ئانتونىو گۇتتېرېس ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۆز ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن

ئانتونىو گۇتتېرېس ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۆز ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى22-فېۋرال

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېرېس 18-فېۋرال گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن « ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى» دا سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ باش كاتىپ گۇتتېرېسنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە قىلغان ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئاشكارا باياناتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 

شۇ كۈنى يىغىنغا سىن ئارقىلىق قاتناشقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى سۆز قىلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە خادىمى مىشەل باچېلىت خانىمنى شەرقى تۈركىستانغا زىيارەتكە بېرىشىنى تەكلىپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: « خىتاي تەرەپ باچېلېت خانىمنىڭ ئىشخانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ، پات يېقىندا كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۈزۈپ چىقىمىز. بىز باچېلېت خانىمنىڭ شەخسىي ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىمىز شۇنداقلا ئۇنىڭمۇ خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قانۇنىنى ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىشىنىمەنكى باچېلىت خانىم زىيارەت جەريانىدا تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان خىتاينى كۆرىدۇ، ھەر مىللەت خەلقى ئىناق ئىتتىپاق ياشاۋاتقان، مۇقىم بولغان شىنجاڭنى كۆرىدۇ. ھەقىقەت يەنىلا ھەقىقەت، ھەرخىل يالغان ئۇچۇرلار ھامىنى پاش بولىدۇ.» 

 

ۋاڭ يى گەرچە زىيارەتنى «قىزغىن» قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما زىيارەتكە شەرت قويۇپ مۇنداق دېگەن:« شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى » جىنايەت بېكىتىش خاراكتېرىدىكى» زىيارەتنى ھەرگىزمۇ قارشى ئالمايدۇ، ئۇ يەردە ھېچقانداق تەربىيەلەش لاگېرى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئەمەس».

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىرېلاندىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن خىتاي تەرەپ ئىرېلاندىيەنى ئاگاھلاندۇردى

سە فېۋرال 22 , 2022
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىرېلاندىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن خىتاي تەرەپ ئىرېلاندىيەنى ئاگاھلاندۇردى

You May Like