بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتە خىتاي تەرەپنى قوللىدى

بىر قىسىم دۆلەتلەر ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتە خىتاي تەرەپنى قوللىدى

 

ئارمان 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 19-ئاۋغۇست

خىتاي ئورگان تەشۋىقات تورى تەڭرىتاغ تورى 17- ئاۋغۇست » كۆپ دۆلەتتىكى زاتلار ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى» نامىدا خەۋەر ماقالىسى تارقاتقان بولۇپ، خەۋەردە شىنخۇا تورىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ئاخباراتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق يازغان : » كۆپ دۆلەتنىڭ ئەمەلدارلىرى، ئالىملىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى قاتارلىقلار يېقىندا ئوخشىمىغان شەكىلدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى مەنبەنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىدە تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇلار مۇنداق قارىدى: ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىدە دەلىل-ئىسپات ۋە پاكىتنى ئاساس قىلىش، سىياسىي جەھەتتە ئەيىبلىمەسلىك كېرەك.» 

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارا بولۇشىچە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «كۆپ دۆلەتتىكى» زاتلارنىڭ  ھەممىسى خىتاينىڭ تەشۋىقات زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە: مىسىرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئەلى، مالتا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېۋارتىستۇس بارتولو، مالدىۋې تاراتقۇ خادىمى خامدان، مېكسىكا دۆلەتلىك ئاپتونومىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى مۇتەخەسسىسى ئېلېنا رېيېس قاتارلىقلار.

8-ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات بېرىپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغا قارشى » ۋىرۇس مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇردى» دېگەن بەتنامنى چاپلىغان ئىدى. 18-ئاۋغۇست دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلدارى مىكايېل رايىن (Michael Ryan) مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ھەمكارلىشىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

Uyghur Reporter

Next Post

مالايسىيە باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

پە ئاۋغۇست 19 , 2021
مالايسىيە باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

You May Like