بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئامېرىكا ۋە ختتاينىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى مۇنازىرسى(3)

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى سياسەت ئىلمى،خەلقئارا مۇناسۋەت كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە چەتئەل تىللىرىغا پششىق بولغان ياش زىيالىيلارنىڭ بىتەرەپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھۈججەتلەر،باياناتلار ۋە تاراتقۇ خەۋەرلىرىنى تىللار ئارا ئەينەن تەرجىمە قىلىپ سۇنىدىغان بىر سەھنىسى بولۇپ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئامېرىكا ۋە ختتاينىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى مۇنازىرسى(3)

مۇھىم ئەسكەرتىش :

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى سياسەت ئىلمى،خەلقئارا مۇناسۋەت كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە چەتئەل تىللىرىغا پششىق بولغان ياش زىيالىيلارنىڭ بىتەرەپ ھالدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ھۈججەتلەر،باياناتلار ۋە تاراتقۇ خەۋەرلىرىنى تىللار ئارا ئەينەن تەرجىمە قىلىپ سۇنىدىغان بىر سەھنىسى بولۇپ،ھىچقانداق گەۋبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئامېرىكا ۋە ختتاينىڭ ئۇيغۇر ھەققىدىكى مۇنازىرسى(3) دە ياكى شەخستىن ياردەم ۋە بۇيرۇق قوبۇل قىلمايدۇ.پەقەت ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن سەمىمى خىزمەت قىلىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەزكۇر يېغىنىدىكى مۇنازىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمى بىر سائەتلىك سۆھبەت بولۇپ ،بۇ ھۈججەتلەر نەق مەيدان فىلىمغا ئىلىنغان فىلىم ھۈججىتى بولۇپ،پەقەت يازما شەكلى يوق،شۇڭا فىلىمنى قايتا-قايتا قويۇپ ئاڭلاپ،تەرجىمە قىلىش ،يەنە قايتا -قايتا قويۇپ ئاڭلاپ تەھرىرلەشكە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلدۇق،مەقسەت پەقەت چەتئەلدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيەتنى بىۋاستە ئەينەن بىلىپ ،مەسللەرنى ئۆز ئەقلى-ھوشى بىلەن ئويلىنىىشغا تۈرتكە بولۇشتۇر.چۈنكى بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يورۇشۇن كۈچىنىڭ بىلىش ۋە چۈشىنىش بىلەن ئويغىنىدىغانلىقىغا ئىشنىمىز!ختتاينىڭ تور بېكىتىمىز ئىلان قىلىنغاندىن بىرى ئىلىپ بىرىۋاتقان خاككىرلىق ھۇجۇملىرى ۋە ئىقتىدارسز ھەسەتخورلارنىڭ غەيۋەتلىرى بىزنى بۇ ئىلمى ،جاپالىق ،ساۋاپلىق ئەمگىكىمىزدىن توختىتالمايدۇ.

ئامېرىكا ۋەكىلى :رەھمەت رەئس،بۇ ئىنتايىن ئازاپلىق ۋە ئۇمۇتسزلەندۇرىدىغان بىر كۇن بولدى،چۇنكى بىز بۈگۈن بۇ يەردە  بۇ كومېتىتىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە ئۆزىنى ئسلام دىنىنىڭ ھىمايىچىىسى ۋە ئەگەشكۈچىسى دەپ ئوتتۇرىغا چىققان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ <<ئسلامغا قارشى >>ھەرىكەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغانلىقىنى كۆردۇق.بۇ دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ دىنى ۋە ئنسانى ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان بىر شەخسنى ھىچقانداق ئسپاتلانغان پاكىتلارنى تەمىنلىمەستىن تىرورىزىم بىلەن ئەيىپلەش ئارزۇسى ئۇچۇن تىرىشچانلىق قىلىۋاتىدۇ.مەن مەزكۇر غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى كومېتىتىنىڭ مەسلىھەتچىلىككە ئالاقىدار قارارنامىسدىن نەقلى ئالاي ،ئۇ سالاھىيەتنى بىكار قىلىش ئۈچۈن <<ماددىي پاكىتلار بولۇشى >>نى تەلەپ قىلىدۇ،بۇ ئوخشاشلا دەل مۇشۇ كومتېتنىڭ قائىدىسدۇر.پاكىتلار ئسپاتلىنىشى كىرەك.بۇ يەردە <<ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەھكىمىسگە ساھىپخانلىق قىلىش مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلمىدى>> دىگەندەك بىر قاراش باردەك قىلىدۇ،يەنى بىز نامى چىققان بىر تىرورچىنى ئامېرىكىغا ،ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىغا خالىغانچە كىرگۇزۇپتۇق،ئۆزىمىزنىڭ پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنىمۇ ئويلاشماپتۇق،بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە يىللاردىن بىرى بۇ شەخس ۋە ئۇنىڭ تەشكىلاتى <<دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى>>ھەققىدە توختىماي ئەيىپلەشلىرىنى ئاڭلاپ كەلدۇق،خۇددى ئۇلار بىزگە ئەۋەتكەن مۇشۇ خەتتىكى ئەيىپلەشكە ئوخشاش.بىزمۇ ئۇلاردىن تەكرار تەكرار ھالدا ئۇلارنىڭ ئەيىپلەشلىرىنى ئسپاتلايدىغان پاكىتلارنى تەلەپ قىلدۇق،لىكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىگەنلىرىنىڭ راسلىقىنى ئسپاتلايدىغان ھىچقانداق ئسپاتلىغىلى بولىدىغان پاكىتلارنى تەمىنلەپ بىرەلمىدى،قەتئى بىرەلمىدى،شۇڭا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى گىرمانىيە پۇقراسى ،جىنايەت تارىخى بولمىغان ،ياخشى قىلمىشى بولغان  دولقۇن ئىسا ئەپەندىگە ئامېرىكىغا ئون يىللىق كۆپ قېتىم كىرىش ۋېزسنى بەردى.ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئەمەلدارلىرى دولقۇن ئسا ئەپەندى بىلەن  قەرەللىك ئۇچرىشدۇ.ئەگەر دولقۇن ئسا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇنى ئەيىپلىگەندەك راستىنلا تىرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قىلغان تىرورچى بولسا،مۇشۇ يېغىن زالىدىكىلەر ئويلاپ بېقىڭلار،بىزنىڭ چىگرادا ئۇرۇشقا تەييار تۇرغان نەچچە مىڭلىغان ياش ئامېرىكىلىق ئەر-ئاياللار ئۇلار ھازىر سۇرىيەدە ئۇرۇش سپىدە دائىشقا قارشى،جىھادچى رادىكاللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ،سلەر راستىنلا بىز مۇشۇنداق بىر شەخسنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كىرگۇزۇپ،ئۇنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىشقا يول قويىدۇ دەپ ئويلامسلەر؟ئادەمنىڭ ئوغىسنى قايناتماڭلار !بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر كومېتىتىكى ئورنى ۋە بۇ كومېتتىتكى دوسلىرىنى ئشلىتىپ قساس ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشنىڭ تېپىك مسالى.مەن سلەرگە تۈنۈگۈن ۋاشنگىتون پوچتا گېزىتىدە ئىلان باش ماقالىنى ئوقۇپ بىرەي ،جۇڭگونىڭ شنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاز سانلىقلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قىلىڭلار !تېمىسى:جۇگگونىڭ بىر ئاز سانلىق (ئۇيغۇرلارنىڭ)كىملىكىنى ۋەيران قىلىشتىكى ۋەھشى ھەرىكىتى.جۇڭگو (خىتاي ) يىراق غەربى شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئاز سانلىق مىللەت -ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىملىكىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن بىر ئاپەت خاراكتىرلىك ھەرىكەتنى ئىلىپ بارماقتا،ئۇلار ھەققىدە نۇرغۇن ھۈججەتلەشتۈرۈلگەن ماقالىلار بار.باش ماقالە ئۇلاردىن نەقلى ئالىدۇ،ۋاشنگتون پوچتا گېزىتىدىن سمون دەنيەر ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى بىر يۈرۈش زىيارەتلىرىدە ،مەزكۇر لاگىرلاردا يېتىپ چىققان بۇرۇنقى مەھبۇسلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيتىنى ئارقىدا قالغانلىق دەپ ئەيىپلەشكە ،مۇسۇلمان ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە ،ئۇزۇن كيىم كىيگەنلىكى ،ناماز ئوقۇغانلىقى ،بالىلىرىغا قۇرئان ئۆگەتكەنلىكى ياكى ئىماملارنى بالىلىرىغا ئسىم قويۇشقا چاقىرغانلىقى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشقا مەجبۇرلانغان .مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ،جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوچە تور بېكەتلەردىكى ئىلانلىرى،شركەتلەردىن مەزكۇر يېغىۋىلىش لاگىرى كەچۇرۇڭلار،قايتا تەربىيلەش لاگىرلىرىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىلان قىلغان تەكلىپلىرى ھەققىدىكى جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن ئىبارەت.بۇ لاگىرلاردا ئۇلار نەچچە يۈزمىڭدىن بىر مىليونغىچە جۇڭگولۇق ئۇيغۇر پۇقرارلارنى قايتا تەربىيلەيدۇ.مانا بۇ بۇگۇنكى ئاساسلىق تېمىدىن ئىبارەتتۇر.بىز بۈگۈن سۆزلەشمەكچى بولغان تېىمىنى باشقا ياققا بۇرىۋەتمەيلى !بۇ يېغىن <<خەتەرگە دۇچ كەلگەن خەلقلەر>>جەمئىيتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قوشقان تۆھپىسى ھەققىدىكى يېغىن ئەمەس،بۇ يېغىن مەزكۇر جەمىيەتنىڭ جۇڭگودا زۇلۇمغا ئاچرىغان شەخسلەر،ئوچۇقىنى ئىيتقاندا زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر پۈتۈن مىللەت ئۈچۈن ،ئاۋازى ئۆچۈرۈلگەن بىر مىللەت ئۈچۈن سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاش قىلىش ھەققىدىكى يېغىن .بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسدى ئەمەسمۇ ؟بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دەل شۇنداق خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە ئۆزىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇچۇن قۇرۇلغان ئەمەسمىدى؟مىنىڭچە بىزنىڭ كومېتىتتىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيتى -جۇڭگو ۋەكىلىدىن ئۇلارنىڭ راستىنلا بۇ شەخسنىڭ تىرورلۇققا چېتشلىقى ھەققىدە يتەرلىك ئسپاتى بار-يوقلۇقىنى سوراشتۇر،چۈنكى شۇنداق بولسا،ئۇ شەخس قايتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ،شۇنداقلا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كىرەلمەيدۇ.بىراق ھازىرغىچە ئۇلار بۇنداق بىر ئسپاتنى تەمىنلەپ بىرەلمىدى،ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇندىن ئشەنچكە ئېرىشپ كەلگەن بىر جەمئىيەتنى تىرورلۇقنى قوللاش ۋە تەشۋىق قىلىش بىلەن ئەيىپلەش-ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ،بۇ پەقەت ئادەمنى غەزەپلەندۇرىدۇ.مەن جۇڭگو ۋەكىلىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خاتا يولغا كىرشتىن بۇرۇن،بۇ ئورۇنسز تەلىۋىنى قايتۇرۋىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن رەھمەت !

رەئىس:ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە رەھمەت،ئەمدى نۆۋەت ئەنگىلىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىدا.

ئەنگىلىيە ۋەكىلى :كۆپ رەھمەت رەئىس ئەپەندى،مەن ئاۋال ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئېتتپاقى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپنى قوللايدىغانلىقىمنى بىلدۇرىمەن،دۆلىتىمىز بۇ كومتېتىنىڭ كۈزەتكۈچىسى سۈپىتىدە قىسقىلا بىلدۇرمەكچى بولغىنىمىز،بىز بىر ئشتىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇق :بۇ يەردە  مەسلىھەتچىلىك سالاھىيتىگە ئېرىشپ بولغان تەشكىلاتنىڭ ئورنىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىش جەريانىدىكى سۇرئەتنىڭ بۇنچە تىزلىكىنى،ئەمما يېڭى بىر ئورۇنغا ،بولۇپمۇ ئنسانى ھوقۇققا ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ سالاھىيتىنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىنىڭ شۇنچە ئاستا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇق.كۆپ رەھمەت.

رەئىس:ئەنگىلىيە بىرلەشمە پادشاھلىقىنىڭ ۋەكىلىگە رەھمەت ئىيتىمەن.مەن سۆز تەلەپ قىلغان جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيتى ۋەكىلىگە مىكرافون بىرىمەن.

جۇڭگو ۋەكىلى :رەھمەت رەئىس ئەپەندىم،مەن يۇقىرىدا ئامېرىكا باش ئەلچىسى كەللىنىڭ ھسياتقا تولغان سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم،لىكىن مەن ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنچە ھيساتچان ،بۇنچە ھاياجان بىلەن سۆزلەيدىغانلىقىنى چۈشنەلمىدىم،چۇنكى مىنىڭ بىلىشىمچە،بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى بىلمەيمەن،ئەمما ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا باش ئەلچى بولۇشتىن بۇرۇن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش <<شنجاڭ پىروجىكتى>>تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان.بۇ شنجاڭ پىروجىكتىنىڭ مەقسدى شنجاڭنى جۇڭگودىن بۆلۈپ مۇستەقىل قىلماقچى بولغان بۆلگۈنچىلەرگە ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت.مەن ئۇنىڭ شۇ كىشلەر بىلەن قويۇق مۇناسۋىتى بارلىقىدىن گۇمان قىلىمەن،

رەئىسى:ئامېرىكا ۋەكىلى سۆزنى ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ،قىنى

ئامېرىكا ياردەمچى ۋەكىلى :رەھمەت رەئىس ئەپەندىم،مىنىڭچە بىز كومتىت تارىخىدىكى ئەڭ ناچار نۇقتىغا كەلدۇق،ئامېرىكا باش ئەلچىسگە شەخسى ھۇجۇم قىلىش پۈتۈنلەي نامۇۋاپىق ئش.ئەگەر جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنىڭ بىر تەشكىلات ياكى ئالاقىدار نەرسلەر توغىرسدا سۆزلەشمەكچى بولىدىكەن،ئۇنداقتا ئۇ داۋاملاشتۇرۇشقا يول قويۇشى كىرەك،بىراق ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى شەخسى ھۇجۇم قىلىش پۈتۈنلەي نامۇۋاپىق ئش.مەن سزنىڭ بىر رەئىس بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنداق ئشلارنىڭ بۇ كومېتىتىدا كۆرۈلىشگە يول قويماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن ئۆزۇمنىڭ نەچچە يىللىق غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى كومىتىتىدىكى خىزمەت ھاياتىمدا بىر شەخسكە قارىتا بۇنداق ئوچۇق ھۇرمەتسزلىك قىلغاننى ئۇچرىتىپ باقمىغان.رەھمەت !

رەئىس :مەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋەكىلىگە رەھمەت ئىيتىمەن،مەن جۇڭگو ۋەكىلىدىن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى مەزكۇر غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا مەركەزلەشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىمەن،باشقا مۇناسۋەتسز تېمىلارغا ئىچكىرلەپ كىرمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.بىز سياسى مۇنازىرىدىن ساقلىنىپ،ئاساسى تېما بولغان مەزكۇر جەمىيەتنىڭ سالاھىيتى ھەققىدىكى مۇنازىرىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى،قىنى !

جۇڭگو ۋەكىلى :رەھمەت ،رەئىس ئەپەندىم،ئالدى بىلەن مەن ئۆزۇمنى ئۇنىڭغا ھىچقانداق شەخسى ھۇجۇم قىلدىم دەپ ئويلىمايمەن،ئەمدى مەن تېخىمۇ كونكىرىت ئۇچۇرلار ھەققىدە سۆزلىمەكچى :بىرىنچى،بايا باش ئەلچى ئاتالمىش <<جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا كەمستىش سياستى >>نى تىلغا ئالدى،ئۇ يەنە ناھايتى قاتتىق سۆزلەرنى ئشلەتتى،بۇ ئۇنىڭ باشقىلارنى ئەيىپلەشتىكى داۋاملىق قوللىنىدىغان ئۇسۇلى بولۇپ،ئۆزىنى سياسى جەھەتتە توغرا دەپ كۆرسەتمەكچى بولىدۇ.مەن تەپسلى توختىلاي:جۇڭگو ھۆكۈمىتى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ،بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بار،پۇتۇن ھوقۇقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ ۋە قوغدايدۇ.بىز ئۇلارنىڭ دىنى ھوقۇقىنى ھۇرمەت قىلىمىز،ھەم ئۇلارنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىنى ھۈرمەت قىلىمىز.بىز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جەمىيەت ،ئېقستاد تەرەققىياتى ئۇچۇن غايەت زور مەبلەغ سالدۇق،شنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئنسانى ھوقۇقىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى قوغدالغان بىر دەۋرىدىن بەھرىمەن بولماقتا.بايا باش ئەلچى ئوقۇغان باش ماقالىگە كەلسەك،ئاتالمىش غەرپ مىديالىرى جۇڭگوغا يامان نەزەر بىلەن قاراپ كەلمەكتە.ئۇلارنىڭ فوكۇس نۇقتىسى جۇڭگودىن قۇسۇر تېپىشتۇر.ئۇلار جۇڭگو ھەققىدە خەۋەر بەرگەندە ئەزەلدىن ئوبىكتىپ،بىتەرەپ تۇرۇپ خەۋەر بەرمەيدۇ.ئۇ باش ماقالىدىكى پاكىتلارنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق،بىز ناھايتى ئۇزۇن بۇرۇنلا ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش، <<قايتا تەربىيلەش ستىسمسى>>نى بىكار قىلىۋەتكەن.بۇ بىرىنچى نۇقتا،ئىككىنچى نۇقتا،ئۇ توختىماستىن جۇڭگونىڭ پاكىت بىلەن تەمىنلىشنى ئۇمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى،ئەمەلىيەتتە بىز نۇرغۇن پاكىتلارنى،نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى تەمىنلىدۇق،بىراق خۇددى مەن ئىلگىرى تونۇشتۇرغاندەك،بەزى دۆلەتلەرنىڭ تىرورىزىمغا نسبەتەن قوش ئۆلچەم قوللىنىشى سەۋەبىدىن ،جۇڭگو تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئۇلار ئەستايىدىل قاراپ چىقمىدى ياكى بەزى كىشلەر بۇ ئۇچۇرۋە پاكىتلارغا سەل قارىدى.چۈنكى ئۇلار بۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە بىخەتەرلىك تەھدىتى ئىلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ،بىراق بۇ شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ جۇڭگودا جىنايى ھەرىكەتلەرگە چتېشلىقى بار.پاكىتلار كۆرستىدىكى بۇ شەخس جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىلىپ كىلىدۇ.شۇڭا بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسلە ،بەزى دۆلەتلەر تىرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئنسانى ھوقۇقنى قوغداش مەسلىسدە،ئۇلار باشقىلارنى تەنقىد قىلىدۇ،قوش ئۆلچەم قوللىنىدۇ،ئشلار  ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق بولمىغاندا،ئۇلار پىرىنسپتا چىڭ تۇرىمىز دەيدۇ،بىراق ئشلار جۇڭگو ياكى ئۇلارنىڭ  دوستى بولمىغانلىرىغا پايدىلىق بولغاندا ئۇلار پاكىتنى بۇرمىلايدۇ.مىنىڭچە بىز بۇ مۇنازىرىنى  كومتىتىنىڭ تۈزۈمىگە ئاساسەن ئۆزتەرتىۋى بويىچە ئىلىپ بارايلى، بۇ مەسلىنى جۇمە كۇنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرساق بولىدۇ.بىز بۇ مەسلىنى سياسيلاشتۇرۇشتىن شۇنداقلا ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىشمىز كىرەك.رەھمەت.

رەئىس:مەن جۇڭگو ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە رەھمەت ئىيتىمەن.مەن كومېتىتنى بىزنىڭ تۈزۈم ۋە تەرتىپ بويىچە مۇناسۋەتلىك تېمىغا ئۆتۈشكە چاقىرىمەن،بىز بۇ كومتىتىنى بىر جەمىيەتنى  مۇنازىرە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ قويمايلى ،مەسلە ناھايتى جىددى ،ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوخشمىغان كۆز-قاراشلىرى  بار،بۇ مەن ئاڭلىغان كەسكىن تالاش-تارتىشلارنىڭ بىرى،مىنىڭچە بىز بۇ تېمىدىن ھەقىقەتەن چارچىدۇق،يتەرلىك سۆزلەشتۇق.مىنىڭچە بىزدە بىز كىرەكلىك ھەممە ئۇچۇرلار بار،پىلانىمىز بويىچە بۇ ئشنى جۇمە كۇنى ئانالىز قىلايلى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

يەرشارى ماگېنتسكى ھەرىكىتى قانۇنى

پە ماي 31 , 2018
Global Magnitsky Act ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى <<ئىنسانى ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى>>ختتاي ئشلىرى بۆلۈم مەسئۇلىنىڭ ھاۋالىسى،رۇخستى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى.

You May Like