بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى: خىتاي مىليۇن ئۇيغۇرلارنى مەخپى لاگىرلارغا قامىغان!

جەنۋە(رويتىرس)- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئنسانى ھوقوقنى قوغداش كومېتتېتى جۈمە كۈنى(10-ئاۋغۇست) ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ مىليۇن ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدىكى مەخپى جازا لاگىرلىرىغا قامىغانلىقىغا ئائىت ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى: خىتاينىڭ مىليۇن ئۇيغۇرلارنى مەخپى لاگىرلارغا قامىغانلىقىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىسپاتى بارلىقىنى جاكارلىدى !

ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم ئۆتۈكەن

تەھرىرى:تۇرسۇنجان

خەۋەر مەنبەسى:رويتىرس ئاگىېنتلىقى

ئەسلى ئاپتورى:Stephanie Nebehay

رەسىم: خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندىكى كۆرۈنۈشى.2017-يىلى 3-ئاينىڭ22-كۈنى. توماس پىتىر فوتوسى.

جەنۋە(رويتىرس)- بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئنسانى ھوقوقنى قوغداش كومېتتېتى جۈمە كۈنى(10-ئاۋغۇست) ئۆزىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ مىليۇن ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدىكى مەخپى جازا لاگىرلىرىغا قامىغانلىقىغا ئائىت ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

ب د ت نىڭ <<ئىرقىي كەمستىشنى يوقتىش كومىتېتى>>نىڭ ئەزاسى گېيي مەكدوگالنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2 مىليۇن ئەتراپىدا ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلەر شىنجاڭ ئاپتونۇم رايۇنى (شەرقى تۈركىستان-ت) دىكى «سىياسى لاگىرلار»غا مەجبۇرى ئېلىپ كېتىلگەن.

مەكدوگال خانىم بۇ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان خىتاي (ماكاۋ ۋە خوڭكوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان)نى تەكشۈرۈش يىغىنىنىڭ باشلىنىشىدا مۇنداق دېدى: بىز ناھايتى كۆپ ‍ئشەنچلىك خەۋەرلەردىن ئىگەللىشىمىزچە، خىتاي دۆلىتى «دىننى ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «جەمىئەت ئامانلىقىنى قوغداش»نى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى زور كۆلەمدىكى مەخپى جازا لاگىرىغا ۋە « ھەق-ھوقوقسىز» رايۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى: خىتاينىڭ مىليۇن ئۇيغۇرلارنى مەخپى لاگىرلارغا قامىغانلىقىنىڭ ئىشەنچىلىك ئىسپاتى بارلىقىنى جاكارلىدى !

رەسىم: ئىككى ئادەم قەشقەر كونا شەھەرنىڭ كوچىسىدا CCTV كۈزۈتىش ئاپاراتى ئورنۇتىۋاتىدۇ. 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى. توماس پىتىر فوتوسى.

خىتاي دۆلىتنىڭ دېيىشچە، دىننى قوراللىق كۈچلەر ۋە بۆلگۈنچىلەر شىنجاڭ (شەرقى تۇركىستان) دا ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇ رايوننى ئۆزىنىڭ يۇرتى دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتىدە كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان خىتايلار ئارىسىدا زىدىيەت پەيدا قىلىش قاتارلىق خەۋپلەرنى ئېلىپ كەلگەن.

جەنۋەدىكى بۇ يىغىندا خىتاي دۆلىتىنىڭ 50 كىشىدىن تەركىپ تاپقان ۋەكىللىرى مەكدوگال خانىمنىڭ قىلغان باياناتىغا ھېچ قانداق جاۋاپ قايتۇرمىدى. بۇ يىغىننىڭ داۋامى دۈشەنبە كۈنى يەنە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. 

ئامېركا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى ئىجتىمائى تاراتقۇ «تۋىتتېر»دا مۇنداق دىگەن: بىز خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ناھايتى بىئارام بولدۇق.

ئامېرىكىننىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى يەنە مۇنداق دېگەن: بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق تەتۈر ئۈنۈملۈك قىلمىشلىرىنى توختۇتۇشىنى ۋە ناھەق  قاماپ قويغان «مەھبۇس»لارنى قويۇپ بېرىشىنى چاقىرىق قىلىمىز.

خىتاينىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتلەر ھەرخىل ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە «ختاي كىشلىك ھوقوق قوغدىغۇچىلىرى» دىگەن تەشكىلاتنىڭ ئېيتىشچە ،2017-يىلى ختايدا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 21 پىرسەنتى شىنجاڭ (شەرقى تۇركىستان-ت)دا ئىكەن.

بۇنىڭدىن  بۇرۇن ختاينىڭ جەنۋەدىكى ب د ت دا خىتايغا ۋەكىللىك قىلدىغان باش ئەلچىسى يۇجىيەنخۇۋا خىتاينىڭ مىللەتلەر ئارا باپ-باراۋەرلىكنى ۋە ئ‍تىپاقلقنى ئىلگرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

رەسىم: 72-قېتىملىق ب د ت يىغىنىدا جەريانىدا ب د ت نىڭ نىيۇيورۇكتىكى باش شىتابىنىڭ كارىدورىدا قۇيۇلغان ب د ت گربى. 2017-يىلى 22- سېنتەبىر. لۇكاس جەكسۇن فوتوسى.

ئەمما، مەكدوگال خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ختاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى پەقەت ۋە پەقەت ئۇلارنىڭ مىللى ۋە دىننى سالاھىيتى سەۋەبلىك خىتاينىڭ «دۆلەت دۈشمىنى» دەپ زۇلۇم قىلماقتا.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: 100 دىن ئارتۇق مىسىر ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن يۇرتىغا قايتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، ھەتتا بەزىلىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن.

ب د ت نىڭ ئنسانى ھوقوقنى قوغداش كومېتتېتىنىڭ ئەزاسى يەمھەلھە مىنت مۇھەممەد 1 مىليۇنچە ئۇيغۇرلارنىڭ خالىغانچە ھەم زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي ۋەكىلىدىن مۇنداق سۇئال سورىدى: ھازىر ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن دىننى ئەركىنللىك زادى قايسى دەرىجىدە؟ ئۇيغۇرلارنىڭ دىننى ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بۇلۇشىنى قوغدايدىغان  زادى قانداق قانۇن-تۈزۈملەر بار؟ 

ئنسانى ھوقوقنى قوغداش كومېتتېتى يەنە تىبەتلەرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە تىبەت ئاپتونۇم رايۇنىدا تىبەت تىلىنىڭ مەكتەپ ۋە سوتلاردا ئىشلىتىلىشىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

سۈرگۈندىدە ياشاۋاتقان گولوك جىگمە ئىسىملىك بىر تىبەتلىك راھىب ۋە سابىق مەھبۇس يىغىن جەريانىدا رويتىرىس مۇخبېرىغا مۇنداق دېگەن:  ب د ت  ئورگىنى ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىيالىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ناھايتى ئېنىق سىگنال بىرىلدى،

ئەسلى خەۋەر Stephanie Nebehay تەرىپىدىن تەييارلانغان.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تەرجىمە:دۇنيا خىتاينىڭ مىلىيوندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلارنى لاگېردا تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى قانداق بىلىپ قالدى؟

شە ئاۋغۇست 18 , 2018
مەنبەسى:ئامېرىكا خاففىڭتۇن پوچتىسى گېزىتى ئاپتورى: ئەكبەر شاھىد ئەھمەد

You May Like