ب د ت خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ۋەتىنىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدا ئەستايىدىل سۆھبەتلەشتى

ب د ت خىتاي بىلەن ئۇيغۇر ۋەتىنىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدا ئەستايىدىل سۆھبەتلەشتى

مەريەم ئۇيغۇر
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 5- ئاپرېل

 

ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن «ئەستايىدىل سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقى» نى، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) نى چەكلىمىسىز تەكشۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ئانتونىيو گۇتېررېس كانادا تېلېۋىزىيە قانىلى CBC دا مۇنداق دېدى: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھازىر تەپسىلىي سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا. مەن ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) غا كىرىشى ئۈچۈن ئىمكانقەدەر تېزرەك كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ خىتاينى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

 

ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ئۆزلىرىنىڭ خىتاينى داۋاملىق خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىز خىتاينىڭ دۆلەت بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بولغان ئەندىشىسىنى چۈشىنىمىز ۋە ھۆرمەت قىلىمىز، ئەمما بىز يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا خوڭكوڭ خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز.» دېگەن ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللاندى.

 

گۇتېررېس يەنە خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلغان كانادا پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت نىڭ بۇ ئەھۋال ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

 

خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش سىياسىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

 

ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بېيجىڭ «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتايدىغان، خەلقئارا جەمئىيەت «قايتا تەربىيىلەش لاگېرى» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن ئورۇنلاردا كەم دېگەندەبىر مىليون ئۇيغۇر مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

 

بېيجىڭ دائىرلىرى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دا قانچىلىك لاگېرنىڭ بارلىقى، قانچىلىك كىشىنىڭ قامالغانلىقى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ قانچىلىكىنىڭ نورمال ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قايتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

 

ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار لاگېرلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئېچىۋېتىش چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. گەرچە خىتاي ھازىرغا قەدەر ئاز ساندىكى چەتئەل دىپلوماتلىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ئۆزلىرى بەلگىلىگەن بىر قانچە لاگېرنى قىسمەن تەكشۈرىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، ب د ت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن رايوننى ئەركىن تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىدا بولۇشىغا قارىماي چوڭقۇرلاشماقتا

سە ئاپرېل 6 , 2021
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە يېغىۋىلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئىرقىي قىرىغىنچلىق يۈرگۈزىشى سەۋەبىدىن، خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشى ۋە تەنقىدىنىڭ كۈچىيىشىگە قارىماي، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىكى ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەگە قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش نىسبىتى تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

You May Like