ب د ت يىغىنىدا تۈر كىيەدىن خىتايغا چاقىرىق: خاتىمە بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز

كىشىلىك ھوقۇق كومتېتىنىڭ 40 – نۆۋەتلىك «يۇقىرى دەرىجىلىك»لەر يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە توختۇلۇپ: خىتاينىڭ يۈرگۈزىۋاتقان ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى، ئېيتتى.

Habar7.com

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 25- فېۋرال

تەييارلىغۇچى: باتۇر قاراخانلى

تەھرىرى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-02-25

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

كىشىلىك ھوقۇق كومتېتىنىڭ 40 – نۆۋەتلىك «يۇقىرى دەرىجىلىك»لەر يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە توختۇلۇپ: خىتاينىڭ يۈرگۈزىۋاتقان ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى، ئېيتتى.

كىشىلىك ھوقۇق كومتېتىنىڭ 40 – نۆۋەتلىك «يۇقىرى دەرىجىلىك»لەر يىغىنىدا سۆز قىلغان تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ( شەرقىي تۈركىستان )دا ياشايدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتلارنىڭ كىشىنى چۆچىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چاۋۇشئوغلۇ، خىتاينىڭ تېروررلۇققا قارشى كۆرەشتە بىگۇناھ كىشىلەر بىلەن تېروررچىلارنى بىر – بىرىدىن ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. چاۋۇشئۇغلۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ مەدەنىي كىملىكلىرىنى پۈتۈنلەي ساقلاپ قېلىشى ۋە دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا دەخلى – تەئەررۇز قىلمىغان ھالدا ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن باشقا، چاۋۇشئوغلى تۈركىيەنىڭ خىتايدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە دىنى ئېتىقاد ھەق – ھوقۇقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان دەپسەندىچىلىكلەرگە خاتىمە بېرىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

http://www.haber7.com/dunya/haber/2835517-turkiyeden-cine-mesaj-son-bulmasini-bekliyoruz

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت قىيىنچىلىقى ھەققىدە يەنە چاقىرىق

سە فېۋرال 26 , 2019
ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى 25 – فېۋرال قىرغىزىستاندىكى قېرىنداشلارنىڭ پاسپورت سەۋەپلىك ئەنسىرەشتە قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

You May Like