدۇ،بىز بۇ يەردە تېرورىزىم بىلەن قىساس ئىلىشنى ئوخشاش ئورۇنغا قويۇپ ئارىلاشتۇرۋەتسەك بولمايدۇ،ئەزا دۆلەتلەر ناھايتتى ئېھتىيات قىلىشى كىرەك،بولۇپمۇ بىر قانۇنلۇق ئەزا دۆلەتنىڭ جىددى ئەندىشىسىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كىرەك.ئەمەلىيەتتە،بەزى تېرورچى تەشكىلاتلار بەزى دۆلەتلەردە ئەركىن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ،بۇ نۇقتا بىزنىڭ ئەندىشىمىزنى قوزغايدۇ،شۇڭا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلمايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدىكى ئەندىشىسىگە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك.رەھمەت. رەئىس:ئىران ئسلام جۇمھۇرىيتى ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە رەھمەت.ئەمدى جۇڭگو ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالايلى. جۇڭگو ۋەكىلى:رەھمەت رەئىس ئەپەندىم، كومتىت ئەزالىرىغا،گىرمانيە ۋە ياۋروپا ئىتتپاقى ۋەكىللىرىگە رەھمەت.ئالدى بىلەن تەرتىپ جەھەتتىن ئالغاندا،جۈمە كۈنى ئەتتىگەندە،توغرا ئەتتىگەندە بىز بىر ئەسكەرتمە ئەۋەتكەن،بۈگۈن بىز يەنە بۇ تەشكىلاتنىڭ يازمىچە ئىنكاس قايتۇرۇشىغا پۇرسەت بىرىشقا قوشۇلدۇق.بىز بۇ قىلغانلىرىمىزنىڭ مەزكۇر كومېتىتنىڭ مۇناسۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئۇيغۇن دەپ قارايمىز،ئىككىنچىدىن،ئسرائىلىيەدىن كەلگەن خىزمەتدىشىمىزغا دەيدىغىنىم ،مىنىڭچە سز پەقەت گىرمانىيە ۋە ياۋروپا ئېتتپاقى ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىگىلا قۇلاق سلىپ قالماستىن بەلكى بىزنىڭمۇ ئەسكەرتمىمىزگە ياخشى دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك ئىدى،ئۇنىڭدا مەزكۇر شەخس ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەشكىلاتنىڭ تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپلا قالماي،بەلكى يەنە تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىغا ئائىت ئسپاتلارمۇ بار .ئۇلار ئۇزۇندىن بىرى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن.ئۇ شەخس ب د ت يىغىنلىرىغا قاتناشقاندا،ئۇ ھەقىقەتەن ب د ت نىڭ تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغان.شۇڭا ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا مەسلە بار،بىزدە مەزكۇر جەمىيەتنىڭ سالاھىيتىنى ئىلىپ تاشلاشقا يېتەرلىك ئىسپات بار. ئۈچىنچىدىن:جۇڭگونىڭ بۇ جەمىيەت ھەققىدىكى لايىھىسى -قىساس ئىلىش بىلەن ئالاقىسىز. بىزنىڭ بۇ يەردە سوراۋاتقنىمىز ب د ت نىڭ مەقستى ۋە پىرىنسىپلىرىنى قوغداش ۋە ب د ت نىڭ تۈزۈملىرىنى ھىمايە قىلشتىن ئىبارەت.مەقسىتىمىز يەنە خەلقئارالىق تېچلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلاشتۇر،شۇنداقلا ب د ت نىڭ تچىلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلاشتىن ئىبارەتتۇر.ئامېرىكا ۋەكىلى باش كاتىپنىڭ دوكلاتىنى تىلغا ئالدى،بۇنىڭدىن خەۋىرىمىز بار،بىز ئۇ دوكلاتنى كىمنىڭ تەييارلىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز،بۇ دوكلاتنى تەييارلاش «قىساس ئىلىش مىساللىرى >>بۆلۈمىگە تاپشۇرۇلغان.دەل مۇشۇنداق پوزىتسىيە بولغاچقا بۇ شەخسنىڭ دىلوسىنى <<قىساس ئىلىش >>دەپ بېكىتتى.مۇنداق بىر ماقالە بار ،ئەگەر قولىڭىزدا مىخ بىلەن بولقا بولسا،سىز قاقىدىغان تۆشۈك ئىزدەيسىز !مۇشۇ دەل شۇ قېتىملىق دوكلاتنى تەييارلىغۇچى ۋە ماسلاشتۇرغۇچىغا ماس كېلىدۇ.شۇڭا مەن بىزنىڭ بۇ قىلغىنىمىز قسساس ئىلىش بىلەن ئالاقىسى يوق دەيمەن.تۆتىنچىدىن،ئامېرىكا ۋەكىلى ئامېرىكا بۇ شەخسكە ۋېزا بەردى،بۇ ئۇنىڭ خەتەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ دەپ ئۆتتى،ئەگەر بىز تارىخقا قارايدىغان بولساق،نۇرغۇن تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا تۇپرىقىدا يۈز بەرگەن،ئۇنداقتا ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ياكى ئامېرىكا ۋىزىسى ئالغان تىرورچىلارچۇ ؟ئامېرىكا ۋېزىسنى ئىلىش-بۇ شەخسنىڭ بىخەتەر شەخس ئىكەنلىكىنىڭ كاپالىتى بولالمايدۇ،گىرمانيە ئەلچىسى بۇ شەخسنى گىرمانيە پۇقراسى دېدى،بۇ ئۇ شەخسنىڭ گىرمانىيەگە بارغاندىن كىينكى ئش.ئۇ جۇڭگودىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن نۇرغۇن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن،ئۇنىڭ نۇرغۇن تېرورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن ئالاقىسى بار.گېرمانىيە بۇلارنى بىلمەمدۇ؟ياكى سىلەر باشقىچە قارامسىلەر؟بۇنىڭدىن باشقا،ئەگەر ئۇ گىرمانيە پۇقراسى بولسا ياكى ئۇنىڭدا گىرمانيە پاسپورتى بۇ ئۇنىڭ بىخەتەر شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ،گىرمانيە گېزىتلىرىدىن بىلىشىمىزچە،گىرمانىيەدىن سۇرىيە ۋە ئىراققا دائىش تېرورچى كۈچلىرى ئارسىغا بارغان ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئىچىدە،960 كىشى بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قسىمى گېرمانىيە پۇقراسى بولۇپ،گىرمانيە پاسپورتى بار ،بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا،گېرمانىيە پۇقراسى بولۇش ياكى گېرمانىيە پاسپورتىغا ئىگە بولۇش بۇ شەخسنىڭ تېرورچى ئەمەسلىكىدىن ياكى ئۇنىڭ بىخەتەر شەخس ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسلىسىگە كەلگەندە،بىز قوش ئۆلچەم قوللىنىشتىن ساقلىنىشمىز كىرەك،بەزى شەخسلەر ئامېرىكا ياكى گىرمانىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىكى مۇمكىن،ئەمما بۇ مەزكۇر شەخسنىڭ تىرورچى ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.چۈنكى بۇ شەخس جۇڭگو ياكى باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت شەكىللەندۇرىدۇ.شۇڭا بىزدە تېرورچىغا قارشى ئورتاق ئۆلچەم بولۇشى كىرەك، بىز بۇ ئورتاق ئۆلچەمنى قوللىنىپ،بىر شەخسنى تېرورچى دەپ بېكىتىشىمىز ،ھەممىمىز مۇشۇ ئورتاق ئۆلچەم بىلەن مەزكۇر تېرورچىغا زەربە بىرىشىمىز كىرەك.ھازىر بۇ شەخس بىر قسىم دۆلەتلەرگە بىخەتەرلىك تەھدىتى ئىلىپ كەلسە ،باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي،ئۇنى ئىنسانى ھوقۇق قوغدىغۇچىسى دەپ بېكىتىشى قوش ئۆلچەم قوللىنىشتۇر،بۇ شەخس ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدە،ھەمىشە جۇڭگوغا قارشى <<جىھات>>تەرغىب قىلىدۇ.بىز بۇ پاكىتلارنى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدىن تاپالايمىز.بىز ئامېرىكا ۋە گىرمانيە ۋەكىللىرىنىڭ قوش ئۆلچەم قوللىنىشتىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلىمىز.بىز سىلەرنىڭ بۇ شەخس ھەققىدىكى بايانلىرىمىزنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىز كۆرسەتكەن پاكىتلار بويىچە ئەستايىدىل باھالاپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىزمۇ،بايا گىرمانيە ۋەكىلى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ بۇ شەخس ھەققىدىكى قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى ئىلىۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بىزنىڭ بىلىشىمىزچە،بۇ قىزىل ئاگاھلاندۇرۇشنى بىكار قىلىش-پۈتۈنلەي خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ گىرمانىيەلىك پۇقراسى باش كاتىپى ۋە ئامېرىكىلىق قانۇن ئشلىرى بۆلۈم دىرىكتورنىڭ قىلمىشىدىن ئىبارەت.ئۇلار بۇنداق قىلىشتا ھېچقاچان ئەزا دۆلەت بولغان جۇڭگو بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن،شۇڭا بۇ پۈتۈنلەي تەرتىپكە خىلاپ بولغان مەلۇم مەقسەت يوشۇرۇنغان قىلمىشتىن ئىبارەتتۇر.بۇ كومېتىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئەندىشمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق ،شۇنداقلا بۇ تەشكىلاتقا ئىنكاس قايتۇرۇش پۇرسىتى بەردۇق.شۇڭا مەن كەسىپچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق يولى بىلەن ،مەزكۇر كومتىتنىڭ بۇنچە جىددىيلەشمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن،(چىراي ئىپادىسىدە مەسخىرە كۈلكىسى )،قىنى جۇمە كۇنى ئاڭلاپ بېقىپ قارار چىقىرايلى !كۆپ رەھمەت. رەئىس:جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيتى ۋەكىلىگە رەھمەت ئىيتىمەن.ئەمدى تەلەپ بويىچە،ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋەكىلىگە بىرىمەن.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئامېرىكا ۋە ختتاينىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى مۇنازىرسى(3)

شە ماي 26 , 2018
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى سياسەت ئىلمى،خەلقئارا مۇناسۋەت كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە چەتئەل تىللىرىغا پششىق بولغان ياش زىيالىيلارنىڭ بىتەرەپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھۈججەتلەر،باياناتلار ۋە تاراتقۇ خەۋەرلىرىنى تىللار ئارا ئەينەن تەرجىمە قىلىپ سۇنىدىغان بىر سەھنىسى بولۇپ

You May Like