ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىدە بېلەت تاشلىنىپ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇز ئۇرۇشىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى

ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىدە مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇز ئۇرۇشىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى

ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىدە مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇز ئۇرۇشىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 02-مارت

ئارمان

2-مارت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي مەجلىسى 11- نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنى چاقىرىپ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇز ئۇرۇشىنى دەرھال توختىتىشى توغرىسىدا بېلەت تاشلاندى. نەتىجىدە 141 بېلەتنىڭ قوللىشى، 5 بېلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى، 35بېلەتنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن مەزكۇر قارار كېڭەش مەجلىسىدە رەسمىي ماقۇللاندى. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ 1997-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم جىددىي چاقىرىلغان پەۋقۇلئاددە يىغىن ئىكەن.

27-فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوخشاش مەزمۇندىكى قارار لايىھىسى دائىمىي ئەزا دۆلەت رۇسىيەنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەن ئىدى.  

مەزكۇر قارارنامە گەرچە قانۇن جەھەتتىن چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ، ئەمما خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر جەھەتتە تەسىر دائىرىسى چوڭ ئىكەن. قارارنامىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:« ئەڭ كۈچلۈك بولغان رەۋىشتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ دەرھال قورال ئىشلىتىشنى توختىتىپ، بارلىق ئەسكەرلەرنىڭ شەرتسىز ھالدا ئۇكرائىنا زېمىنىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تەۋە ئىككى رايوننى مۇستەقىل دەپ ئېلان قىلغان قارارىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە قارشى ئاۋاز تاشلىغان دۆلەتلەر رۇسىيەدىن باشقا، سۈرىيە، بېلارۇسىيە، ئېرىترېيە(ئافرىقا قىتئەسىدە) ۋە شىمالى كورېيە قاتارلىقلار ئىكەن. خىتاي ۋاز كېچىش بېلىتىنى تاشلىغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىشكە چاقىرىق قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

پە مارت 3 , 2022
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىشكە چاقىرىق قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like