بىر نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بېلگراد ئايروپورتىدا تۇتۇپ قېلىنغان، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بار

بىر نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بېلگراد ئايروپورتىدا تۇتۇپ قېلىنغان، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى بار

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 03-دېكابىر

ئاگېنلىقىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا 2021-يىلى 2-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قاھار ھېيتەم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز سېربىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا كېلىش يولىدا بېلگراد ئايروپورتىدا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قېلىنغان. ئىگىلىشىمىزچە تۈنۈگۈن كەچتە يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى خىتاي تەرجىماندىن بىرنى ئېلىپ كېلىپ قاھار ھېيتەمنى سوراق قىلغان، ئاندىن تۈركىيەگە يولغا سېلىۋېتىش توغرىسىدا ئىنگلىزچە ھۆججەتنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا ئىمزا قويدۇرغان.


ساقچىلار قاھارنىڭ ئىستانبۇلغا يولغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ بۈگۈن كەچتىكى بېلگرادتىن ئىستانبۇلغا قاراپ ئۇچقان ئايروپىلانغا سېلىپ قويماي داۋاملىق تۈردە ئايروپورتتا تۇتۇپ قالغان. قاھار ھېيتەمنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن كەچتە بېلگراد ئايروپورتىغا خىتاي ساقچى خادىملىرىمۇ يېتىپ كەلگەن بولۇپ، 2 سائەتتىن بېرى سېربىيە ساقچىلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولۇۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ تۈركىيەگە ئەمەس خىتايغا قايتۇرۇۋېتىش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن. 

قاھار ھېيتەمنىڭ تۈركىيەدە ئايالى ۋە ئۈچ بالىسى بار. ئاگېنلىقىمىز پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇنداقلا ياردەم قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ قېرىندىشىمىز قاھار ھېيتەمنى خەتەر ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

قوزغال ئۇيغۇرۇم ناملىق ناخشا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

شە دېكابىر 4 , 2021
قوزغال ئۇيغۇرۇم ناملىق ناخشا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

You May Like