باش ئەگمەيدۇ ئۇيغۇر ھېچقاچان !

ھۇسۇل ئۈچۈن ئۇرۇق مۇھىمدۇر ،

سورتلۇق ئۇرۇق تاللايدۇ ھەركىم .

كىمنىڭ پۇشتى، دەيمىزغۇ سوراپ ؟

ئىسىل نەسەب قاندىدۇر بەلكىم .

ئاپتورى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-04-17

 

ھۇسۇل ئۈچۈن ئۇرۇق مۇھىمدۇر ،

سورتلۇق ئۇرۇق  تاللايدۇ ھەركىم .

 كىمنىڭ پۇشتى، دەيمىزغۇ سوراپ ؟

ئىسىل نەسەب قاندىدۇر بەلكىم .

 

ئۇغۇزلارنىڭ ئىسىللىرىدىن ،

تەگ سورىساڭ ،جەسۇر ئاتىمىز .

مەرد يىگىتلەر ئاتىغا تالىق ،

شۇ ئاتىدىن ئاققان قانىمىز .

 

تۆرىسى بار ئۇيغۇر دىگەننىڭ ،

تۆرە ئۈچۈن ئۈلۈپ ،ياشىغان .

تۆرىسىگە سادىق يىگىتلەر ،

ئات چاپتۇرۇپ دۇنيا سورىغان !

 

تاۋغاچلارنى قوغلىغان ئۇيغۇر ،

كەلمەس قىلىپ، كەلگەن يېرىدىن .

چاتقا چۈشكەن يۈرەك ساڭگىلاپ ،

قورقۇپ ئۆلگەن ،تويۇپ  جېنىدىن .

 

ئىسلام كەلدى ،ئىمانغا كىردى ،

ياشاپ ئۆلدى مۇسۇلمان پېتى .

ياۋ كەلگەندە باش ئەگمىگەن ھېچ ،

تۆكۈلسىمۇ تېنىدىن قېنى .

 

خۇدايىمنىڭ لەنىتى خىتاي ،

قۇلنىڭ قۇلى ،تىگى پەس خىتاي .

قولنى سۇندى ،تاياقنى ئۇنتۇپ ،

باسماق ئۈچۈن ،قارنىيەت خىتاي !

 

قۇل قىلماقتى بەتبەخ نىيىتى ،

ئەمدى پۈتۈن قىرىپ يوقاتماق .

چامغۇر ئەمەس ،قەدىم قەۋم بىز ،

يۇلۇپ تارتىش ،خام خىيال قىلماق !

 

قۇللۇق بىزگە ئېغىر ھاقارەت ،

بۇ نۇمۇسنى يۇيىمىز بىر كۈن .

زۇلۇم تۈگەر ،زالىم كىتىدۇ ،

شاھىت دۇنيا بۇنىڭغا پۈتۈن .

 

قۇزغۇنلارغا قالماس بۇ دۇنيا ،

كۆزى تويماس ئىنسان نەپسىگە .

ھەقنىڭ بىلگەن  ئىرادىسى بار ،

كېتەر ھامان دوزاخ تەھتىگە .

 

قالدى نامى زالىم ئاتىلىپ !

كۈچ كۆرسىتىپ  يۈرگەنلار قېنى ؟

شەيتانغا باش جىنايەتلىرىگە ،

توشۇپ كەتتى تارىخنىڭ بېتى !

 

نىجىسلاردىن نىجىس تۇغۇلسا ،

مۇسۇلماندىن فاتىھ تۇغۇلار !

ئىشەنچىمىز تاغدەك بۈيۈكتۇر ،

نىجىس زالىم ھامان يۇقۇلار !

 

ئىسىل قانغا ئىمان قوشۇلغان ،

بۇ قەۋىمنى يۇتماق رۇيا دۇر .

ئىت چىشلىگەن ئۆلمەس ھېچقاچان ،

كىسەل قوپاپ ماڭغان گويا دۇر .

 

شېھىتلەرنىڭ قېنى بار تۇپراق ،

ساڭا ھەرگىز يارەن ئەمەستۇر .

قىلغانلىرىڭ ئاينىسى يانار ،

زالىم ھەرگىز غالىپ ئەمەستۇر .

 

موما خەيدە كەلگەن خىتاينىڭ ،

كەتكىندە قالماس ئىشتىنى .

بىز ئۇرغاندا  ،كەلمەس ئىسىگە ،

قورقىنىدىن بىلمەي چىشقىنى .

 

ئەييۇ… دەپمۇ قالىسەن بىركۈن ،

مۈشۈك تۇرۇپ «يولۋاس»مەن دىسەڭ !

دىدەك ئالتۇن ئاسسىمۇ بىر كۈن ،

غوجاملارغا بەرىبىر «بىزەڭ » !

 

باش ئەگمەيدۇ ئۇيغۇر ھېچقاچان !

نىجىس خىتاي ،زالىم رەقىپكە !

بىزنىڭ ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان ،

ساھىپ چىقار قۇتلۇغ تەخىتكە !

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ب ب س قانىلىغا گۇۋاھلىق بەردى.

جۈ ئاپرېل 19 , 2019
18- ئاپرىل، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئاخبارات قانىلى بولغاننىڭ ۋەتىنىمىزگە بېرىپ، لاگىرلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن داڭلىق ب ب س مۇخبىرى جون ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا پەرزەنتلىرى ۋەتەندە قېلىپ جەم بولالمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ دەرتلىرىگە قۇلاق سالدى.

You May Like