بايدىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى مۇجىمەللىكى

بايدىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى مۇجىمەللىكى

بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 18- فېۋرال

 

«خەلقئارالىق ئوبزورلار» يېرىم ئايلىق ژۇرنىلىغا 17- فېۋرال «بايدىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق توغرىسىدىكى مۇجىمەللىكى» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئوبزوردا يېزىلىشىچە، بايدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا بىر ئاز بىئارام بولغان.

 

پرېزىدېنت بايدىن تۈنۈگۈن ئاخشام (16- فېۋرال) تېلېۋىزوردا بىۋاستە تارقىتىلىدىغان بىر قېتىملىق شەھەر مەمۇرىيىتى پائالىيىتىدە، رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان س ئەن ئەن نىڭ مۇخبىرى ئاندرېۋ كوپېر (Andrew Cooper) نىڭ سوئالىغا دۇچ كەلگەن. ئاندرېۋ كوپېر بايدىننىڭ ئالدىنقى ھەپتە شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تىلغا ئالغان-ئالمىغانلىقى توغرىسىدا سورىغان بولۇپ، بايدىن شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى شەپقەتسىزلارچە باستۇرۇشىغا ئائىت بىر مۇجىمەل جاۋاب قايتۇرغان. بايدىن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دۇنياغا بولغان قارىشى توغرىسىدا توختالغاندا: «مەدەنىيەت جەھەتتە، ھەربىر دۆلەت ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بويسۇنىدىغان ئوخشاش بولمىغان قائىدە-نىزاملىرى بار.» دېگەن.

 

ئوبزوردا يەنە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بايدىننىڭ جاۋابىنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلىرىگە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقىنىنى بىر خىل يوللۇق چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىق، دەپ قارىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەگەر بۇ راست بولسا، ئۇنداقتا بايدىننىڭ بۇ سۆزى ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشكۇل ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزىگە زىت كېلىپ قالغان بولىدۇ. 2020- يىلى ئاۋغۇستتا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) كرىزىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغان بايدىن س ئەن ئەن نىڭ مۇخبىرى ئاندرېۋ كوپىرغا ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، (شى) بۇنى بىلىدۇ.» گەرچە ئۇ مەدەنىيەت قائىدە-نىزامى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرى ئارقىلىق شى جىنپىڭنى تەنقىدتىن ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشلىرى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سۆزلەش مەسئۇلىيىتى بار بىر پرېزىدېنتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر خاتالىق دەپ قارالماقتا.

 

ئوبزورنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ:
https://www.nationalreview.com/2021/02/bidens-confusion-on-how-to-talk-about-genocide/

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بايدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتا ئىككىلەنمەسلىكى كېرەك

پە فېۋرال 18 , 2021
بايدىن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتا ئىككىلەنمەسلىكى كېرەك

You May Like