«بالىلار لاگىرلىرى» : خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى ۋاستىلىك يوقىتىشتىن بىۋاستە يوقىتىشقا قاراپ ماڭغانلىقىمۇ؟

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2000- يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئاتالمىش «ئىچكىرى ئۆلكە سىنىپى» تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەلىك تەربىيسى ئېلىپ باردى.

ئاپتورى: ئوكيان

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2019-01-09

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2000- يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئاتالمىش «ئىچكىرى ئۆلكە سىنىپى» تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارغا ۋەتەنپەرۋەلىك تەربىيسى ئېلىپ باردى. بۇ ھەقتە تىموسى ئا.گىروسنىڭ » شىنجاڭ سىنىپى : مائارىپ، قوشۇۋېتىش ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن ئەسىرىدە، خىتاينىڭ » شىنجاڭ سىنىپى» دېگەن نام ئاستىدا، ھەقسىز مائارىپنى باھانە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا خىتاي دۆلەتچىلىك ئىدىيسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بايان قىلغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان ئالاقە مۇناسىۋىتى، خىتاي تىلىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىش ئارزۇسى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش ئارقىلىق، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتايغا قوشۇلۇپ كېتىشكە قارشى تۇرغان، «شىنجاڭ سىنىپلىرى» ئۇيغۇر ۋە خىتايلار ئوتتۇرسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاشۇرمىغان بەلكى ھەتتا بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتكەن، دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان.

 

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيسى 1949-يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان، مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى تولۇق كونتىرول قىلدى شۇنداقلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مائارىپ ئارقىلىق 56 مىللەتنى بىر جۇڭخۇا مىللىتىگە ئايلاندۇرۇش نىيتىدە بولدى. لىندا بەنسون :» خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاز سانلىقلارغا بولغان مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى بولسا ھەممە مىللەتلەر قوشۇلۇپ بىر تاق ۋە بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستىك دۆلەتكە ئايلىنىش». خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا بولغان مائارىپ سىياسىتى ئالدىنقى ئوتتۇز يىلدا خىتاي كومپارتىيسىنىڭ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق سەۋەنلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ساۋاتسىزلىق، قالايمىقانچىلىق، ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نارازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئەھۋال 1982-يىلى ئاساسىي قانۇننىڭ بارلىققا كېلىشى ئاستىدا ياخشىلىنىشقا باشلىدى.

 

بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ 12-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: » ئاساسلىق ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان مەكتەپ ۋە مائارىپ ئورۇنلىرى مائارىپ تىلىدا شۇ رايوننىڭ ئاساسلىق تىلىنى قوللىنىدۇ».

 

دېمەك، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مىللي مائارىپى مۇشۇ قانۇن تۈزۈلگەندىن كېيىن قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان، ئەمما ئاپتور خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ سەۋىيسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن كەينىدە قالغانلىقى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مائارىپقا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكى،  بۇنىڭ تۆۋەن بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا قارىغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاجىز ئورۇندا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. 2002 -يىلدىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشتىن توختىغان ھەم بۇ يۆلىنىش دەسلەپكى مائارىپقا قاراپ كېڭىيىشكە باشلىغان.مېنىڭچە،» قوش-تىل» سىياسىتى بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ، دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى بولغان تىلدىن ئىبارەت بۇ ئامىلنى يوقىتىشنى قەدەممۇ-قەدەم ئېلىپ باردى.

 

خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش » ئىچكىرى ئۆلكە ھەقسىز سىنىپلىرى»نىڭ سىياسىي نىشانى ئۇنىڭ مائارىپ نىشانىدىن يۇقىرى ئىدى. بۇ سىنىپلارغا كىرىشنىڭ شەرتى دەرستە ياخشى بولۇشتىن سىرت خىتاي كومپارتىيسىنى سۆيۈش، خىتاي دۆلىتىنى سۆيۈش، سوتسىيالىزىمنى سۆيۈش، خىتاينىڭ بىرلىكىنى قوغداش دېگەن پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش ئەڭ مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

 

گەرچە خىتايدىكى ئاخباراتلار بۇ سىياسەتنى ماختاپ، خىتاي كومپارتىيسى خۇددى «ئاتا-ئانىسىدەك» بۇ ئوقۇغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى دەپ تەشۋىقات قىلسىمۇ، ئەمما ئاپتور ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ ئەكسىچە تەسىرى بارلىقىنى ئېيتقان.

 

1. قوشۇۋېتىشكە قارشى تۇرۇش

 

ئۇيغۇر، قازاق ئوقۇغۇچىلار گەرچە سىنىپتا خىتايلار بىلەن بىللە دەرس ئۆگەنسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشتا يەنىلا ئۆزىنىڭ يۇرتىدىن كەلگەنلەر بىلەن ئارىلىشىشنى خالايدۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا خىتايلار بىلەن ناھايىتى ئاز ئۇچرىشىدۇ، بۇنىڭ بىر سەۋەبى، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئۆيىگە قايتالايدۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خۇددى ھەربىي تۈزۈمدىكى مەكتەپلەردەك ياتاقلىق تۇرمۇشتا ياشايدۇ، بايرام ۋە بەزى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ مەكتەپ سىرتىغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، بۇ خىل پەرقلىق تۇرمۇش ھالىتى ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ خىتايلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى دائىم ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

 

بېيجىڭدىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئايگۈل خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىدىن سورىغان بەزى سوئاللارنىڭ ھاقارەتلىك ئىكەنلىكىنى دەيدۇ :» سىلەرنىڭ شىنجاڭدا تېلىۋىزور بارمۇ؟ سىلەر سىمونت يوللارنى كۆرۈپ باققانمۇ؟» گۇاڭدۇڭدىكى بىر مەكتەپنى پۈتتۈرگەن رازىيەنى خىتاي مۇئەللىم ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ماختاپ مۇنداق دېگەن:» بۇ شىنجاڭلىق قىز ئوقۇغۇچى تولىمۇ نامرات يەردىن كەلسىمۇ، شۇنداقلا ئۆمرىدە بەلكىم ئەزەلدىن پىچىنە يەپ باقمىغان، ئەمما بۇ قىز ھۆكۈمەتتىن ئالغان پۇلنى يىغىپ قويىدىكەن، تېجەشلىكنى بۇ قىزدىن ئۆگىنىشىڭلار كېرەك.» ئەمەلىيەتتە، بۇ كەمسىتىش سۆزلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرىغا تېگىپ، ئۇلارنىڭ خىتايلارغا قوشۇلۇپ كېتىشگە قارشى تۇرغان.

 

2. تىل

 

گەرچە «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇتۇش پەقەت خىتاي تىلىنى ئاساس قىلسىمۇ، ئەمما دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلار يەنىلا ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىدۇ. خىتاي ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوقۇغۇچىلاردا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ تولىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان، ھەتتا بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر تىلىدا تىللىغان، چۈنكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيدۇ.

 

3. كۈلتۈر

 

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دىنىي جەھەتتن مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلغان، «شىنجاڭ سىنىپلىرى» بار مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان ئاشپەزلەر مۇسۇلمانچە تاماق ئېتىپ بەرگەن. ئۇندىن باشقا، يەنە قۇربان ھېيىت، نوۋرۇز قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملارنى تەبرىكلىگەن، بۇنىڭدا «بېيجىڭ لۇخى ئوتتۇرا مەكتەپ» دىكى بايراملىق پائالىيتى مىسال قىلىپ ئۆتۈلگەن.

 

يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى»نى تەسىس قىلىشى، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىككىنچىدىن، خىتاي دۆلەتچىلىك ئىدىيسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. گەرچە » شىنجاڭ سىنىپى» ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا زامانىۋى مائارىپنى تەمىنلىگەن بولسىمۇ، سىياسىي نىشان جەھەتتە مەغلۇپ بولغان. ئۇيغۇر-خىتاي ئالاقىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا ئىشلىتىلمەسلىكى، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىشنى ئارزۇ قىلىشى قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇۋېتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتدۇ.

 

گەرچە مائارىپ جەھەتتە بەزى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھازىرقى شىنجاڭدىكى مائارىپ تەرەققىياتىدىن رازى ئەمەس. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئوقۇش پۇلىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىممەت بولۇشى، تىل سىياسىتىنىڭ ئادالەتسىزلىكى، ئالىي مەكتەپ مائارىپىنىڭمۇ خىزمەت تېپىشقا كاپالەت بولالمايدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى جىددىي ھالىتىنى ساقلىغان.

 

بۈگۈنكى «لاگىر مەسىلىسى» ۋە تۇتۇلۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن باللىرى تەربىيلىنىۋاتقان » بالىلار لاگىرلىرى» مۇشۇ خىل مەغلۇپ بولغان سىياسەتنىڭ يېڭى بىر ۋارىيانتى دەپ قارايمەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي پۇقراسى دەپ ئېتراپ قىلمىدى، ھەقىقىي پۇقرا بولۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئۆز مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي بولۇشى كېرەك. نەچچە يىللار بۇرۇن، خىتاي بۇ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستىلىك يوقىتىشنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تازا ئۈنۈم بەرمىدى.مەسىلەن، مەكتەپتە ئېچىلغان «مۇسۇلمانچە ئاشخانا» ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى ئۇلارنىڭ دىنىي كىمللىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ، يەنە قۇربان ھېيتقا ئوخشاش دىنىي بايراملارمۇ ئۇلارنىڭ خىتايلارغا ئوخشىمايدىغان بىر مەدەنىيتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى گەرچە خىتاي مەكتىپىدە تۇرسىمۇ، ئەمما ياتاقتا ئۇلار يەنىلا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ ئەڭ چوڭ بىر ئىپادىسى. ئۇنداقتا، بۇ مەدەنىيەت ئامىللىرى قەيەردە يېتىلگەن؟ ھەممىسى ئەڭ كىچىك ۋەتەن دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر ئائىلىرىدە يېتىلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن، مەكتەپتىكى خىتاي مائارىپى ئارقىلىق يوقىتىش گەرچە ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتا ئۈنۈم بېرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيسى ئۆزىنىڭ «ھاياتى»نىڭ شۇ ۋاقىتقىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى مىليون ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئالىم، ئۆلىما، سەنئەتكارلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بالىلارنى پۈتۈنلەي خىتاي قىلىپ تەربىيلەش سىياسىتىنى » مەسىلىنى تۈپ يىلتىزدىن يوقىتىش» دەپ چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ دەپ قارايمەن.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش قۇرۇلۇشىغا ئائىت يېڭى مەلۇماتلار

پە يانۋار 10 , 2019
چەت ئەلدە خىتاي دۆلىتىدىكى خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان «زىمىستان قىش» دېگەن تور ژۇرنىلى بار.

You May Like