بىر ئەسكەرنىڭ جەڭ مەيدانى- ئۇيغۇرىئان

بىر ئەسكەرنىڭ جەڭ مەيدانى- ئۇيغۇرىئان

 بىر ئەسكەرنىڭ جەڭ مەيدانى

 

ئۇيغۇرىئان

ئەتراپنى ئىس-تۈتەكلەر قاپلىغان، ھاۋادا دۈشمەن ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ يۈرىدۇ.

يېنىڭدىكى سەپداشلىرىڭدىن بىرىنىڭ پۇتى، بىرىنىڭ كۆزى يارىلىنىدۇ. سەن ئۆزۈڭنى، ئۇلارنى قوغداشقا مەجبۇر بولىسەن.بەلكىم سەنمۇ يارلىنىسەن.

ھاۋا ناھايىتى قاڭسىق، ئاچچىق، سېسىق پۇراققا چۆمگەن، نەپەس ئىلىش ئىنتايىن قىيىن.

بۇ ئەتراپتا ئۇرۇش قىلىۋاتقان جەڭچىلەر ئوخشاشلا ئۇخلىمىغىلى ئۈچ كېچە-كۈندۈز بولدى. دۈشمەن ساڭا ئاراملىق بەرمەيدۇ. ئۇخلاپ قالساڭلا، ئالدىنقى ئىستىھكام ۋە پۈتۈن شەھەر قولدىن كېتىدۇ.

بىلىڭگە باغلانغان بوغچاڭدا ئاخىرقى بىر قېتىم يېگۈدەك قۇرۇق نان بار..

سېنىڭ دۆلىتىڭ -دۇنياغا كۈرەش ئىرادىسىنى، غۇرۇرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ھەيۋەتلىك ئۇرۇش نەتىجىلىرىنىلا بىلدۈرۈشى مۇمكىن. ئەمما ئالدىنقى سەپتە پەقەت ئۆلۈملا بار، ئەڭ مۇھىمى، ۋەتىنىڭ تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندا ۋەتەننىڭ ھەممە يېرى ئالدىنقى سەپ.

سەن يەنە بىر سائەت ياكى بىر كۈن ۋە ياكى بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۆلۈپ كېتىشىڭمۇ مۇمكىن. ئىسمىڭنى باشقىلارمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما سەن ۋەتەننى ئۇتتۇرساڭ، ھايات قالساڭمۇ بەرىبىر نام-نىشانسىز قالىسەن، يىلتىزىڭدىن ئايرىلىسەن.

دۈشمەن سەندىن كۈچلۈكمۇ ياكى ئاجىزمۇ، بۇ مۇھىم ئەمەس، سەن بۇرۇن كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، بۈگۈن پەقەت بىر ئەسكەر.

مۇھىمى، سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئۇرۇش قىلىش.

تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئۇلاقسىز، باش شتاب بىلەن ئالاقە ئۈزۈلگەن…

ئەمما سېنىڭ كاللاڭدا قالغان بىرلا نەرسە بار:

ئۆلگۈچە ئۇرۇش قىلىش ۋە دۈشمەننى يوقىتىش.

ئەگەر سەن ۋاز كەچسەڭ، دۈشمەن ۋەتىنىڭنى ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ، پۈتۈن دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ غۇرۇرى يوقىلىدۇ.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

نورۋېگىيەدە يەنە بىر ئۇيغۇر مەسچىتى، ئۇيغۇر ئۆيى ۋە ئانا تىل مەكتىپى ئېچىلدى

دۈ مارت 7 , 2022
نورۋېگىيەدە يەنە بىر ئۇيغۇر مەسچىتى، ئۇيغۇر ئۆيى ۋە ئانا تىل مەكتىپى ئېچىلدى

You May Like