بىر يۇقرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قامىغان «ئۆلۈم» لاگىرى ئۈچۈن بەرگەن بىمەنە باھانىسى

 

ئاپتۇر: توم روگان

ۋاشىنگىتون كۆزەتكۈچى گېزىتى

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى

تەرجىمان: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

دىكتاتور خىتاي رىجىمى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرماقتا. خىتاي «ئۆلۈم» لاگىرىغا  سولىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايتى كۆپ. خىتاي رىجىمىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى شەرمەندىلەرچە ياقلىشى ئادەمنىڭ تېخمىۇ غەززىپىنى قوزغايدۇ.

سەيشەنبە كۈنى(16-ئۆكتەبىر)  بىر يۇقرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى بۇ تۈرمە لاگىرلىرىنى  «تەربىيەلەش ۋە چېنىقتۇرۇش» مەركىزى دەپ تەرىپلىدى. ئۇيغۇرلار باستۇرىلىۋاتىقان رايون شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان) دىگەن ئۆلكىىنىڭ باشلىقى شۆھرەت زاكىرنىڭ دېيىشىچە بۇ «ئۆلۈم» لاگىرلىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىق، چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئىقتىدارى، خىتاي قانۇنى بىلىملىرى ۋە باشقا خىزمەت تېپىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىقتىدارى يوق.  بۇنىڭغا قارىتا شۆھرەت زاكىر مۇنداق دىگەن: « بۇ لاگىرلار قامالغانلارنىڭ ئارامبەخىش ۋە شادخورام مۇھىتتا يېتىلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەردى.»

بۇ كوممۇنىست بيۇروكرات(شۆھرەت زاكىر)نىڭ مەغرورلانغان ھالدا چۈشەندۈرىشىچە لاگىردىكى ئاشخانىلار ناھايتى مول ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ياتاقلارنىڭ ھەممىسى رادىئو، تېلۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ھاجەتخانا ۋە مۇنچا قاتارلىقلار بىلەن سەپلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا لاگىردا يېپىق ۋە ئۇچۇق ۋاسكىتبول مەيدانى، پۇتبول مەيدانى ۋە تىكتاك توپ ئۈستىلى قاتارلى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن. يەنە كىتاب ئوقۇش ئۆيى، كومپىيوتىر ئۆيى، كىنو ئىشلەش ئۆيى ۋە نۇمۇر ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان يېپىق ۋە ئۇچۇق سەھنە ھازىرلانغا. لاگىردا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، يېزىقچىلىق، ئۇسۇل ئويناش ۋە تەنھەركەت قاتارلىق ھەرخىل پائالىيەتلەر ئوتۇنلاشتۇرىلىدۇ. نۇرغۇن تەربىيەلەنگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغانلىقىنى ھەم ئەزەلدىن بۇ يەردىكىدەك سەنئەت ۋە تەنھەركەت پائالىيەتلىرىگە قاتىنىشىپ باقمىغانلىقىنى ، ھاياتنىڭ ئەسلى بۇنداق رەڭگارەڭ بولىدىغانلىقى ھازىر تۇنۇپ يەتكەنلىگىنى بىلدۈرگەن.

شۆھرەت زاكىر يەنە مۇنداق دىگەن: « قاراڭلار، بۇ ئەسلى بىر ساياھەت لاگىرى. تېخمۇ ياخشى بولغىنى بۇ يەردىكى شۇنچى كۆپ ئېسىل ئەسلىھەلەردىن باشقا، «ئوقۇتۇش ۋە تەربىيەلەش مەكتىپى» بۇ يەردىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ روھى ساغلاملىقىغا ناھايتى بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.»

نۇرغۇن كىشلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر 1 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار پەقەتلا مىللى كىملىگى ۋە مۇسۇلمانلىق ئېتىقادى ئۈچۈنلا ئۆيلىرىدىن سۆرەپ ئېلىپ بېرىلىپ لاگىرلارغا تاشلانغان. ئۇ لاگىرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارغا بېيجىڭدىكى «ھەممىنى بىلگۈچى» كوممۇنىستىك پارتىيە جىسمانى قىيناش ۋە روھى جەھەتتىن كاللا يۇيۇش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە دەل مۇشۇ بېيجىڭدىكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كۈچى.  چۈنكى شۆھرەت زاكىر چېغىدا مەغرۇرلانغان ھالدا بۇ قەبىھ سېستىمىنىڭ (يەنى ئۈلۈم لاگىرى) خىتاينىڭ «ئەڭ مېھرىبان، ھۆرمەتكە سازاۋەر»  يول باشچىسى شىجىنپىڭنىڭ ئىجادىيتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دىگەن:« ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بېرى شىجىنپىڭ يادىرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كوممىتېتىنىڭ باشلامچىلىقىدا شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان) جەمىيەت ئامانلىقىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەت بىخەتەرلىكنى نىشان قىلغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئىزچىل ئىجرا قىلدى.»

ئامىركا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك. شىجىنپىڭنىڭ ھازىر رەسمى ئاشكارە ئېلان قىلغان جىنايى قىلمىشىغا ھۇشىيار تۇرۇش ئۈچۈن ئامىركا ۋە ياۋروپا ئىتىپاقى شۆھرەت زاكىر قاتارلىق بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئېلىپ بېرىشقا يانتاياق بولغان ئەمەلدارلارنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزىشى كېرەك.  بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشىمىز كېرەككى، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ قىلمىشلار خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ چوقۇم شىجىنپىڭنىڭ ئامىركانىڭ ئورنىغا دەسسمەكچى بولغان «بۈيۈك پىلانى»غا  گۇمان بىلەن قارىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 

مەنبە: https://www.washingtonexaminer.com/opinion/the-sick-excuses-a-top-chinese-official-just-gave-for-the-uighur-concentration-camps

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

خۇئەنگاڭ، خۇلىيەنخې: دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش، مىللەتلەر سېڭىشىپ بىرلىشىش دۆلەت ئەبەدىي ئامانلىقىنى قوغداشتىكى نېگىزلىك تەدبىردۇر!

چا ئۆكتەبىر 17 , 2018
  ئەسلى ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تەرجىمە قىلغۇچى: تۇنيۇقۇق ئۇيغۇر ئاگېنتىلىقى  2018- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى   [ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى […]

You May Like