بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ماقۇللىدى، خىتاي كۆز بويامچىلىق بىلەن غەلبە قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىش بېجىرىش كومىتېتى يىغىپ ئېچىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى باھالىدى.

فىرانسىيە رادىئوسى خىتايچە بۆلۈمى

2018- يىلى 10- نويابىر

 ئەردەم تەرجىمىسى

تەھرىر: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

   

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىش بېجىرىش كومىتېتى يىغىپ ئېچىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى باھالىدى.

«خوڭكوڭ شەرق كۈندىلىك خەۋىرى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ماقۇللىغان. خەۋەردە ئىيتىلىشىچە، ب د  ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بۇ ھەپتە يىغىن ئېچىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان) دا « قايتا تەربىيەلەش لاگىرى» قۇرغانلىقى، تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. يىغىندا خىتاي دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى تاپشۇرغان بولۇپ، بۇ دوكلات 9- نويابىر جۈمە كۈنى 120 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ بىردەك قوشۇلىشىغا ئېرىشكەن. يىغىندا ماقۇللانغان خىتاي ھۆكۈمەت دوكلاتىدا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىرلىرى خاتىرلەنگەن بولۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش، قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش قۇرۇلۇشى، دىنىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش، تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

خەۋەر يەنە يىغىنغا قاتناشقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى جاڭجۈننىڭ مۇنۇ خۇلاسە سۆزىنى نەقىل قىلدى: « ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى تەرەققىياتى ھەقىقەت. خىتاي ھۆكۈمىتى دوكلاتقا بېرىلگەن تەكلىپلەرنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن چوڭقۇر تەتقىق قىلىدۇ، ھەمدە كېلەر يىلى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ». جاڭجۈن يەنە:« ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا ئوبىكتىپ نەزەردە قارىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىگە زىيان يەتكۈزىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دىگەن.

 

قوشۇمچە:

گەرچە ئامېرىكا باشلىق تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە تەربىيەلەش لاگىرلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئوتتۇر شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكا قاتارلىق رايوندىكى ئەللەر خىتاينى قوللىدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنى ۋە خەلقئارا مېدىيالار «مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتايغا قارشى تۇرغان بولسا، لاگىرلارنىڭ تاقىلىشىغا بىسىم چۈشۈرۈشى مۈمكىن ئىدى» دىيىشتى.

 

مەنبە : http://synurl.com/L9E31D

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

لاگىردىن چىققان گۈلباھار خانىمنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن...

شە نويابىر 10 , 2018
2017-يىللارنىڭ باشلىرى بولسا كېرەك، ۋەتەندىكى بىر ساقچى دوستۇم ئۈندىدار ئارقا كۆرۈنىشى رەسىمىگە يۇقىرى بېسىملىق توك ئۇلانغان ئورالما سىم بىلەن قورشالغان يەھۇدىيلار جازا لاگىر كورپۇسلىرىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويغان ئىكەن. ئۇ چاغدا «بۇ رەسىم نىمە رەسىمدۇ ؟» دەپ بىلمىگەن ئىكەنمەن. كىيىن لاگىرلار توغۇرلۇق خەۋەرلەر جىقايغانسىرى، يەھۇديىلار جازا لاگىرلىرى توغۇرلۇق كۆپ ۋىدىئو ، رەسىملەرنى كۆردۈم، ھەيران قالدىم، ئۇ دوستۇمنىڭ چىقىرىپ قويغان رەسىمىنى مەن يەھۇدىيلار جازا لاگىرلىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەردە ئۇچراتتىم .....شۇندىن كېيىن كۆڭلۈمگە ۋەھىمە چۈشتى، قورقتۇم....ئۇخلىيالمىدىم...

You May Like