ب د ت دا كەڭ كۆلەملىك «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى

ئەزىز ۋەتەنداشلار،

2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن يىغىلغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، جازا لاگىرلىرىغا ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن، بۇ ئارقىلىق ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە ياۋرۇپا كومىسيونى ھەمدە دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈچلىك دىققىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا كەينى كەينىدىن گۇۋاھلىق يىغىنلىرى ئېچىلدى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مۇزاكىرىلەر بولۇپ ئۆتتى ۋە بەزى قارارلار قوبۇل قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-13-كۈنلىرى، ب د ت ئېرقىي ئايرىمچىلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كومىتىتى خىتاينى جاۋاپكارلىققا تارتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇياشتىنمۇ رۆشەن بولغان پاكىتلارنى رەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ب د ت ۋە دۇنيا مەتبۇئاتىنى ھەيران قالدۇردى ۋە ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇردى. بۇ ئەھۋال شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالدىمىزدا يەنىمۇ خەتەرلىك ۋە زور بالايى – ئاپەتلەرنىڭ كۈتىۋاتقانلىقىدىن ئوچۇق بىشارەت بەرمەكتە. ۋەزىيەت ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنى تېخىمۇ جىددى ئويلىشىشقا ۋە جىددى ھەركەت قىلىشقا تەقەززا قىلىدۇ. ئالدىمىزدا ب د ت نىڭ ۋە خەلقئارانىڭ دىققەت ئىتىبارىنى تارتىش، 3 مىليون ئىنسانىمىزنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت كۈتۈپ تۇرماقتا.

2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ب د ت دا  «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئومۇمىي يۈزلۈك كۆزدىن كۆچۈرۈش» يىغىنى باشلىنىدۇ. يىغىنغا ب د ت غا ئەزا 200 گە يېقىن دۆلەتنىڭ دېپلوماتلىرى، يۈزلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ مۇخبىرلىرى قاتنىشىدۇ. بۇ يىغىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى يەنە بىرقېتىم نامايەن قىلىشنىڭ ئىنتايىن ياخشى پۇرسىتىدۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ب د ت دا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ تۈرلىك چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردى ۋە 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى ئالدىدا 2 – قېتىملىق «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. پۇتۇن ۋەتەنداشلىرىمىزنى ئۇمۇمىيۇزلۇك سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن  ياۋرۇپادىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن تەشكىل تاپقان «نامايىش تەييارلىق كومىتىتى» قۇرۇپ چىقتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچىنى ئاساس قىلغان بۇ قېتىمقى «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دىگەن شوئار ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۈيۈك نامايىشنى گېرمانىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، شىۋىتسارىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، بېلگىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائەت ۋەكىللىرى ھەمدە سىياسىي ئاكتىپلار بىرلىكتە تەشكىللەيدۇ. بۇ نامايىشقا ياۋرۇپادىكى تۈرك ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر، ئۇيغۇر داۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقان ياۋرۇپالىق دوستلارمۇ كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىنىدۇ.

ياۋروپادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن سىرت يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ساھىپخانلىقىدا 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىغا ۋە «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى ھەمكارلىق ۋە دوستلۇق ئۇچرىشىشى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن كېلىدىغان ۋەكىللىرىمىزمۇ ب د ت دا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى زور نامايىشقا بىرلىكتە ئىشتىراك قىلىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرىدىغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشىمىزنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى، ۋەتەنسىزلىك دەردىدە يۈرەك – باغرى قان بولغان ئەلسۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ باھانە – سەۋەب كۆرسەتمەستىن بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز!

ۋەتەن – مىللەتنىڭ دەردىگە تىلىمىزدىكى شۇئار ياكى قەلبىمىزدىكى ھېس –ھاياجانلار دەرمان بولالمايدۇ. ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ب د ت ئالدىدا مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى، خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى شۇنداق بىر ھاياجانلىق جاكارلايلىكى، مىڭلارچە ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق، جاراڭلىق شۇئار سادالىرىمىز ب د ت بىنالىرىنى لەرزىگە سالسۇن!

قەلبىدە ۋەتەن سۆيگۈسى، مىللىي ھېسسىياتى ھاكىم بولغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن يەنە ئىككى ئايدىن ئارتۇق تەييارلىق قىلىش زامانى بار. ئىش ئورنىدىن رۇخسەت سوراپ، بىر كۈنلىك ۋاقتىنى بۇ مۇبارەك غەليانغا ئاجرىتىش پۇرسەتلىرى مەۋجۇد.

بىز ياۋرۇپا تۇپراقلىرىدىكى بارلىق ئەر – ئايال قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ۋە ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ، 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇشلىرىنى ۋە بىر كۈنلۈك سەپەر ھازىرلىقىدا بولۇشلىرىنى تەلەپ قىلىمىز.

ئەگەر ئىمكانىيىتى يار بەرسە ياۋروپانىڭ سىرتىدىكى ئەللەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشىمىزغا قاتنىشىشىنى قىزغىن ئالقىشلايمىز!

ئۇيغۇر مىللىتى ھايات – ماماتلىق بوسۇغىسىدا جان تالىشىۋاتقان بۇ ھالقىلىق مىنۇتلاردا، ۋەتەن ئۈچۈن خىتايغا قارشى تۆلەنگەن ھەربىر زەررە بەدەلنىڭ قىممىتى بىباھادۇر. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي، دىنىي، ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلىش يولىدا بۇ كۈرەش ئۈچۈن بىر ئۈلۈش ھەسسە قېتىشقا ئالدىرايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. بۇ نامايىش توغرۇلۇق تەپسىلى مەلۇماتلار ۋە چاقىرىقلار داۋاملىق تولۇقلىنىپ ئېلان قىلىنىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

رابىيە خانىم: ئىستىپانامە

چا ئۆكتەبىر 17 , 2018
ئىستېپانامە ھۆرمەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى: مېنىڭ 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقىنىمغا بىر يىل بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندىكى كۈزىتىشىملىرىم، ھېس قىلىشلىرىم ۋە ئويلىرىمغا، شۇنداقلا ۋەتەندە كۈندە جىددىيلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەشكىلىي جەھەتتە يۈز بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، قۇرۇلتايدىكى ئالىي […]

You May Like