ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينى ئەيىبلەش قارار لايىھىسىگە بېلەت تاشلانماقچى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينى ئەيىبلەش قارار لايىھىسىگە بېلەت تاشلانماقچى

 ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينى ئەيىبلەش قارار لايىھىسىگە بېلەت تاشلانماقچى

 б д т кишилик һоқуқ кеңишидә хитайни әйибләш қарар лайиһисигә беләт ташланмақчи

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 26-سېنتەبىر

 خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق خەۋەر قاناللىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۈشەنبە (26-سېنتەبىر) كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، شىۋېتسىيە، دانىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىرلىكتە ئىمزالاپ تەييارلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئائىت تەكلىپ قارار لايىھىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا سۇنۇلغان. قارار لايىھىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىن 2023-يىلى 2-فېۋرال ياكى مارت ئايلىرىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇنازىرە يىغىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەر مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئەيىبلەش قارار لايىھىسى 10-ئاينىڭ 6-ۋە7-كۈنلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە مەزكۇر كېڭەشكە ئەزا 47 دۆلەتنىڭ بېلەت تاشلىشىغا سۇنۇلىدىكەن.

«فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، مەزكۇر تەكلىپ قارار لايىھىسى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» قۇرۇلغاندىن بۇيانقى (2006-يىلى قۇرۇلغان) تۇنجى قېتىم خىتاي ھەققىدە چىقىرىلغان ئەيىبلەش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 б д т кишилик һоқуқ кеңишидә хитайни әйибләш қарар лайиһисигә беләт ташланмақчи

уйғур агентлиқи 2022-йили 26-сентәбир

хәлқарадики нопузлуқ хәвәр қаналлириниң хәвиригә қариғанда, дүшәнбә (26-сентәбир) күни америка, әнглийә, канада, шиветсийә, данийә, финландийә, исландийә вә норвегийә қатарлиқ дөләтләр бирликтә имзалап тәййарлиған уйғурларниң кишилик һоқуқ мәсилисигә аит тәклип қарарнамә бирләшкән дөләтләр тәшкилати кишилик һоқуқ комитетиға сунулған. қарарнамидә бирләшкән дөләтләр тәшкилати кишилик һоқуқ комитетидин 2023-йили 2-феврал йаки март айлирида уйғур кишилик һоқуқ мәсилиси һәққидә мәхсус муназирә йиғини ечишни тәләп қилған.

хәвәр мәнбәлиригә асасланғанда, мәзкур әйибләш қарар лайиһиси 10-айниң 6-вә7-күнлири бирләшкән дөләтләр тәшкилати бихәтәрлик кеңишидә мәзкур кеңәшкә әза 47 дөләтниң беләт ташлишиға сунулидикән.

«фирансийә ахбарат агентлиқи» ниң бу һәқтики хәвиридә дейилишичә, мәзкур тәклип қарар лайиһиси «бирләшкән дөләтләр тәшкилати кишилик һоқуқ комитети» қурулғандин буйанқи (2006-йили қурулған) тунҗи қетим хитай һәққидә чиқирилған әйибләш болуп һесаблинидикән.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىتالىيەدە سايلانغان تۇنجى ئايال باش مىنىستىر: خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول سىياسىتىگە قىزىقمايمىز

دۈ سېنتەبىر 26 , 2022
ئىتالىيەدە سايلانغان تۇنجى ئايال باش مىنىستىر: خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول سىياسىتىگە قىزىقمايمىز

You May Like