زېلىنىسكى: ب د ت ياكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك ياكى تاقىلىشى كېرەك

زېلىنىسكى: ب د ت ياكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك ياكى تاقىلىشى كېرەك

 زېلىنىسكى: ب د ت ياكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك ياكى تاقىلىشى كېرەك

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 6- ئاپرېل

ئارمان

سەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي كېڭىشى يىغىنىغا سىن ئارقىلىق قاتناشقان ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلىنىسكى يىغىن ئەھلىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېگەن: « Boutcha يېزىسىنىڭ كوچىلىرىدىكى قورقۇنچلۇق مەنزىرىلەر كىشىلەرگە شام ئىسلام تەشكىلاتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئەسلىتىدۇ. ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ دەھشەتلىك قىلمىشىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ھەيئەت دۆلەت كەلتۈرۈپ چىقاردى.» 

ئارقىدىن زېلىنىسكى رۇسىيەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: « رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بولۇشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىنى بېكىتىش قارارىنى چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى چوقۇم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك! ھەيئەت دۆلەتلەر قولىدىكى رەت قىلىش بېلىتى ھەرگىزمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش بېلىتى ئەمەس! ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلاھات ئېلىپ بارالمىسا، ئۇنىڭدىن تاقالغىنى ياخشى…سىلەردىن ئۆتۈنىدىغىنىم شۇكى، تاجاۋۇزچى دۆلەت رۇسىيەنى دەرھال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن قوغلاپ چىقىرىڭلار، بۇنداق بولغاندا بىز ئىسلاھات ياكى ئۆزگىرىش ئېلىپ بارالايمىز. ئەگەر بۇ تاللاشنى قىلالمىساڭلار، ب د ت نى ئەڭ ياخشىسى تارقىتىۋېتىڭلار…»

زېلىنىسكى سۆزىدە يەنە Boutcha يېزىسىدا يۈز بەرگەن دەھشەتلىك پاجىئەنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن بۇ توغرىسىدا ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىم قويۇلغان. قەتلىئام يۈز بەرگەندىن كېيىنكى 48 سائەت ئىچىدە فىرانسىيە، گېرمانىيە، لىتۋانىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 200 گە يېقىن رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى ئۆز دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقارغان. 

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ب د ت دائىمىي ھەيئەت ئەزا دۆلىتى بولغان خىتاي تا بۈگۈنگە قەدەر Boutcha قەتلىئامى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يوق قىلىنىشى

جۈ ئاپرېل 8 , 2022
شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يوق قىلىنىشى

You May Like