بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى سۇنۇلدى
يۈسۈپجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 3-ئاپرېل
بېلگىيە «يېشىللار پارتىيەسى» دىن كەلگەن پارلامېنت ئەزاسى سامۈئەل كوگولاتى ئەپەندىمنىڭ 2-ئاپرېل شەخسى ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا ئاشكارىلىغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا ئۇ ئۆزى باش بولۇپ تۈزىگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان مەھسۇلاتلارنىڭ بېلگىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسى ئىمزا قويۇلۇپ رەسمىي ھالدا بېلگىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان.
سامۈئەل ئەپەندىم شۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ فەيسبۇك بېتىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « Stefaan Van Hecke ئەپەندىم بىلەن بىرلىكتە قۇل ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بۇ يېڭى قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن!
كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى شۇكى، 21- ئەسىردىكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ بەزى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر خىتايدىكى ئۇيغۇرلار قامالغان جازا لاگېرلىرىدا ئىشلەنگەن كىيىملەرنى، كونگودىكى بالا قۇل ئىشچىلارنىڭ قولىدىن چىققان ئالماسلارنى ئىمپورت قىلىپ نەپ ئالماقتا.
ئەگەر بۇ قانۇن لايىھىسى تەستىقتىن ئۆتۈپ قالسا، يۇقىرىقىدەك مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلغانلار قانۇن بويىچە 1 يىلدىن 5 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
بىز سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا موھتاج، تاكى دۇكانلىرىمىزدىن بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارنى پۈتۈنلەي تازىلاپ چىقارمىغۇچە توختىمايمىز!»